ئاۋىئاتسىيە ۋاسىتىلىرىنى بۇلاش جىنايىتى
جىنايەت ۋە جازا
بۇ - زورلۇق ئىشلىتىش، تەھدىت سېلىش ياكى باشقا يوللار بىلەن ئاۋىئاتسىيە ۋاسىتىلىرىنى بۇلىغان قىلمىشنى كۆرسىتىدۇ.
1. ئوبيېكتى - ئاۋىئاتسىيە ترانسپورتىنڭ بىخەتەرلىكى، جۈملىدىن يولۇچىلار ئايروپىلان گۇرۇپپىسىدىكى خادىملارنىڭ جىسمانىي بىخەتەرلىكى، ئاۋىئاتسىيە ۋاسىتىلىرىنىڭ بىخەتەرلىكى، شۇنىڭدەك يەر يۈزىدىكى خاسلىققا ئىگە بولمىغان كۆپ ساندىكى كىشىلەرنىڭ جىسمانىي ۋە مال - مۈلكىنىڭ بىخەتەرلىكى بولىدۇ.
2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە زورلۇق قىلىش، تەھدىت سېلىش ياكى باشقا ئۇسۇللارنى قوللىنىپ ئاۋىئاتسىيە ۋاسىتىلىرىنى بولىغان قىلمىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ.
3. سۇبيېكتى - ئادەتتىكى سۇبيېكت بولىدۇ.
4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ.
121 - ماددا زورلۇق ئىشلىتىش، تەھدىت سېلىش يولى ياكى باشقا يوللار بىلەن ئاۋىئاتسىيە ۋاسىتىلىرىنى بولىغانلارغا 10 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلىدۇ؛ كىشىلەرنىڭ ئېغىر زەخىملىنىشى، ئۆلۈشىنى پەيدا قىلغانلارغا ياكى ئاۋىئاتسىيە ۋاسىتىلىرىنى ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراتقانلارغا ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدۇ.