ئالجىرىيە
دۇنيادىكى دۆلەتلەر
ئافرىقا
ئارال بولمىغان <ئارال> دۆلەت
ئافرىقىنىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان دۆلەت. قۇرقلۇقتا تۇنس، لىۋىيە، نېگىر، مالى، ماۋرىتانىيە، غەربىي سەھرا ۋە ماراكەشلەر بىلەن چېگرىلىنىدۇ، شىمالىي يەر ئوتتۇرا دېڭىز سۈيى بىلەن يۇيۇلۇپ تۇرىدۇ. مەيدانى 2 مىليون 382 كۋادرات كىلومېتر كېلىدۇ، ئاھالىسى 21 مىليون 510 مىڭدىن ئاشىدۇ (1985)، ئەرەبلەر ئاھالىنىڭ كۆپ قىسمىنى تەشكىل قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا بېربېر، توئارېگ، مۇراب قاتارلىق مىللەتلەر بار. ئىسلام دىنى دۆلەت دىنى، ئەرەب تىلى دۆلەت تىلى ھېسابلىنىدۇ، فرانسۇز تىلىنى ئورتاق ئىشلىتىدۇ. پايتەختى ئالجىر شەھىرى. ئالجىرىيىنىڭ شىمالىي قىسمىنى تېللى ئاتلاس، سەھرا ئاتلاس تاغلىرى بىلەن ئېگىزتەكشىلىكلەر قاپلاپ تۇرىدۇ. تېللى ئاتلاس، سەھرا ئاتلاس تاغلىرىنىڭ ئوتتۇرىسىغا ئويمانلىقلار، تۇزلۇق كۆللەر جايلاشقان. دۆلەتنىڭ ئوتتۇرا، جەنۇب قىسمىنى سەھرا قۇملۇقى ئىگىلەيدۇ، قۇملۇقلار پۈتۈن دۆلەت يېرىنىڭ % 85نى تەشكىل قىلىدۇ. قۇملۇقلارنىڭ ئوتتۇرا قىسىملىرىدا ئېگىز ھەم ئۆچكەن يانار تاغلار بىلەن نۇرغۇنلىغان بوستانلىق بار. دۆلەتنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا جايلاشقان تاخات چوققىسىنىڭ ئېگىزلىكى 2918 مېتر كېلىدۇ. دۆلەتنىڭ شىمالىدىكى يەر ئوتتۇرا دېڭىز قىرغاقلىرىدا تار تۈزلەڭلىك رايونلار بار. بۇ جايلاردا ئالجىرىيىنىڭ ئاھالىسى ئەڭ كۆپ ئولتۇراقلاشقان، سانائەت يېزا ئىگىلىك ئەڭ تەرەققىي قىلغان رايون ھېسابلىنىدۇ. ئالجىرىيىنىڭ ەھەر قايسى جايلىرىنىڭ يەر شەكلى ئوخشاش بولمىغانلىقتىن ئىقلىمىدىمۇ پەرق بار. دېڭىز قىرغاق رايونلىرى يەر ئوتتۇرا دېڭىز ئىقلىم تىپىغا، تاغلىرى يېرىم قۇرغاق ئىقلىم تىپىغا، قالغان قىسىملىرى تروپىك ئىقلىم تىپىغا كىرىدۇ. دېڭىز قىرغاق رايونلار بىلەن تاغلاردا ھۆل - يېغىن 300-800 مىللىمېترغا يېتىدۇ. قۇملۇق رايونلاردا 200 مىللىمېترغا يەتمەيدۇ. ئالجىرىيىنىڭ دېڭىز قىرغاق رايونلىرىغا مىلادىدىن بۇرۇنقى 12 - ئەسىردىن باشلاپ فىكيېلىكلەر كەلگەن. مىلادىدىن بۇرۇنقى 9 - ئەسىردىن باشلاپ گارتاگېلىقلا:رنىڭ كونتروللۇقىدا بولغان. مىلادىدىن بۇرۇنقى 3 - ئەسىردە ۋىزانتىيە ئىمپېرىيىسى ئىگىلىگەن. 7 - ئەسىردىن باشلاپ ئەرەب خەلقلىرى كۆچۈپ كېلىشكە باشلىغان. 16 - ئەسىردىن باشلاپ ئىسپانىيە، پورتۇگالىيە، فرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بېسىپ كىرىشكە باشلىغان. 1905 - يىلى فرانسىيە تەرىپىدىن پۈتۈنلەي بېسىۋېلىنغان. 1954 - يىلى فرانسىيە مۇستەمنلىكىچىلىرىگە قارشى قوراللىق كۈرەش قىلىپ، 1958 - يىلى 9 - ئاينىڭ 19 - كۈنى ئالجىرىيە جۇمھۇرىيىتىنى قۇرغان. 