UyghurWiki
UyghurWikiدۆلەتلەرگۋىنىيە بىسسائۇ

گۋىنىيە بىسسائۇ

دۇنيادىكى دۆلەتلەر ئافرىقا ئالدى تەرەپنىڭ ئۆزى كەنت گۋىنىيە بىسسائۇنىڭ تولۇق ئاتىلىشى <گۋىنىيە بىسسائۇ جۇمھۇرىيىتى> بولۇپ، غەربىي ئافرىقىغا جايلاشقان، ئاتلانتىك ئوكيانغا يۈزلىنىپ تۇرىدۇ. دۆلەت نامى <گۋىنىيە> سۆزىگە پايتەخت نامى <بىسسائۇ> نى قوشۇشتىن ھاسىل بولغان. بىسسائۇ سۆزى ئېيتىشلارغا قارىغاندا بالنىتى تىلىدىن كەلگەن بولۇپ، مەنىسى <ئالغا قاراپ ماڭ> ياكى <ئالدى تەرەپنىڭ ئۆزى كەنت> ئىكەن. بۇ جاي 1446 - يىلىدىن باشلاپ، پورتۇگالىيىنىڭ مۇستەملىكىچىلىك تايانچ نۇقتىسى ۋە قۇل سودىسى بازىرى بولغان، پورتۇگالىيىلىكلەر ئەڭ دەسلەپ بۇ يەرگە كېلىپ نەگە مېڭىشىنى بىلەلمەي قېلىپ، يولدىن ئۆتۈپ كىتىۋاتقان بىر نېگىردىن: <ئالدىمىزدىكى كەنتنىڭ ئىسمى نىمە؟ دەپ سورىغاندا، بۇ بالنىتلىقكىشى ئۆز قەبىلىسىنىڭ تىلىدا Bissau (ئالدىڭغا ماڭ)> دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بۇنى خاتالىشىپ يەر نامى ئوخشايدۇ دەپ قېلىپتۇ- دە، شۇندىن ئېتبارەن پورتۇگالىيە ئىشلىگەن خەرىتىلەر <بىسسائۇ> نى ئۇ يەرنىڭ نامى سۈپىتىدە ھازىرغىچە قوللانغان، گۋىنىيە بىسسائۇ مۇستەقىل بولۇشتىن ئىلگىرى پورتۇگالىيىگە قاراشلىق گۋىنىيە دەپ ئاتالغان. 15 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا پورتۇگالىيىلىكلەر يېشىل تۇمشۇق تاقىم ئارىلىنى بېسىۋېلىپ، بۇ ئەتراپلارنى يېىشل تۇمشۇق تاقىم ئارىلى ۋالىيسىنىڭ باشقۇرۇشىغا بۆلۈپ بەرگەن، 1879 - يىلى يېشىل تۇمشۇق تاقىم ئارىلىدىن ئايرىۋېتىلىپ، ئايرىم مۇستەملىكە قۇرۇلغان، 1951 - يىلى پورتۇگالىيىنىڭ <سرت ئۆلكىسى> گە ئايلانغان، 1973 - يىلى 9 - ئاينىڭ 24 - كۈنى پورتۇگالىيىگە قاراشلىق گۋىنىيە خەلقى 11 يىللىق قوراللىق كۈرەش قىلىش ئارقىلىق، گۋىنىيە بىسسائۇ جۇمھۇرىيىتىنى قۇرغان. 1974 - يىلى 9 - ئاينىڭ 10 - كۈنى پورتۇگالىيە ئۇنىڭ مۇستەقىللىقىنى رەسمىي ئېتىراپ قىلغان. گۋىنىيە بىسسائۇنىڭ يەر مەيدانى 36.1 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر، ئاھالىسى 1 مىليون 140 مىڭ. كۆپ قىسمى ئافرىقىلىق. يەنە پورتۇگال ۋە ئەرەب مۇھاجىرلىرى ياشايدۇ. % 63ى ئىپتىدائىي دىنلارغا، % 36ى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. پورتۇگال ۋە كېلىئور تىلى قوللىنىلىدۇ. پايتەختى بىسسائۇ، پۇل بىرلىكى گۋىنىيە پېسوسى. _1446 يىلى، پورتۇگالىيىلىك نوئو تېلستان ئېكسپىېدىتىسيە قىلىپ بۇ يەرگە كەلگەندىن باشلاپلا، بۇ يەر پورتۇگالىيىنىڭ ئەڭ بۇرۇنقى مۇستەملىكىسى بولۇپ قالغان. 