UyghurWiki
UyghurWikiدۆلەتلەرپەلەستىن

پەلەستىن

دۇنيادىكى دۆلەتلەر ئاسىيا فىلىستىنلىكلەرنىڭ زېمىنى پەلەستىننىڭ تولۇق نامى <پەلەستىن دۆلىتى> بولۇپ، ئاسىيانىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان، ئاسىيا، ياۋرۇپا، ئافرىقا ئۈچ چوڭ قىتئەنىڭ تۇتاشقان جايىغا توغرا كېلىدۇ. پەلەستىننىڭ كونا نامى <گانەن> بولۇپ، <ئويمانلىق> دېگەن مەنىدە. مىلادىدىن ئىلگىرى ئىككىنچى ئەسىرنىڭ ئالدى - كەينىدە گانەنلىكلەر بۇ يەردە ماكانلاشقان بولۇپ، شۇڭا شۇنداق ئاتالغان. پەلەستىن نامىنىڭ كېلىپ چىقىشىدا ئوخشىمىغان قاراشلار مەۋجۇت: بىرىنچى، رىم دەۋرىدىن باشلاپ ئاتالغان بولۇپ، گرېك تىلدا پەلەستىننىڭ مەنىسى <فىلىستىنلىكلەرنىڭ زېمىنى> بولىدۇ. مىلادىدىن 13 ئەسىر ئىلگىرى پەلەستىننىڭ دېڭىز بويى رايونلىىردا فىلىستىنلىكلەر ئولتۇراقلاشقان بولۇپ، ئۇلار ئىگەي دېڭىزى ئاراللىرىدىن كەلگەن كۆچمەن چارۋىچى قەبىلىلەر ئىدى. <فىلىستىن> نىڭ ئەسلى مەنىسى <كۆچمەن چارۋىچى> بولۇپ، ئۇنىڭغا <سىتان> قوشۇلسا، <كۆچمەن چارۋىچىلار ئولتۇراقلاشقان جاي> دېگەن مەنىدە بولىدۇ. مىلادى 135 - يىلى رىم ئىمپېرىيىسى پەلەستىننى بېسىۋالغاندا بۇ نامنى داۋاملىق قوللانغان. ئەرەبلەر پەلەستىن دەپ ئاتىغان بولۇپ، بۇ گرېكچە نامنىڭ خاتا تارقىلىشى بولىدۇ؛ ئىككىنچى، ئەرەب رىۋايەتلىرى بۇنى نوھ ئەلەيھىسالامنىڭ چوڭ ئوغلى پەلەستىن ياكى كەنجى ئوغلى فىلىستىننىڭ ئىسمىنىڭ خاتا تارقىلىشىدىن كەلگەن دەپ قارايدۇ؛ ئۈچىنچى، قەدىمكى زامانلاردا پەلەستىن قىرغاقلىرىدا ماكانلاشقان پەلەستىنلىكلەرنىڭ ئىسمىدىن ئۆزگەرگەن. مىلادىدىن ئىلگىرى 11 - ئەسىردە يەھۇدىيلار ئىبراي شاھلىقىنى قۇرغان، مىلادىدىن 63 - يىلى رىملىقلار بېسىپ كىرگەندە يەھۇدىيلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا مۇساپىر بولۇپ كەتكەن. 637 - يىلى ئەرەب ئىمپېرىيسىنىڭ بىر قىسمى بولغان، 16 - ئەسىردىن بىرىنچى دۇنيا ئورۇشىغىچە ئوسمان ئىمپېرىيىسىنىڭ بىر قىسمى بولغان، 1922 - يىلى ئەنىگلىيىنىڭ ۋاكالىتەن باشقۇرۇشىدىكى رايون بولغان، 19 - ئەسىرنىڭ ئاخىرى ياۋروپادىكى يەھۇدىيلار كەڭ كۆلەمدە بۇ جايغا كۆچۈپ كەلگەن، 1947 - يىلى 11 - ئايدىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ <پەلەستىننى بۆلۈپ ئىدارە قىلىش قارارى> دا بۇ رايوندا ئەرەب دۆلىتى ۋە يەھۇدىي دۆلىتى قۇرۇش بەلگىلەنگەن. 1988 - يىلى 11 - ئاينىڭ 15 - كۈنى پەلەستىن دۆلىتى ئالجىرىيىنىڭ پايتەختى ئالجىردا قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىغان. ھازىرغىچە پەلەستىننىڭ چېگراسى ئېنىق بەلگىلەنمىدى. 