پاكىستان
دۇنيادىكى دۆلەتلەر
ئاسىيا
پاك ئەل
جەنۇبىي ئاسىيانىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان دۆلەت. يەر مەيدانى 803 مىڭ 944 كۋادرات كىلومېتر بولۇپ، مەمۇرىي جەھەتتىن بەلوجىستان، غەربىي شىمال چېگرا ئۆلكىسى، پەنجاپ، سىنددىن ئىبارەت تۆت ئۆلكىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. پاكىستاننىڭ يەر ئۈستى كۆرۈنۈشى مۇرەككەپ بولۇپ، كۆپ قىسىم ئورۇنلىرىنى تاغلىقلار ئىگىلەيدۇ. ئۇنىڭ شىمالىدا قاراقۇرۇم، ھىمالايا تاغلىرى، غەربىي شىمالىدا ھىندىقۇش تاغلىرى ئورۇن ئالغان. ھىندىقۇش تېغىدا ئافغانسىتان بىلەن پاكىستاننى بىر - بىرىگە باغلاپ تۇرىدىغان بىر قانچە مۇھىم تاغ ئېغىزلىرى بار. بۇلارنىڭ قاتناش ۋە ستراتېگىيە جەھەتتىكى رولى ناھايىتى چوڭ. پاكىستاننىڭ پېشاۋار شەھىرى پاكىستان بىلەن ئافغانىستان ئارىلىقىدىكى كېبېر تاغ ئېغىزىغا 16 كىلومترلا كېلىدۇ. بۇ شەھەر تاشيول ئارقىلىق ئافغانسىتاننىڭ پايتەختى كابول شەھىرى تۇتىشىپ تۇرىدۇ. پاكىستاننىڭ پۈتۈن غەربىي قىسمىنى بەلوجىستان ئېگىزلىكلىرى ئىگىلەپ تۇرىدۇ. ئوتتۇرا قىسمىدا شىمالدىن جەنۇبقا قاراپ سوزۇلغان سۇلايمان تاغلىرى دۆلەتنى شەرق، غەرب دەپ ئىككىگە بۆلۈپ تۇرىدۇ. بۇ تاغلىقنىڭ غەربىي ۋە غەربىي جەنۇبىي قىسىملىرىنى ئاساسەن تاغلىق ۋە ئېگىزلىكلەر، شەرقىي ۋە شەرقىي جەنۇبى قىسىملىرىنى ھندى دەريا بويى تۈزلەڭلىكلىرى، قۇملۇقلار قاپلاپ تۇرىدۇ. دۆلەتنىڭ يەر ئۈستى كۆرۈنۈشىنىڭ بىر ئالاھىدىلىكى شۇكى، ئۇنىڭ شىمال، غەربىي شەرقىي شىمال قىسىملىرىنىڭ يەر ۋەزىيىتى سەل ئېگىز بولۇپ، شەرقىي جەنۇب ۋە جەنۇبقا قاراپ تەدرىجىي پەسىيىپ بارىدۇ. شۇڭا قاراقۇرۇم، ھىمالايا، ھىندىقۇش تاغلىرىدىن باشلانغان دەيالارنىڭ ھەممىسى شەرقىي جەنۇب، جەنۇب يۆنىلىشىدە ئېقىپ ئاخىرى ھىندى دەريا سۇ سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈپ ئەرەب دېڭىزىغا قۇيۇلىدۇ. ئۇنىڭ كۆپ قىسىم ئورۇنلىرىنىڭ ئىقلىمى سۇبتروپىك دالا ئىقلىمى بىلەن سۇبتروپىك چۆل ئىقلىم تېپىغا كىرىدۇ. كۆپ قىسىم جايلىرى قۇرغاق ئىسسىق بولىدۇ. ھۆل - يېغىنى جەنۇبتىكى 100 مىللىمتېردىن شىمالدىكى 700-1000 مىللىمتېرغىچە ئارتىپ بارىدۇ. ئۇنىڭ شىمالدىكى تاغ باغرىلىرى ئورمان بىلەن قاپلىنىپ تۇرىدۇ. پاكىستاننىڭ ئاھالىسى 100 مىليون 11 مىڭدىن ئاشىدۇ (1985). ئاھالىنىڭ كۆپىنى پەنجاپ، سىند، پاتان، بەلوجى قاتارلىق مىللەتلەر تەشكىل قىلىدۇ، % 97 ى ئىسلام دىنىغا، قالغىنى ھىندى دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. ئوردو تىلى دۆلەت تىلى ھېسابلىنىدۇ، ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ئىنگلىز تىلىنى قوللىنىدۇ. پاكىستان ئوردوچە سۆز بولۇپ، <پاك ھىندىستان بىلەن بىر دۆلەت بولۇپ، 1757 - يىلدىن باشلاپ ئەنگلىيىنىڭ مۇستەملىكىسى بولغان. 1947 - يىلى ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى ئەنگلىيىگە قاراشلىق ھىندىستاننى دىنىي ئېتىقادىغا قاراپ پاكىستان ۋە ھىندىستان دەپ ئىككى دۆلەتكە ئايرىپ، ئۇلارغا ئاپتونومىيە ھوقۇقى بېرىشكە مەجبۇر بولغان. بۇ بەلگىلىمە بويىچە پاكىستان شەرقىي پاكىستان، غەربىي پاكىستان دەپ ئىككىگە ئايرىلغان. 1947 - يىلى 8 - ئاينىڭ 14 - كۈنى پاكىستان مۇستەقىل بولغانلىقىنى ئېلان قىلغان. شەرقىي پاكىستان 1971 - يىلى 3 - ئاينىڭ 26 - كۈنى بېنگال دۆلىتى بولۇپ قۇرۇلغان. پاكىستان 1956 - يىلى 3 - ئاينىڭ 23 - كۈنى دۆلەت نامىنى پاكىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىگە ئۆزگەرتكەن. 1951 - يىلى 5 - ئاينىڭ 21 - كۈنى دۆلىتىمىز بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان. پاكىستان يېزا ئىگىلىكىنى ئاساس قىلغان دۆلەت. ئاھالىسىنىڭ% 72 تى يېزا ئىگىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى پۈتۈن خەلق ئىگىلىكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ% 36 ىنى، ئېكسپورتىنىڭ % 45 نى ئىگىلەيدۇ (1984). دېھقانچىلىقىدا ئاساسەن بۇغداي ئىشلەپچىقىرىدۇ. ئۇنىڭدىن قالسا كېۋەز، ئارپا، شال، كۆممىقوناق، شېكەر قومۇشى قاتارلىق زىرائەتلەر ئۆستۈرۈلىدۇ. ئاشلىق بىلەن ئۆزىنى تەمىنلەپ، ئېكسپورت قىلىدۇ. چارۋىچىلىقىدا ئاساسلىق قوي، ئۇنىڭدىن قالسا تۆگە، كالا بېقىلىدۇ. سانائىتىدە توقۇمىچىلىق مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا پولات - تۆمۈر، ماشىنىسازلىق، خىمىيە، تېرە - خۇرۇم، قەغەز، خىمىيىۋى ئوغۇت، سېمونت، كان مەھسۇلاتلىرىنى قېزىش، يېمەك - ئىچمەك قاتارلىق سانائەتلىرى بار. ئۇنىڭ ئاساسىي سانائەتلىرى كاراچى، لاھور، ھەيدەر ئاباد، ئىسلام ئاباد، كېۋتېتا، مولىتان، سوككور قاتارلىق شەھەرلەرگە مەركەزلەشكەن.
پاكىستاننىڭ تولۇق نامى >پاكىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى< بولۇپ، جەنۇبىي ئاسىيا ئىككىنچى چوڭ قۇرۇقلۇقنىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان. دۆلەت نامىنىڭ كېلىپ - چېقىشىدا ئىككى خىل قاراش بار؛ بىرىنچى، 1930 - يىلى ئاتاقلىق مۇسۇلمان شائىر، مۇتەپپەككۇر ۋە پەيلاسوپ مۇھەممەد ئەكبەر ئەل ئابادتا ئېچىلغان مۇسۇلمانلار ئىتتىپاقى قۇرۇلتيىدا تۇنجى قېتىم پاكىستان قۇرۇش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، جەنۇبىي ئاسىيا ئىككىنچى چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئويۇشۇپ، پاكىستان دۆلىتى قۇرۇپ چىقىشنى ئۈمىد قىلغان. پاكىستان ئوردوچە سۆز بولۇپ، <پاك> دېگەن <پاك>، <مۇقەددەس>، <سىتان> بولسا <دۆلەت> ياكى <رايۇن> دېگەن مەنىدە بولۇپ، بىرلەشتۈرۈلۈپ <پاك كىشىلەر ئولتۇراقلاشقان ماكان>، يەنى <پاك ماكان> دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.يەنە بەزىلەر پاكىستاننىڭ ئىسلام جۇمھۇرىيىتى نامىغا قاراپ، ئۇنى ئوردۇنامىنى كەمبېرىج ئونىۋېرسىتىېتىدا ئوقۇپ كەلگەن مۇسۇلمان ئوقۇغۇچىلار 1933 - يىلى مەسلىھەتلىشىپ ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇلار پەنجاپ، ئاففانىستان، كەشمىر، ئىران، سىند قاتارلىق مۇسۇلمان دۆلەتلىرى ۋە رايونلىرى نامىنىڭ باش ھەرپى ۋە بىلوجى نىڭ ئاخىرقى ھەرىپىنى pakistan، يەنى پاكىستان قىلىپ بىرلەشتۈرگەن، بۇنىڭ مەنىسى <بۇ بىر مۇسۇلمان ئۆلكىلىرىدىن تەشكىللەنگەن دۆلەت> بولىدۇ. پاكىستان ۋە ھىندىستان ئەسلى بىر دۆلەت بولۇپ، 1858 - يىلى پۈتكۈل جەنۇبىي ئاسىيا ئىككىنچى چوڭ قۇرۇقلۇقى ئەنگلىيىنىڭ مۇستەملىكسىگە ئايلىنىپ قالغان. 1947 - يىلى ئەنگلىيە >مىكماخون لايىھىسى< نى ئېلان قىلىپ، ئەنىگلىيىگە قاراشلىق ھىندىستاننى ئاھالىسىنىڭ دىنىي ئېتىقادىغا ئاساسەن پاكىستان ۋە ھىندىستاندىن ئىبارەت ئىككى دۆلەتكە بۆلۈپ ئىدارە قىلغان. شۇ يىلى 8 - ئاينىڭ 14 - كۈنى پاكىستان دۆلىتى قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلاپ، ئەنىگلىيە فېدېراتسىيىسىنىڭ ئەزاسى بولغان (غەربىي ۋە شەرقىي پاكىستاندىن ئىبارەت ئىككى قىسىمنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ). 1956 - يىلى 3 - ئاينىڭ 23 - كۈنى پاكىستان ئسلام جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان. 1971 - يىلى ھىندىستان - پاكىستان ئۇرۇشىدىن كېيىن ئەسلىدىكى شەرقىي پاكىستان بۆلۈنۈپ، بېنگال دۆلىتى بولۇپ قۇرۇلغان. 1972 - يىلى 1 - ئايدا پاكىستان ئەنگلىيە فېدىراتسىيسىدىن ئايرىلىپ چىققان.
پاكىستاننىڭ يەر مەيدانى 796.095 مىڭ كۇۋادرات كىلومېتىر، ئاھالىسى 130 مىليون. بۇنىڭ% 63 نى پەنجاب مىللىتى، % 18نى سىندلار، %11پاتانلار تەشكىل قىلىدۇ. ئوردۇ ۋە ئېنگلىز تىلى كەڭ قوللىنىلىدۇ. ئاھالىنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. پايتەختى ئىسلامئاباد، پۇل بىرلىكى رۇپىيە.
