UyghurWiki
UyghurWikiدۆلەتلەرموڭغۇلىيە

موڭغۇلىيە

دۇنيادىكى دۆلەتلەر ئاسىيا بىزنىڭ ئوت ئاسىيانىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان ئىچكى قۇرۇقلۇق دۆلىتى. يەر مەيدانى بىر مىليون 565 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئىچكى قۇرۇقلۇق دۆلىتى ھېسابلىنىدۇ. موڭغۇلىيىنىڭ كۆپ قىسمىنى 1500 مېتىر كېلىدىغان ئېگىزلىكلەر تەشىل قىلىدۇ. يەر ۋەزىيىتىنىڭ غەربىي شىمالى ئېگىز بولۇپ، شەرقىي جەنۇبقا قاراپ پەسىيىپ بارىدۇ. ئالتاي، خاڭگاي تاغ چوققىلىرىنىڭ ئېگىزلىكى 3000 مېتىردىن ئاشىدۇ. تاغ ئارىلىقلىرىدا كۆللەر، كىچىك ئويمانلىقلار ناھايىتى كۆپ، موڭغۇلىيىنىڭ ئەڭ مۇھىم چارۋىچىلىق مەيدانلىرى شۇ ئورۇنلارغا جايلاشقان. موڭغۇلىيىنىڭ ئىقلىمى تىپىك ماتېرىك خاراكتېرلىك ئىقلىم تىپىغا كىرىدۇ. يازلىقى قىسقا، ئىسسىق، قىشلىقى ئۇزۇن، سوغۇق بولىدۇ. بىرىنچى ئاينىڭ ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ℃15 - دىن ℃35 - قىچە، 7 - ئاينىڭ ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ℃10 دىن ℃25 قىچە بولىدۇ. تېمپېراتۇرىنىڭ پەسىللىك، سوتكىلىق پەرقى ناھايىتى چوڭ بولىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى 200 مىللىمېتىر ئەتراپىدا بولىدۇ. شەرقىي جەۇبىدىكى گوبىي چۆللۈكىنىڭ ھۆل - يېغىنى 20-100 مىللىمېتىرغىچە بولىدۇ. ئايرىم تاغ رايونلىرىنىڭ 500 مىللىمېتىردىن ئاشىدۇ. يامغۇر مىقدارى كۆپرەك بولغان تاغلىقلار يىڭنە يوپۇرماقلىق ئورمانلار بىلەن قاپلىنىپ تۇرىدۇ. موڭغۇلىيىنىڭ ئاھالىسى بىر مىليون 912 مىڭدىن ئاشىدۇ (1985)، ئاھالىنىڭ %90 تىن كۆپرەكىنى موڭغۇللار تەشكىل قىلىدۇ، بۇلاردىن باشقا قازاق، توۋا قاتارلىق مىللەتلەر بار، بۇ قايدىكى جۇڭگو مۇھاجىرلىرىمۇ 70 مىڭدىن ئاشىدۇ. خارخا موڭغۇل تىلى دۆلەت تىلى ھېسابلىنىدۇ. موڭغۇلىيە ئەسلىدە <سىرتقى موڭغۇل> دەپ ئاتىلاتتى. 1921 - يىلى 7 - ئاينىڭ 11 - كۈنى مۇنارخىيە تۈزۈمىدىكى دۆلەت بولۇپ قۇرۇلغان. 1924 - يىلى 11 - ئاينىڭ 24 - كۈنى موڭغۇلىيە خەلق جۇمھۇرىيىتى بولۇپ قۇرۇلغان. موڭۇغۇلىيە ئەنئەنىۋى چارۋىچىلىق دۆلىتى، چارۋىچىلىق خەلق ئىگىلىكىنىڭ ئاساسى ھېسابلىنىدۇ. ھازىرقى ۋاقىتتىمۇ ئاھالىنىڭ يېرىمىدىن كۆپى دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. ئوتلاق ۋە چارۋىچىلىق مەيدانلىرى 13 مىليون 980 مىڭ گېكتاردىن ئاشىدۇ، چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %75-%80 نى، ئېكسپورتنىڭ 80-90% نى تەشكىل قىلىدۇ. چارۋىچىلىقىدا ئاساسلىق قوي بېقىلىدۇ (59.5%)، ئۇنىڭدىن قالسا ئۆچكە (%19)، كالا (%1)، ئات (%9)، تۆگە (%25) بېقىلىدۇ. دېھقانچىلىقى يېزا ئىگىلىكىدە ئانچە مۇھىم ئورۇن تۇتمايدۇ. موڭغۇلىيە سانائەتتە يېنىك سانائەتنى ئاساس قىلىدۇ. گۆش، سۈت، يۇڭ، تېرە قاتارلىق چارۋا مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش