ۋيېتنام
دۇنيادىكى دۆلەتلەر
ئاسىيا
جەنۇپتىكى زېمىن
ھىندىچىن يېرىم ئارىلىنىڭ شەرقىگە جايلاشقان. شىمالدا جۇڭگو بىلەن، غەربتە لائوس، كامبودژالار بىلەن چېگرىلىنىدۇ. مەيدانى 329 مىڭ 556 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. ئاھالىسى 59 مىليون 950 مىڭدىن كۆپ (1985) بولۇپ، 60 تىن ئوشۇق مىللەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇنىڭ 89% تىن كۆپرەكىنى جىڭ مىللىتى، قالغىنىنى يىزۇ، تەيزۇ، ماڭ، نۇڭ، مياۋ، ياۋ، تو قاتارلىق مىللەتلەر تەشكىل قىلىدۇ. خەنزۇلارمۇ بىرنەچچە يۈز مىڭغا يېتىدۇ. ۋيېتنام تىلى دۆلەت تىلى، پايتەختى خانو شەھىرى. ۋيېتنام شىمالدىن جەنۇبقا تار، ئۇزۇن سوزۇلغان دۆلەت. ئۇزۇنلۇقى 1650 كىلومتىر، شەرقتىن غەربكە ئەڭ تار جاي 50 كىلومېتىر كېلىدۇ. ئاننام تاغلىرى دۆلەتنى شىمالدىن جەنۇبقا كېسىپ ئۆتىدۇ. تاغلىق ھەم ئېدىرلىقلار پۈتۈن دۆلەت يېرىنىڭ 4/3 قىسمىنى تەشكىل قىلىدۇ. شىمالدا قىزىل دەريا تۈزلەڭلىكلىرى (15 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر). جەنۇبتا مىكونگ دەريا بويى تۈزلەڭلىكلىرى (31 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر) بار. بۇ جايلار ۋيېتنامنىڭ ئەڭ مۇھىم سانائەت، يېزا ئىگىلىك رايونلىرى ھېسابلىنىدۇ. ۋيېتنامنىڭ ئىقلىمى سۇبتروپىك بەلباغ ئىقلىم تىپىغا كىرىدۇ. ھەر يىلى 5 -، 10 - ئايغىچە ھۆلچىلىك پەسلى، قالغان ۋاقتى قۇرغاق پەسلى بولىدۇ. يىللىق ھاۋا تېمپېراتۇرىسى 24℃، شىمالدا تېمپېراتۇرىنىڭ پەرقى چوڭراق، جەنۇبتا ئازراق بولىدۇ. شىمالدا 1 - ئايلىق ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى 15℃، 7 - ئايلىق ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى 29℃ بولىدۇ. يىللىق ھۆل - يېغىن مىقدارى 1500-2300 مىللىمېتىرقغا يېتىدۇ. پۈتۈن دۆلەت يېرىنىڭ 40% نى ئورمان قاپلاپ تۇرىدۇ. ۋيېتنام ئۇزۇن تارىخقا ئىگە قەدىمىي دۆلەت. 19 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ فرانسىيە مۇستەملىكىلىچىلىرى بېسىپ كىرىشكە باشلىغان. 1884 - يىلى فرانسىيىنىڭ <قوغداش دائىرىسىدىكى دۆلەت> كە ئايلانغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا ياپون تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان. 1945 - يىلى 9 - ئاينىڭ 2 - كۈنى مۇستەقىللىككە ئېرىشكەن. 1945 - يىلى 9 - ئاينىڭ 23 - كۈنى فرانسىيە قايتا ۋيېتنامغا تاجفۋۇز قىلغان. ۋيېتنام خەلقى 9 يىللىق فرانسىيىگە قارشى ئۇرۇش قىلىپ 1954 - يىلى ئاخىرقى غەلىبىنى قولغا كەلتۈردى. بىراق شىمالىي كەڭلىك 17° سىزىقىنى چېگرا قىلغان ھالدا شىمالىي ۋيېتنام ھەم جەنۇبىي ۋيېتنامدىن ئىبارەت ئىككى رايون بارلىققا كەلدى. ۋيېتنام خەلقى جەنۇبىي ۋيېتنامنى ئازاد قىلىش يولىدا 1975 - يىلىغىچە ئامېرىكا ھەم جەنۇبىي ۋيېتنام قورچاقلىرىغا قارشى كۈرەش قىلدى. 