پاك دۆلىتى> پاكىستان ئىلگىرى ئەنگلىيە تەۋەلىكىدىكى ھىندىستاننىڭ بىر قىسىمى ئىدى، % 95 ئاھالىسى ئىسلام دىنىغا ئېتقاد قىلىدۇ. 1947 - يىلى ئەنگلىيە < مۇنبادۇن لايىھىسى > نى ئېلان قىلىپ، ھىندىستان بىلەن پاكىستاننى ئايرىپ ئىدارە قىلىشنى يولغا قويغاندا پاكىستان مۇستەقىل بولغان. مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن تۈزۈپ چىققان پاكىستان دۆلەت بايرىقى ئىسلام دۆلەتلىرىدە ئەڭ ۋەكىللىككە ئىگە دۆلەت بايرىقى بولۇپ، توق يېشىل رەڭ ئاق رەڭدىن تەركىب تاپقان. يېشىل بايراقنىڭ مەركىزىگە بىر ئاق ھىلال ئاي بىلەن بىر بەش بۇرجەكلىك يۇلتۇز سىزىلغان. يېشىل رەڭ ئىسلام دىنىدا مۇقەددەس رەڭ بولۇپ، گۈللىنىشكە سىمۋول قىلىنغان؛ بەش بۇرجەكلىك يۇلتۇز بىلەن ھىلال ئاي ئىسلام دىنىدا ئەڭ مۇقەددەس بىلىدىغان بەلگە بولۇپ، ئېگىلمەس - سۇنماس ئېتىقاد، نۇرلۇق ۋە تەرەققىياتنى بىلدۈرىدۇ. بايراق سېپى تەرەپتىكى تۆتتىن بىر قىسىم ئاق رەڭ ھىندى دىنى، بۇددا دىنى ۋە خرىستئان دىنىغا ئېتقادا قىلىدىغان ئاز سانلىق مىللەتلەرنى بىلدۈرۈپ، تىنىچلىقنى ئىپادىلىگەن.
پاكىستان پاختا، چاي، بۇغداي ۋە سېرىق كەندىرنى كۆپ ئىشلەپ چىقىرىدىغان دۆلەت بولۇپ، سانائەتنىڭ كۆپىنچىلىرىمۇ مۇشۇنداق زىراەئەتلەرنى خام ئەشيا قىلىپ پىششىقلاپ ئىشلەش بىلەن شۇغۇللانغانلىقى ئۈچۈن، پاكىستان خەلقى بۇ زىرائەتلەرنى دۆلەتنىڭ تۈپ ئاساسى دەپ قاراپ دۆلەت گېربىگە كىرگۈزگەنلىكى ئۇلارنىڭ مۇھىملىقىنى تولۇق كۆرسىتىپ بېرىدۇ. تۆت خىل زىرائەت سىزىلغان بۇ قالقانسىمان گېرب پاكىستان دۆلەت گېربىنىڭ ئاساسلىق كۆرۈنۈشىنى شەكىللەندۈرگەن، يېشىل شاخ ۋە ئاق گۈلدىن تەركىب تاپقان گۈل چەمبىرەك قالقانسىمان گېربنى مەڭگۈ ياشناپ تۇرغان ھالدا چۆرىدەپ تۇرغان. دۆلەت گېربىنڭ ئۈستىدىكى يېشىل ھىلال ئاي بىلەن بەش بۇرجەكلىك يۇلتۇز پاكىستان خەلقىنىڭ ئېتقادىنىڭ مۇستەھكەم ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم ئىپادىلىگەن. دۆلەت گېربىنىڭ ئاستىد بىر يېشىل بېزەك بولۇپ، ئۈستىگە دۆلەت تىلى - ئوردۇچە < ئېتقاد، بىرلىك، ئەمرىمەرۇپ> سۆز يېزىلغان.