جىبۇتى
دۇنيادىكى دۆلەتلەر
ئافرىقا
كۆيۈۋاتقان دېڭىز ساھىلى دۆلىتى
ئافرىقىنىڭ شەرقىي شىمالىغا جايلاشقان كىچىك بىر دۆلەت. ئۇ ئاسىيا، ئافرىقا، ياۋروپا ئارىلىقىدىكى مۇھىم قاتناش تۈگۈنى بولۇپ، ستراتېگىيىلىك ئورنى ئىنتايىن مۇھىم. ئوتتۇرا شەرقتىن ياۋروپا، شىمالىي ئافرىقىدىن ئوتتۇرا شەرق ۋە شەرقىي ئافرىقىغا، جەنۇبىي، شەرقىي ئاسىيالارغا قاتنايدىغان پاراخوتلارنىڭ كۆپىنچىسى جىبۇتىدا توختاپ ماي قاچىلايدۇ، ئېپوپىيىنىڭ ئېكسپورت قىلىدىغان، ئېمپورت قىلىدىغان ماللىرىنىڭ خېلى كۆپ بىر قىسمى ئەددىس - ئەبېبە جىبۇتى تۆمۈريولى ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىنىدۇ. شۇڭا ئۇ ئېپوپىيە ئۈچۈن ئېيتقاندىمۇ ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. جىبۇتىنىڭ يەر مەيدانى 21 مىڭ 873 كۋادرات كىلومېتر كېلىدۇ، ئاھالىسى 450 مىڭدىن ئاشىدۇ (1985). ئاھالىنىڭ كۆپىنى ئاپار، ئىسا (سومالى) دىن ئىبارەت ئىككى چوڭ مىللەت تەشكىل قىلىدۇ. ئۇلاردىن قالسا ئەرەبلەر، ياۋروپالىقلار، ھىندىلار، ھەبەشلەر ياشايدۇ. ئىسلام دىنى دۆلەت دىنى ھېسابلىنىدۇ، ئاپار تىلى، سومالى، ئەرەب تىلى ۋە فرانسۇز تىللىرىنى قوللىنىدۇ، ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى فرانسۇز تىلىنى قوللىنىدۇ. جىبۇتى يەر شەكلى جەھەتتىن ئېگىزلىكلەرنى ئاساس قىلىدۇ، دۆلەتنىڭ يەر ۋەزىيىتى غەربىي شىمالدىن شەرقىي جەنۇبقا قاراپ پەسلەپ بارىدۇ. ئۇنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا ئاسسا كۆلى جايلاشقان بولۇپ، ئۇنىڭ سۇ يۈزى ئەتراپىدىكى دېڭىزلار سۇ يۈزىدىن 150 مېتر پەس تۇرىدۇ. (بەزى ماتېرىياللاردا 173 مېتر پەس تۇرىدۇ دەپمۇ يازىدۇ)، بۇ ئافرىقا بويىچە يەر ۋەزىيىتى ئەڭ پەس جاي ھېسابلىنىدۇ. پۈتۈن دۆلەتنىڭ % 90تىنى قۇملۇقلار قاپلاپ تۇرىدۇ. قالغان %9 نى چارۋىچىلىق مەيدانلىرى، %1 نى ئورمانلار ئىگىلەيدۇ. ئۇنىڭ دېڭىز قىرغاق لىنىيىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 370 كىلومېتر كېلىدۇ. جىبۇتى 18 - ئەسىرنىڭ 50 - يىللىرىدىن ئىلگىرى تارقاق سۇلتانلىقلار قۇرۇلغان بىر ئورۇن ئىدى. 1859 - يىلى فرانسىيىللىكلەر بېسىپ كىرىشكە باشلىغان. 1888 - يىلى فرانسىيىنىڭ مۇستەملىكىسىگە ئايلانغان. 1946 - يىلى فرانسىيىنىڭ سىرتقى ئۆلكىسىگە ئۆزگەرتىلگەن. 1967 - يىلى ئىچكى ئاپتونومىيە ھوقۇقىغا ئىگە بولغان، 1977 - يىلى 6 - ئاينىڭ 27 - كۈنى مۇستەقىل بولۇپ دۆلەت نامىنى <جىبۇتى جۇمھۇرىيىتى> گە ئۆزگەرتكەن. 