1962 - يىلى 7 - ئاينىڭ 3 - كۈنى رەسمىي مۇستەقىل بولۇپ، دۆلەت نامىنى ئالجىرىيە دېموكراتىك خەلق جۇمھۇرىيىتىگە ئۆزگەرتكەن. ئالجىرىيە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت، ئىقتىسادىي تارماقلىرىنى دۆلەت كونترول قىلىدۇ. سانائىتىدە نېفىت سانائىتى بىلەن تەبىئىي گاز سانائىتى ئاساس قىلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا پولات - تۆمۈر، ماشىنىسازلىق، ئاپتوموبىل، تراكتور، توقۇمىچىلىق، ھاراق ئىشلەش، قەغەز، يېمەك - ئىچمەك، تېرە - خۇرۇم قاتارلىق سانائەت ئورۇنلىرى بار. يېزا ئىگىلىكىدە بۇغداي، ئارپا، ئۈزۈم، زەيتۇن دەرىخى، خورما، ماندارىن قاتارلىق زىرائەتلەر ئۆستۈرۈلىدۇ. قوي، ئۆچكە قاتارلىق چارۋا ماللار بېقىلىدۇ. نېفىت، تەبىئىي گاز، تۆمۈر رۇدىسى، فوسفورلۇق، تۇز، ئۈزۈم ھارىقى، مېۋە - چىۋە ئېكسپورت قىلىنىدۇ. ماشىنا ئۈسكۈنىلىرى، پولات ماتېرىياللىرى، يېرىم پىششىقلانغان مەھسۇلاتلار، ئاشلىق، شېكەر قاتارلىق مەھسۇلاتلار ئىمپورت قىلىنىدۇ.
ئالجىرىيىنىڭ تولۇق نامى <ئالجىرىيە دېموكراتىك خەلق جۇمھۇرىيىتى> بولۇپ، ئافرىقىنىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان. دۆلەت نامى پايتەخت ئالجىرنىڭ نامىدىن كەلگەن. <ئالجىر> سۆزى ئەرەبچە <جەزىر> سۆزىنىڭ خاتا ئاھاڭى بولۇپ، مەنىسى <ئارال>. 935 - يىلى ئەرەب ئەمىرى جەۋھەر يىراققا يۈرۈش ئارمىيسىنى باشلاپ بۇ جايغا كېلىپ، بۇ يەرنىڭ قاتنىشىنىڭ قولاي، جۇغراپىيىلىك ئورنىنىڭ ئەۋزەللىكىنى بايقاپ، شۇ جايدا بىر يېڭى شەھەر بەرپا قىلىدۇ. بۇ يېڭى شەھەر ئوتتۇرا دېڭىز قىرغىقىغا، جەنۇبتا ئاتلاس تېغىغا بۆلۈنۈپ جايلاشقان بولۇپ، يىراقتىن قارىغاندا خۇددى بىر گۈزەل ئارالغا ئوخشىغان، بۇ خىل يەرلىك ئالاھىدىلىككە قاراپ ئەرەبلەر ئۇنىڭغا <جەزىر>، يەنى ئەرەبچە <ئارال> دېگەن مەنىدە نام قويغان. 1830 - يىلى فرانسىيە مۇستەملىكچىلىرى شىمالىي ئافرىقىنى بېسىۋالغاندىن كېيىن، ئالجىر فرانسىيىگە قاراشلىق شىمالىي ئافرىقا مۇستەملىكىسنىڭ ھۆكۈمرانلىق مەركىزىگە ئايلانغان، فرانسىيە مۇستەملىكچىلىرى ئالجىرىيىنى قوراللىق بېسىۋېلىپلا قالماي، يەنە ئۇنىڭ يەر ناملىرىنىمۇ مۇستەملىكىچىلەشتۈرگەن. ئۇلار <جەزىر> نى ئوقىماق تەس دەپ ھېس قىلىپ، ئۇنى Algea غا ئۆزگەرتىپ، بۇ دۆلەتنى <ئالجىرىيە Algeria> دەپ ئاتىغان، كېيىن <ئالجىر> ۋە <ئالجىرىيە> تارقىلىپ، بۇ دۆلەت ۋە پايتەختنىڭ رەسمىي نامى بولۇپ قالغان. ئۇ 1905 - يىلى فرانسىيىنىڭ مۇستەملىكىسىگە ئايلانغان. 1958 - يىلى 9 - ئاينىڭ 19 - كۈنى ئالجىرىيە جۇمھۇرىيىتى ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىغان. 1962 - يىلى 7 - ئاينىڭ 3 - كۈنى رەسمىي مۇستەقىللىق جاكارلاپ، شۇ يىلى 9 - ئاينىڭ 25 - كۈنى دۆلەت نامىنى <ئالجىرىيە دېموكراتىك خەلق جۇمھۇرىيىتى> قىلىپ بېكىتىدۇ.