سانائەت قىممىتى پۈتۈن سانائەت ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %40 نى تەشكىل قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ياغاچچىلىق، ئېلېكتر ئېنېرگىيىسى، توقۇمىچىلىق، ماشىنىسازلىق، كانچىلىق قاتارلىق سانائەت تارماقلىرىمۇ بار. موڭغۇلىيىگە ئېھتىياجلىق ماشىنا ئۈسكۈنىلەرنىڭ% 90 ى، كۈندىلىك سانائەت ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ %70 ى سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ئېلىنىدۇ. موڭغۇلىيىنىڭ تولۇق ئاتىلىشى <موڭغۇلىيە جومھورىيىتى>بولۇپ،ئاسىيا قىتئەسىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى موڭغۇلىيە ئىگىزلىكىگە جايلاشقان.دۆلەت نامىنىڭ كېلىپ چىقىشىدا ئۈچ خىل قاراش بار: بىرىنچى، موڭغۇل سۆزى mong(Mahyدىن ئۆزگەرگەن بولۇپ، ئوت مەنىسىگە ئىگە)بولۇپ، مەنىى <بىزنىڭ ئوت> بولىدۇ. چۈنكى موڭغۇللار بىر كۆچمەن چارۋىچى مىللەت بولۇپ، ھەر قېتىم بىر جايغا كەلگەندە، كۆپچىلىك ئورتاق ئورۇقلىنىدۇ ھەمدە تەجرىبىلىك پېشقەدەمدىن بىرنى سەر ئاشپەز (تاماق باشقۇرغۇچى، زاپخوز)لىككە سايلاپ ،ئوزۇقلۇققا مەسئۇل قىلىدىغان ئادىتى بار؛ ئىككىنچى، ياپونىيە ئالىملىرىنىڭ قارىشىچە: موڭغۇل دىگەن نامنىڭ ئوقۇلۇشى موڭغۇل تىلىدىكى كۈمۈش (MOHTOn) ۋە مەڭگۈ (MOHXO) سۆزى بىلەن ئوخشىشىپ كەتكەچكە، <كۈمۈش> ياكى <مەڭگۈ> دېگەنلىك بولىدۇ دەپ چۈشەندۈرىدۇ؛ ئۈچىنچى، موڭغۇلىيە ئېگىزلىكىدىكى ئېرگۇنا دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىدا مۇڭ تېغى، ئەتراپىدا مۇڭ دەرياسى بولۇپ، موڭغۇلچە MOH??ON دەپ يېزىلىدۇ، مۇشۇ ئەتراپلاردا دەسلەپ <كونا تاڭنامە>دە كۆرۈلگەن بولۇپ، <موڭۋۇشىۋېي دەپ ئاتالغان؛يەنە>ۋېينامە<نىڭ رۇرۇلارغا ئائىت خاتىرىسىدە (مۇگۇگى) دېگەن نام كۆرۈلگەن بولۇپ، موڭغۇل دېگەنلىك بولىدۇ. بۇ، موڭغۇل نامىنىڭ 3_, 4_ ئەسىرلەردىلا بارلىقىنى ئىسپاتلايدۇ. تاڭ دەۋرىدىن كېيىنكى خەنزۇچە پۈتۈكلەردە ئىشلىتىلگەن مىڭۋاشۋېي، مېجېزى، شوۋگېشى، شوۋجىشۋېي، مېڭگۇ، مېڭگۇسى، مېڭگۇ قاتارلىق ناملارنىڭ كۆپچىلىكى موڭغۇل نامىنىڭ ئاھاڭى. ئۇزۇن ۋاقىتلارغىچە، ھەر قايسى موڭغۇل قەبىللىرىنىڭ ئورتاق مىللەت نامى بولمىغان، چىڭگىزخان ھەر قايسى موڭغۇل قەبىلىلىرىنى (موڭغۇللارنى) بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ھۆكۈمران قەبىلىنىڭ نامىنى ئىشلەتكەندىن كېيىن، ئومۇملاشتۇرۇلۇپ موڭغۇللار دەپ ئاتالغان. دۆلەت نامى مۇشۇ مىللەت نامىدىن ئۆزگەرگەن.موڭغۇلىيە ئەسلى جۇڭگوغا بېقىنىدىغان بولۇپ،تاشقى موڭغۇل دەپ ئاتىلاتتى. 1911 - يىلى چار روسىيىنىڭ كۈشكۈرتىشى بىلەن <ئاپتونومىيە> ئېلان قىلىپ، 1921 - يىلى 7 - ئاينىڭ 11 - كۈنى مۇستەقىللىق جاكارلاپ، پادىشاھلىق ئاساسىي قانۇنلۇق ھۆكۈمەت قۇرغان. 