1979 - يىلى 1 - ئاينىڭ 8 - كۈنى دۆلىتىمىز بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان. جىبۇتى فرانسىيىنىڭ 115 يىللىق ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇپ مۇستەقىللىككە ئېرىشكەن بولسىمۇ، بۇ جايدا فرانسىيىنىڭ دائىمىي تۇرشلۇق 4000 دىن ئوشۇق ھەربىي قوشۇنى بار. فرانسىيە مۇشۇ قوشۇنغا تايىنىپ شۇ ئەتراپ بىلەن ھىندى ئوكياننى قوغدىماقتا، جىبۇتى ئىقتىسادتا يېزا ئىگىلىك بىلەن ئالماشتۇرۇش سودىسىنى ئاساس قىلىدۇ. دېھقانچىلىق قىلىدىغان تېرىلغۇ يېرى ئاز، پەقەت دۆلەتنىڭ پايتەختى جىبۇتى شەھىرى ئەتراپىدىلا ئاشلىق زىرائەتلىرى بىلەن كۆكتات ئۆستۈرۈلىدۇ. چارۋىچىلىق ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ. جىبۇتىنىڭ چارۋا مەيدانلىرى 200 مىڭ گېكتارغا يېتىدۇ. چارۋىچىلىقىدا ئاساسلىق قوي، ئۆچكە، كالا تۆگە قاتارلىقلار بېقىلىدۇ (1982). سانائىتىدە تۇز ئېلىش سانائىتى ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ، زامانىۋى سانائەتلەرنىڭ كۆپى پايتەختكە مەركەزلەشكەن. بۇ جايدا پاراخوت رېمونت قىلىش زاۋۇتى، تۆمۈريول زاۋۇتى، نېفىت ئايرىش، تېرە - خۇرۇم، ئېلېكتر ئىستانىسى، يېمەك - ئىچمەك، ماشىنىسازلىق قاتارلىق سانائەت ئورۇنلىرى بار.
جىبۇتىنىڭ تولۇق نامى جىبۇتى جۇمھۇرىيىتى بولۇپ، ئافرىقىنىڭ شەرقىي شىمالىغا جايلاشقان، قىزىل دېڭىزغا يۈزلىنىپ تۇرىدۇ. دۆلەت نامىنىڭ كېلىپ چىقىشىدا ئوخشىمىغان قاراشلار بار: بىرىچنى، <جىبۇتى> سۆزى ئالفا (Arfa) تىلىدا <قايناپ - تاشقان پار قازىنى> دېگەن مەنىدە بولۇپ، ئۇ جايلاشقان ئويمانلىقنىڭ شەكلى قازان شەكلىدە بولغاچقا، ئۇنىڭدىن <كۆيۈۋاتقان دېڭىز بويى دۆلىتى> دېگەن كۆچمە مەنە چىقىرىلغان. چۈنكى جىبۇتىنىڭ ھاۋاسى يىل بويى قاتتىق ئىسسىق بولۇپ، يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى ، ئەڭ يۇقىرى تىمپۇراتۇرىسى بولغاچقا شۇنداق ئاتالغان؛ ئىككىنچى، <جىبۇتى> سۆزى ئالفا تىلىدا <مىنىڭ قازىنىم> دېگەن مەنىدە. ئېيتىشلارغا قارىغاندا بىر قىسىم غەرب مۇستەملىكچىلىرى بۇ جايغا كېلىپ، بىر ياشانغان كىشىدىن بۇ يەرنىڭ نامىنى ئۇقۇشۇپتۇ، ئۇ بوۋاي ئۇ چاغدا قازاندا تاماق ئىتىۋاتقان بولۇپ، ئۆزىدىن تاماق ئىتىۋاتقان قانداق نەرسە دەپ سورىغان ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ قېلىپ، <بۇت> دەپ جاۋاپ بىرىپتۇ، ياۋرۇپالىقلار ئۇنىڭ سۆزىنى ئېنىق ئاڭلىيالماي، سۇئالنى يەنە بىر قېتىم تەكرارلاپتۇ، بوۋاي تىرىككىنىدىن <جىبۇتى>(<مىنىڭ قازىنىم>) دەپ جاۋاپ بىرىپتۇ.كېيىن جىبۇتى نامى تارقىلىپ قېلىپ، دۆلەت نامىغا ئايلىنىپتۇ. جىبۇتى مۇستەقىل بولۇشتىن ئىلگىرى ئومۇملاشتۇرۇلۇپ، <فرانسىيىگە قاراشلىق سومالى> دەپ ئاتالغان بولۇپ، ئافرىقىلىقلار ئۇنى <سومالى دېڭىز قىرغىقى> دەپ ئاتىغان. 1859 - يىلىدىن باشلاپ فرانسۇزلار تاجاۋۇز قىلىپ، 1887 - يىلى فرانسىيىنىڭ مۇستەملىكىسى قىلىۋالغان. 1967 - يىلى فرانسىيە مۇستەملىكىچى دائىرىلىرى ئۇنىڭ نامىنى <فرانسىيىگە قاراشلىق ئافار ۋە ئىسا يېرى> دەپ ئۆزگەرتكەن، چۈنكى ئۇ ئافار ۋە ئىسا ئىككى چوڭ مىللەتتىن تۈزۈلگەن. 1977 - يىلى 6 - ئاينىڭ 27 - كۈنى مۇستەقىللىق جاكارلاپ، <جىبۇتى جۇمھۇرىيىتى> نى قۇرغان.