ئالجىرىيىنىڭ يەر مەيدانى 2.3817 مىليون كۋادرات كىلومېتىر، ئاھالىسى 26 مىليون 600 مىڭ. بۇنىڭ % 83.5ى ئەرەبلەر، % 16ى بەربەرلەر، قالغىنى فرانسۇز، ئىسپان، ئىتالىيان مۇھاجىرلىرى. ئەرەب ۋە بەربەرلەر ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. ئەرەب تىلى ھۆكۈمەت تىلى بولۇپ، فرانسۇز تىلى ئومۇميۈزلۈك قوللىنىلىدۇ. بەربەرلەر ئۆز تىلىنى ئىشلىتىدۇ. پايتەختى ئالجىر، پۇل بىرلىكى ئالجىرىيە دىنارى.
ئالجىرىيە 1962 - يىلى مۇستەقىل بولۇپ، ئىلگىرىكى مىللىي ئازادلى فرونتىنىڭ 1948 - يىلىدىن بۇيان ئىشلىتىپ كەلگەن بايرىقىنى دۆلەت بايرىقى قىلىپ كەلگەن. يېشىل ۋە ئاق ئىككى تىك ئۇزۇن چاستىىن تەركىب تاپقان بۇ بايراقنىڭ ئوتتۇرىسىغا سەل يانتو قىلىپ بىر بەش بۇرجەكلىك قىزىل يۇلتۇز بىلەن بىر قىزىل ھىلال ئاي سىزىلغان. يېشىل رەڭ خەلقىنڭ كەلگۈسىگە بولغان ئۈمىدىنى بىلدۈرگەن، ئاق رەڭ پاكلىق ۋە تىنىچلىققا سىمۋول قىلىغان. قىزىل رەڭ ئىنقىلاب ۋە غايە ئۈچۈن كۈرەش قىلغان پىداكارلىق روھىنى ئىپادىلىگەن. ئالجىرىيىنى 6 - ئەسىردە ۋزانتىيە ئىمپېرىيىسى بېسىۋلغان. 16 - ئەسىردە ئوسمان ئىمپېرىيىسىنىڭ كونتىروللۇقىدىا بولغان. 1905 - يىلى يەنە فرانسىيىنىڭ مۇستەملىكىسىگە ئايلانغان. مۇرەككەپ ۋە ئۆزگۈرۈشچان تارىخ بۇ بايراقنىڭ بارلىققا كېلىش مەنبەسى ھەققىدە نۇرغۇن سۆز - چۆچەكلەرنى پەيدا قىلغان، ئەنئەنىۋى قاراشتا بۇ بايراقنى 19 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدىكى فرابسىيىگە قارشى مەشھۇر قەھرىمان ئابدۇللا قادىر پەيدا بولغان دېيىلگەن، ئەممد تېخىمۇ كۆپرەك كىشى ئۇنىڭ 1928 - يىلى مۇسالى ھاجى باشلاپ بەرگەن < شىمالىي ئافرىقا يۇلتۇزى >سىياسىي ھەركىتىدىن كېيىن لايھىلەنگەن دەپ قارايدۇ.
1976 - يىلى تۈزۈلگەن دۆلەت گېربى تۈش ئۇزارتىلغان بىر قالقاننى ئاساسلىق كۆرۈنۈش قىلغان، زەيتۇن شېخىنى ئېلىپ كەلگەن ئىككى كەپتەر باش بارماق بىلەن چىمچىلاق بارماققا قونغان. قالقان ئۈچ بارماق پەلەككە قادالغان بولۇپ، سانائەت، يەر ۋە مەدەنىيەت ئىنقىلابىدىن ئىبارەت دۆلەتنىڭ ئۈچ چوڭ ئىنقىلابقا سىمۋول قىلىنغان. قىزىل قۇياش قولنىڭ ئۈستىدىن كۆتۈرلۈپ گۈزەل ۋە باياشات يېشىل زېمىننى يۇرۇتۇپ، دۆلەتنىڭ مۇستەقىللىقى ۋە كېلەچەككە بولغان ئۈمىد ۋە ئىشەنچىنى نامايان قىلغان. ئالقاننىڭ سول يېندا تىك تۇرغان زاۋۇت، بورىۋاي مۇنارلىرى ۋە قويۇق ئورمان ئايرىم - ئايرىم ھالدا سانائەت، كان ، نېفىت ۋە ئورمانچىلىقنى بىلدۈرگەن. ئوڭ يېنىدىكى بۇغداي باشاقلىرى ۋە يېشىل زەيتۇن شېخى يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشقا سىمۋول قىلىنغان . دۆلەت گېربى ئاستىدىك قىزىل ھىلال ئاي بىلەن بەش بۇرجەكلىك يۇلتۇز ئالجىرىيىنى ئىسلام دىنى ۋە ئەرەب دۇنياسى بىلەن باغلاپ تۇرغان.