بۇيرۇققا قارشى چىقىپ ئۇرۇشتا پاسسىپلىق قىلىش جىنايىتى
جىنايەت ۋە جازا
بۇ - ھەربىي قوماندانلىق قىلغۇچىلاردىن بۇيرۇققا قارشى چىقىپ، جەڭدىن قورقۇپ، ئۇرۇشتا پاسسىپلىق قىلىپ، ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغان قىلمىشنى كۆرسىتىدۇ.
1. ئوبيېكتى - ھەربىي قىسىمنىڭ ئۇرۇش قىلىش تەرتىپى بولىدۇ.
2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە بۇيرۇققا قارشى چىقىپ، جەڭدىن قورقۇپ، ئۇرۇشتا پاسسىپلىق قىلىپ ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغان قىلمىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ.
3. سۇبيېكتى - ئالاھىدە سۇبيېكت بولىدۇ، يەنى مەلۇم دەرىجىدىكى رەھبەرلىك ئورنىغا ئىگە بولغان ھەربىي بولۇشى كېرەك.
4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ.
428 - ماددا قوماندانلىق قىلغۇچىلاردىن بۇيرۇققا قارشى چىقىپ، جەڭدىن قورقۇپ، ئۇرۇشتا پاسسىپلىق قىلىپ ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلىرىغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ؛ جەڭ ۋە ئۇرۇشنى زور زىيانغا ئۇچراتقانلىرىغا ياكى باشقا پەۋقۇلئاددە ئېغىر قىلمىشى بولغانلىرىغا بەش يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.