1951 - يىلى دەرىجىسى ئۆرلەپ ئۆزىنىڭ چەت ئەلدىكى تېررىتورىيىسىگە ئايلانغان. 1963 - يىلىدىن باشلاپ، گۋىنىيە - بىسسائۇ خەلقى مۇستەقىللىق پارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىكىدە ئويغىنىپ، كۈرەش تۇغىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، مۇستەملىكچىلەر بىلەن بوشاشماي كۈرۈش قىلىپ، 1973 - يىلى سېنتەبىردە مۇستەقىللىققا ئېرىشىكەن، خەلقىنىڭ قەھرىمانلىق ئىش ئىزلىرىنى خاتىرلەش ئۈچۈن مۇستەقىللىق ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ بايرىقىنى دۆلەت بايرىقى قىلىپ ئىشلەتكەن. جەڭ ئوتىدا بارلىققا كەلگەن بۇ بايراق ئۈستىگە بەش يۇلتۇز ئورنىتىلغان قىزىل ئۈزۈن چاس بىلەن سېرىق، يېشىل توغرا بەلدەمدىن تەركىب تاپقان.قىزىل رەڭ گۋىنىيە- بىسسائۇنىڭ مۇستەقىللىق گۈلى سانسىزلىغان ئەزىمەتلەرنىڭ ئىسسق قېنى بىلەن سۇغۇرۇلغانلىقىغا سىمۋول قىلىنغان، سېرىق رەڭ بايلىق، مول ھوسۇل ۋە خەلقىنىڭ ئۈمىدىنى مۇجەسسەملەشتۈرگەن؛ يېشىل رەڭ بىپايان كەڭ زېمىن، ئىنسانلارنىڭ چىقىش نوقتىسى ۋە ئاخىرقى مەقسىتىنى بىلدۈرگەن؛ بەش بۇرجەكلىك قارا يۇلتۇز گۋىنىيە- بىسسائۇ خەلقىنىڭ مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنىڭ شانلىق مۇسابىقىسىنىڭ خاتىرسى بولغان. قىزىل، سېرىق ۋە قارا رەڭدىن تەركىب تاپقان يۇمىلاق شەكىلدىكى دۆلەت گېربى 1973 - يىلى تۈزۈلگەن. بەش بۇرجەكلىك قارا يۇلتۇز مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنىڭ بەلگىسى بولۇپ، يېڭىدىن رەڭلىك قۇلۇلە قېپى گۋىنىيە - بىسسائۇنىڭ ئاتلانتىك ئوكيانغا قاراپ تۇرغانلىقىنى، نۇرغۇن ئاراللاردىن تەركىب تاپقانلىقىنى ھەمدە بېلىقچىلىقنىڭ خەلق ئىگىلىكىدىكى مۇھىم ئورىننى بىلدۈرگەن، قۇلۇلە قېپىنىڭ ئىككى يېنىدىكى ياغلىق پالما دەرىخى يۇپۇرمىقى دۆلەتنىڭ ئاساسلىق ئىقتىسادىي زىرائىتىدۇر. قىزىل لېنتىغا پورتۇگالىيىچە < ئىتتىپاق، كۈرەش، تەرەققىيات> دېگەن خەت يېزىلغان.
← بارلىق تېمىلار دۆلەتلەر
گۋىنىيە بىسسائۇ | UyghurWiki | UyghurWiki