جىبۇتىنىڭ يەر مەيدانى 23 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر، ئاھالىسى 520 مىڭ. ئىسا ۋە ئافارلار مۇتلەق كۆپچىلىكنى تەشكىل قىلىدۇ. ئەۋەب ۋە فرانسۇز تىلى ھۆكۈمەت تىلى ھېسابلىنىدۇ. ئاھالىسىنىڭ % 94ى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. پايتەختى جىبۇتى شەھىرى. پۇل بىرلىك جىبۇتى فرانكى.
- 1850يىلى،فرانسىيە ئافرىقا قىزىل دېڭىزنىڭ چېتىگە جايلاشقان دېڭىز بويىدىكى كىچىك ئەل - ھازىرقى جىبۇتىنى بېسىۋالغان ھەم بىرلىككە كەلتۈرگەن. 1946 - يىلى فرانسىيەبۇ جاينى يەنە ئۆزىنىڭ چەت ئەلدىكى زېمىنى دەپ بەلگىۋالغان ھەمدە 1967 - يىلى ئۇنى < فرانسىيىگە تەۋە ئافر ۋە ئسا زېمىنى > دەپ ئۆزگەرتكەن . ئالەمشۇمۇل ئىشلارنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن جىبۇتى بوشاشماي كۈرەش قىلىش ئارقىلىق، 1977 - يىلى ئىيۇندا مۇستەقىللىقنى قولغا كەلتۈرۈپ، يېڭى دۆلەت بايرىقىنى تۈزۈپ چىققان. دۆلەت بايرىقى سول تەرەپتىكى ئاق ئۈچبۇلۇڭ بىلەن ئوڭ تەرە پتىكىيېشىل ۋە كۆك ئىككى توغرا بەلدەمدىن تەركىب تاپقان. ئاق ئۈچبۇلۇڭنىڭ ئوتتۇرىسىغا ئىتتىپاقلىق ۋە ئىنقىلابقا سىمۋول قىلىنغان بىر بەش بۇرجەكلىك قىزىل يۇلتۇز ئورنىتىلغان. ئاق رەڭ خەلقنىڭ تىنچلق ۋە بارەۋەرلىككە تەشنا بولغان قەلبىنى ئىپادىلىگەن، كۆك رەڭ ئاسمان ۋە ئوكيانغا سىمۋول قىلنغان ،يېشىل رەڭ چەكسىز بايلققا ئىگە جۇشقۇنلۇقى ئۇرغۇپ تۇرغان كەڭ زېمىننى بىلدۈرگەن؛ كۆك ۋە يېشىل رەڭ بۇ دۆلەتنىڭ تەركىبىدىكى ئىككى ئاساسلىق مىللەت - ئىسالار، يەنى سومالىلارنى بىلدۈرگەن. ئۇلارنى بىلدۈردىغان كۆك رەڭ دەل سومالىنىڭ دۆلەت بايرىقىنىڭ رەڭگىدۇر. يېشىل رەڭ بولسا ئىسلام دىنىغا ئېتقاد قىلىدىغان ئارلارنى بىلدۈرگەن.
جىبۇتىنىڭ دۆلەت گېربى يېشىل زەيتۇن شېخى بىلەن ئورالغان كۆرۈنۈش بولۇپ، خەلقىنڭ دۆلەتنىڭ مەڭگۈا تىنىچلىقىغا تەشنا بولغان گۈزەل - ئارمىنىنى ئىپادىلىگەن؛ دۆلەت گېربىنىڭ ئوتتۇرىسىغا قارا قالقاندىن تېشىپ ئۆتكەن ئۇچى قىزىل بەشيۇلتۇزلۇزغا قارىتىلغان بىر نەيزە، نەيزىنڭ ئىككى يېنىدا قىلىچىنى چىڭ تۇتۇپ تۇرغان بىر جۈپ قارا قول سىزىلغان بولۇپ، جىبۇتى خەلقىنىڭ دۆلەتنىڭ مۇستەقىللىقى ۋە ئەركىنلىكىنى قوغداش يولىدا قورال ئىشلىتىشتىن ، قان تۆكۈلۈپ قۇربان بېرىشتىن يانمايدىغان ئىرادىسى نامايان قىلىنغان.