1975 - يىلى 5 - ئاينىڭ 1 - كۈنى جەنۇبىي ۋيېتنامنى ئازاد قىلدى. 1976 - يىلى 7 - ئايدا ۋيېتنام بىرلىككە كەلگەنلىكىنى، دۆلەت نامىنىڭ <ۋيېتنام سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتى> بولغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ۋيېتنام يېزا ئىگىلىك دۆلەت، يېزا ئىگىلىكلىدە ئاساسلىق شال ئۆستۈرۈلىدۇ. ئۇنىڭدىن قالسا كۆممىقوناق، كېۋەز، شېكەر قومۇشى، چاي، كاۋچۇك، كوفى، پالما، كاۋاۋىچىن قاتارلىق زىرائەتلەر ئۆsتۈرۈلىدۇ. يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى پۈتۈن خەلق ئىگىلىكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ 30% نى، يېزا ئىگىلىك ئاھالىسى 80% نى تەشكىل قىلىدۇ. سانائىتىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى يېنىك سانائەت بىلەن قول سانائىتى ئىگىلەيدۇ. ئۇنىڭدىن قالسا پولات - تۆمۈر، سېمونت، ماشىنىسازلىق، كانچىلىق، يېمەك - ئىچمەك قاتارلىق سانائەت ئورۇنلىرى بار. ۋيېتنامنىڭ سۇ، قۇرۇقلۇق قاتنىشى قولاي، دۆلەتنى شىمالدىن جەنۇبقا كېسىپ ئۆتىدىغان 1700 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتا غول تۆمۈر يول لىنىيىسى بار. دېڭىز قىرغاقلىرىدا خون گاي، خاي - پخوڭ، كامېران، خۇشىمىن قاتارلىق مۇھىم پورتلىرى بار.
ۋيېتنامنىڭ تۇلۇق نامى <ۋيېتنام سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتى> بولۇپ، ھىندىچىنى يېرىم ئارىىنىڭ شەرقىي قىسمىغا جايلاشقان. رىۋايەتلەردە خاتىرىلىنىشچە، ۋىيىتنام ئۆزىنى ئەڭ بۇرۇن <ۋىنلاڭ> دەپ ئاتىغان، <ۋىنلاڭ> نامى ھازىرقى خۇڭخې دەريا دېلتىسى رايونىدا ياشىغان بىر قەبىلىنىڭ نامى بولۇشى ئېھتىمالغا ناھايتى يېقىن. مىلادىدىن بورۇنقى 257 - يىلى، ۋيېتنام نامىنى <ۋىنلاڭ> دىن <لاكۋېت> قا ئۆزگەرتكەن، خۇڭخې دەرياسى دېلتىسىدىن تېپىلغان قەدىمكى تۇچ قوراللار مەدەنىيىتىگە ئائىت يادىكارلىقلار ئىچىدىكى مىس دۇمباققا بىر خىل قۇشنىڭ سۈرىتى ئويۇلغان بولۇپ، ۋيېتنام ئالىملىرىنىڭ تەتقىقاتىغا ئاساسلانغاندا، بۇ خىل قۇش <لاك> قۇشى بولۇپ، كىن مىللىتىنىڭ ئاتا - بوۋىسى بولغان <كۋېت>لارنىڭ توتىمى ھېسابلىنىدىكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن، مىلادىدىن ئىلگىرىكى ئۈچىنچى ئەسىردە لاكۋېتلار ۋىنلاڭنى يەڭگەندىن كېيىن قۇرۇلغان يېڭى دۆلەتكە مىلادىدىن ئىلگىرىكى 257 - يىلى ئۆز نامىدا <لاكۋېت>دەپ نام قويغان.