1991 - يىلى 11 - ئاينىڭ 30 - كۈنى پەلەستىن مەسلىسى بويىچە ئەرەب - ئىسرائىلىيە سۆھبىتى ئىسپانىيىنىڭ مادرىد شەھىرىدە باشلىنىپ، ۋە 1994 - يىلى 8 - ئايدا پەلەستىننىڭ بەش يىللىق ئۆتكۈنچى ئاپتونومىيە مەزگىلىدىن كېيىن مۇستەقىل بولىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن ۋە بۇ مۇددەتنىڭ 1999 - يىلى 5 - ئايدا توشىدىغانلىقى قەيت قىلىنغان. مىلادىيىدىن 3000 يىل بۇرۇن كەنئانىلار مۇشۇ جايدا ئولتۇراقلاشقان، < ئىنجىل > دا خاتىرىلىنىشىچە كانائان دەپ ئاتالغان. مىلادىيدىن بۇرۇنقى 13 - ئەسىردە ئېگىي دېڭىز ئارىلىدىن كەلگەن فىنيكلىكلەر مۇشۇ يەرگە كۆچۈپ كەلگەن. مىلادىيە 135 - يىلى رىم ئىمپېرىيسى بۇ زېمىننى ئۆزىنىڭ خەرىتىسىگە ئايرىۋېلىپ، فىلىستىن دەپ ئاتىغان. 7 - ئەسىردە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام Ⅱ ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى ياۋروپا، ئاسىيا ۋە ئافرىقىدىن ئىبارەت ئۈچ قىتئەدىن ئاتلاپ ئۆتىدىغان بۈيۈك ئىمپېرىيىسىنى قۇرۇپ، بۇ يەر مۇقەددەس جاي ئورنىدا ئىمپېرىيىنىڭ مەركىزىگە ئايلانغان، ئەرەبلەر بۇ جايغا كۆپلەپ كىرىپ، بۇ يەرنىڭ ئاساسلىق ئاھالىلىرىدىن بولۇپ قالغان؛ ئۇلار ئىلگىركى يەر نامىنى قوللىنىپ، ئۇنى پەلەستىن دەپ ئاتىغان. ئەرەب ئىمپېرىيىسىنىڭ چۈشكۈنىلشىشىگە ئەگىشىپ، پەلەستىن تەدرىجىي ئەنگىلىيە خاندانلىق - ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان جايىغا ئايلىنىپ قالغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا تارقالغان يەھۇدىيلار < سىئونىزملىق ھەرىكىتى> نى قوزغاپ، زور كۆلەمدە پەلەستىنگە كۆچۈپ كىرگەن.ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى ماقۇللىغان پەلەستىندە ئايرىپ ئىدارە قىلىش، ئەرەب دۆلىتى بىلەن يەھۇدىي دۆلىتى قۇرۇش ھەققىدىكى قارارىغا ئاساسەن، يەھۇدىيلار ئىسرائىلىيە دۆلىتى قۇرغان. ئوتتۇرا شەرق ئۇرۇشىدا ئىسرائىلىيە ھەربىي جەھەتتىن غەلىبىگە ئېرشىپ، نۇرغۇن ئەرەب زېمىنىنى كونترول قىلىۋېلىپ، پەلەستىن ئىگىلىۋېلىنىش ھالەتتە تۇرۇپ قالغان. 1988 - يىلى پەلەستىن ئازادلىق ھەرىكىتى تەشكىلاتى پەلەستىن دۆلىتى قۇرۇشنى، ئېرۇسالىمنى پايتەخىت قىلىشنى، پەلەستىن ئازادلىق تەشكىلاتىنىڭ بايرىقىنى دۆلەت بايرىقى قىلىشنى قارار قىلغان. پەلەستىن دۆلىتىنىڭ دۆلەت بايرىقى يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە قارا، ئاق ۋە يېشىل ئۈچ خىل رەڭدىن تەركىب تاپقان، بايراق سېپى تەرەپكە بىر قىزىل ئۈچ بۇرجەك سىزىلغان. قار، ئاق، يېشىل ۋە قىزىل رەڭدە پەلەستىنلىكلەرنىڭ ئەرەب دۆلىتىنى قايتىدىن قۇرۇشتەك شەرەپلىك غايىسى ئىپادىلىنىپ، قىزىل رەڭ پەلەستىن ئىقىلابىغا، ئاق رەك ئىقىلابنىڭ پاكلىقى ۋە قەتئىيلىكىگە سىمۋول قىلىنغان، قارا رەڭ پەلەستىنلىكلەرنىڭ يۇرت - ماكانىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش يولىدا ئېلىپ بارغان باتۇرانە كۈرەش تارىخىنىڭ ئونتۇلمايدىغانلىقىنى، يېشىل رەڭ پەلەستىنلىكلەرنىڭ ئىسلام دىنىغا بولغان ساداقىتىنى بىلدۈرگەن
← بارلىق تېمىلار دۆلەتلەر
پەلەستىن | UyghurWiki | UyghurWiki