1924 - يىلى 11 - ئاينىڭ 26 - كۈنى پادىشاھلىق ئاساسىي قانۇنلۇق ھۆكۈمەت بىكار قىلىنىپ موڭغۇلىيە خەلىق جۇمھۇرىيتى قورۇلغان. 1946 - يىلى 1 - ئاينى 5 - كۈنى جۇڭگو گومىنداڭ ھۆكۈمىتى تاشقى موڭغۇلىيىنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلغان. 1991 - يىلى 11 - ئاينىڭ 21_كۈنى نامىنى <موڭغۇلىيە جومھورىيتى> گە ئۆزگەرتكەن. موڭغۇلىيە جۇمھۇرىيتىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 1.5665 مىليون كۋادرات كىلومېتىر، ئاھالىسى 2 مىليون 400 مىڭ %80 ى موڭغۇل، ئۇندىن باشقا قازاق، رۇس قاتارلىقلار بار. پايتەختى ئۇلانباتور، پۇل بىرلىكى تۈگرىك. مۇڭغۇللار قىزىل ۋە كۆك رەڭنى ئالاھىدە ياخشى كۆرىدۇ، ئۇلارنىڭ نەزىرىدە قىزىل رەڭدە شادلىق ۋە غەلبە تاشقىنلاپ تۇرىدۇ. كۆك رەڭ ئۇلار ئىنتىلگەن ساداقەتلىك ۋە سەمىمىيەتلىكنىڭ شاھىتىدۇر. موڭغۇللار .بۇ خىل ھەۋىسىنى موڭغۇل تارىخىدىكى قەدىمكى سويۇنبۇ نۇسخىسى بىلەن بەدئى ھالدا بىرلەشتۈرۈپ موڭغۇل دۆلىتىنىڭ دۆلەت بايرىقىغا خاس سېھرىي كۈچىنى شەكىللەندۈرگەن. سويۇنبۇ نۇسخىسىنڭ ئەڭ ئۈستىدىكى لاۋىلداپ كۆيگەن ئوت، موڭغۇل ئەجدادلىرى ئاتەشپەرەس بولۇپ، ئوتنى بەخىت - سائادەت ۋە روناق تېپىشنىڭ ئۇرۇقى دەپ ھېسابلىغان. ئۇنىڭ ئۈستىدىكى يالقۇن ئۈچكە بۆلۈنۈپ، ئۆتمۈش، ھازىر ۋە كېلەچەكنى، شۇنداقلا مۇستەھكەم ئىرادىسنىڭ يوقالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. يالقۇن ئاستىدا موڭغۇل خەلقىنىڭ ئەنئەنىۋى سىمۋوللۇقى - قۇياش ۋە ئاي بۇلۇپ، يالقۇن، قۇياش، ۋە ئاي بىرلەشتۈرۈلۈپ، گۈللەپ - ياشناش ۋە كۈنسايىن ئۆرلەشنى بىلدۈرگەن؛ ئاستى ۋە ئۈستىدىكى ئىككى ئۈچ بۇرجەك نەيزە بولۇپ، نەيزە ئۇچى ئاستىغا قاراپ تۇرغىنى دۈشمەنلەرگە قەتئى كەڭچىلىك قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئاستى ۋە ئۈستىدىكى ئىككى پارچە ئۇزۇن چاس ئادالەت ۋە ساداقەتتە چىڭ تۇرۇشنىڭ سىمۋولىدۇر. دەل ئوتتۇرىسىدىكى بېلىقسىمان رەسىم ئىناقلىقىنىڭ سىمۋولىدۇر. ئۇنىڭ ئىككى يېنىدىكى ئىككى پارچە ئۇزۇن چاس قەدىمكى كىتابتىكى شەھەر سېپىلىنى بىلدۈرگەن بۇلۇپ، ھازىر ئارمىيە - خەلقىنىڭ بىردەك بولۇپ، سېپىلدىنمۇ مۇستەھكەم ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. دۆلەت گېربى موڭغۇللارنىڭ تەبئى مەنزىرە ۋە ئۆرپ - ئادەتلىرى ھەققىدىكى كارتىنىسىدۇر. كۆك ئاسمانغا ئالاھىدە بېزەلگەن بىر ئات ئۇچقاندەك كەڭ زىمىندا پەرۋاز قىلغان. ئاتنىڭ ئۈستىگە سىزىلغان سۈرەتلەر دۆلەت بايرىقى بىلەن ئوخشاش بولۇپ، مەڭگۈ گۈللىنىش ۋە ياشاشقا بولغان تىلىكىگە سىمۋول قىلىنغان. ئات ئاستىدىك دارماساكرا بىلەن نېلۇفەر موڭغۇل خەلقىنىڭ بۇددا دىنىغا ئېتقاد قىلىدىغانلىقىنى؛ گېرب ئۈستىدىكى ئۈچ تال مەرۋايىت موڭغۇل زېمىنى مول بايلىققا ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
← بارلىق تېمىلار دۆلەتلەر
موڭغۇلىيە | UyghurWiki | UyghurWiki