دۆلىتىمىز تارىخناملىرىدىكى جانپور (يەنە لىنيى، خۇەنۋاڭ، جەنچىڭ دەپمۇ ئاتىلىدۇ) ۋيېتنام تارىخىدىكى قەدىمكى دۆلەت. 1010 - يىلى بۈيۈك يۆ دۆلىتى قۇرۇلۇپ، كېيىنچە لى سۇلالىسى، چېن سۇلالىسى ۋە كېيىنكى لى سۇلالىلىرى قۇرۇلغان، ئۇلار بەزىدە جۇڭگونىڭ بېقىندى ئىمپېراتور ئاتىلىپ، دۆلەت نامىنى <يەنيۆ> دەپ ئاتىغان. ئىككىنچى يىلى <ۋيېتنام> غا ئۆزگەرتكەن بولۇپ، ۋيېتنام نامى شۇندىن باشلانغان. <ۋيېتنام> سۆزى ۋيېتنام تىلىدا <جەنۇبتىكى زېمىن> مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ. 1858 - يىلى فىرانسىيە ۋيېتنامغا تاجاۋۇز قىلغان. 1884 - يىلى ياپونىيە تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان. 1954 - يىلى 9 - ئاينىڭ 2 - كۈنى، ۋيېتنام دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان 1976 - يىلى 7 - ئايدا، ۋيېتنام سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتى< گە ئۆزگەرتكەن.
ۋيېتنامنىڭ يەر كۆلىمى 329.556 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر، ئاھالىسى 75 مىليون، بۇنىڭ ئىچىدە 85%ى ۋيېتنام مىللىتى، قالغىنى تەيزۇ (تايلاندلىق)، كېخمىر، خەنزۇ قاتارلىقلار بار. پايتەختى خانوي. پۇل بىرلىكى دۇڭ.
ۋيېتنام شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيانىڭ شەرقىي ئوتتۇرا جەنۇبىي يېرىم ئارىلىغا جايلاشقان تارىخى ئۇزاق دۆلەت. مىلادىيىدىن ئۈچ ئەسىر بۇرۇن رېد - رىۋېر دېلتىسىدا ۋيېتنام دۆلىتى بارلققا كەلگەن. 1054 - يىلى لى چاۋ دۆلەت نامىنى بۈيۈك ۋيېتنام دەپ ئۆزگەرتكەن. 1802 - يىلى يەنە جەنۇبىي ۋيېتنام دەپ ئۆزگەرتكەن. ئىككىنچى يىلى چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى ئۇنىڭ نامىنى يۆنەن ( ۋيېتنام) دەپ بېكىتكەن ھەمدە پادىشاھنى رويخەتكە ئالغان. 1884 - يىلى ۋيېتنام فرانسىيىنىڭ ھامىيلىقىدىكى دۆلەتكە ئايلىنىپ قالغان. 1940 - يىلى يەنە ياپونىيە بېسىۋالغان. 1945 يىلى ۋيېتنام دېموكراتىك جۇمھۇرىيتى قۇرۇلۇپ، ئىلگىرى - كېيىن فرانسىيە، ئامېرىكا بىلەن كۆپ يىل ئۇرۇش قىلىپ، 1976 - يىلىدا پۈتۈن مەملىكەتنىڭ بىرلىكىنى قولغا كەلتۈرۈپ، دۆلەت نامىنى ۋيېتنام سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيتى دەپ بېكىتكەن. ۋيېتنامنىڭ دۆلەت بايرىقى قىزىل بولۇپ، ئوتتۇرىسىدا بىر بەش بۇرجەكلىك ئالتۇن يۇلتۇز بار. قىزىل رەڭ ۋيېتنام خەلقنىڭ ئۇزاق يىللاردىن بۇيان دۆلەتنىڭ مۇستەقىللىقى ۋە مىللەتنىڭ كومپارتىيىسىنى بىلدۈرگەن. ئالتۇن يۇلتۇزنىڭ بەش بۇرجىكى ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئىشچى، دېھقان، ئەسكەر، زىيالىيلار ۋە ياشلار قاتارلىق جەمئىيەتتىكى ھەر قايسى قاتلاملارنى كۆرسەتكەن.
دۆلەت گېربى يۇمىلاق شەكىلدىكى گېرب بولۇپ، ئوتتۇرىسىغا بىر ئالتۇن رەڭلىك بەش بۇرجەكلىك يۇلتۇز، ئاستىغا سانائەتنى بىلدۈردىغان چىشلىق چاق، ئەتراپى يېزا ئىگىلىكنى بىلدۈرىدىغان ئالتۇن رەڭلىك شال ۋە بۇغداي باشاقلىرى بىلەن بېزەلگەن. تۈۋىدىكى قىزىل لېنتىغا > ۋيېتنام سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتى< دېگەن خەت يېزىلغان.