UyghurWiki
UyghurWiki422 جىنايەتباشقىلارنى دۆلەت چېگراسى (چېگرا) دىن ئوغرىلىقچە ئۆتۈشكە ئۇيۇشتۇرۇش جىنايىتى

باشقىلارنى دۆلەت چېگراسى (چېگرا) دىن ئوغرىلىقچە ئۆتۈشكە ئۇيۇشتۇرۇش جىنايىتى

جىنايەت ۋە جازا بۇ - باشقىلارنى قانۇنسىز ھالدا دۆلەت چېگراسى (چېگرا) دىن ئۆتۈشكە ئۇيۇشتۇرۇش قىلمىشىنى كۆرسىتىدۇ. 1. ئوبيېكتى - دۆلەتنىڭ دۆلەت چېگراسىنى نورمال باشقۇرۇش تەرتىپى بولىدۇ. 2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە قىلمىش سادىر قىلغۇچى باشقىلارنى قانۇنسىز ھالدا دۆلەت چېگراسىدىن ئۆتۈشكە ئۇيۇشتۇرۇش قىلمىشىنى ئېلىپ بارغان بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ. 3. سۇبيېكتى - ئادەتتىكى سۇبيېكت بولىدۇ. 4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ. 318 - ماددا باشقىلارنى دۆلەت چېگراسى (چېگرا) دىن ئوغرىلىقچە ئۆتۈشكە ئۇيۇشتۇرغانلارغا ئىككى يىلدىن يۇقىرى، يەتتە يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارغا يەتتە يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ ياكى مال - مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىدۇ: (1)باشقىلارنى دۆلەت چېگراسى (چېگرا) دىن ئوغرىلىقچە ئۆتۈشكە ئۇيۇشتۇرۇش گۇرۇھىدىكى باش ئۇنسۇرلار؛ (2) باشقىلارنى دۆلەت چېگراسى (چېگرا) دىن ئوغرىلىقچە ئۆتۈشكە كۆپ قېتىم ئۇيۇشتۇرغانلار ياكى كۆپ ئادەمنى دۆلەت چېگراسى (چېگرا) دىن ئوغرىلىقچە ئۆتۈشكە ئۇيۇشتۇرغانلار؛ (3) ئۇيۇشتۇرۇلغانلارنىڭ ئېغىر زەخىملىنىشى ۋە ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلار؛ (4) ئۇيۇشتۇرۇلغانلارنى جىسمانىي ئەركىنلىكىدىن مەھرۇم قىلغانلار ۋە ئۇلارنىڭ جىسمانىي ئەركىنلىكىنى چەكلىگەنلەر؛ (5) تەكشۈرۈشكە زورلۇق ئىشلىتىش، تەھدىت سېلىش يولى بىلەن قارشىلىق كۆرسەتكەنلەر؛ (6) قانۇنغا خىلاپ تاپاۋەت سوممىسى ناھايىتى كۆپ بولغانلار؛ (7) باشقا پەۋقۇلئاددە ئېغىر قىلمىشى بولغانلار. ئالدىنقى تارماقتىكى جىنايەتنى ئۆتكۈزگەنلەردىن ئۇيۇشتۇرۇلغانلارنى ئۆلتۈرۈش، زەخىملەندۈرۈش، ئۇلارغا باسقۇنچىلىق قىلىش ۋە ئۇلارنى ئالداپ سېتىش قاتارلىق جىنايى قىلمىشى بولغانلىرىغا ياكى تەكشۈرگۈچى خادىملارنى ئۆلتۈرۈش، زەخىملەندۈرۈش قاتارلىق جىنايى قىلمىشى بولغانلىرىغا بىر نەچچە جىنايەتنى قوشۇپ جازالاشقا ئائىت بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ. جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىكىنىڭ دۆلەت چېگراسىنى باشقۇرۇشا دەخلى يەتكۈزۈش جىنايىتى دېلوسى ئۈستىدە دېلو تۇرغۇزۇش ئۆلچىمى ۋە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش (2000 - يىل 3 - ئاينىڭ 31 - كۈنى) 1. دېلو تۇرغۇزۇش ئۆلچىمى 1) باشقىلارنى دۆلەت چېگراسىدىن ئوغرىلىقچە ئۆتۈشكە ئۇيۇشتۇرۇش. (1) باشقىلارنى دۆلەت چېگراسىدىن ئوغرىلىقچە ئۆتۈشكە ئۇيۇشتۇرغانلارنى دېلو تۇرغۇزۇپ تەھقىقلەش كېرەك. (2) باشقىلارنى دۆلەت چېگراسىدىن ئوغرىلىقچە ئۆتۈشكە ئۇيۇشتۇرغانلاردىن تۆۋەندە كۆرسىتىلگەن ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلگەنلەر ئۈستىدە زور دېلو قاتارىدا دېلو تۇرغۇزۇش كېرەك: ① بىر قېتىمدا 20 - 49 ئادەمنى دۆلەت چېگراسىدىن ئوغرىلىقچە ئۆتۈشكە ئۇيۇشتۇرغان بولسا؛ ② باشقىلارنى دۆلەت چېگراسىدىن ئوغرىلىقچە ئۆتۈشكە 3 - 4 قېتىم ئۇيۇشتۇرغان بولسا؛ ③ ئۇيۇشتۇرۇلغۇچىلاردىن بىر - ئىككىسىنىڭ ئېغىر يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولسا؛ ④ ئۇيۇشتۇرۇلغۇچىلارنى جىسمانىي ئەركىنلىكىدىن مەھرۇم قىلغان ياكى چەكلىگەن بولسا؛ ⑤ تەكشۈرۈشكە زورلۇق ئىشلىتىش، تەھدىت سېلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق قارشىلىق كۆرسەتكەن بولسا؛ ⑥ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋەت 50 - 200 مىڭ يۈەن خەلق پۇلى بولغان بولسا؛ ⑦ باشقا ئېغىر قىلمىش بولسا. )3( باشقىلارنى دۆلەت چېگراسىدىن ئوغرىلىقچە ئۆتۈشكە ئۇيۇشتۇرغانلاردىن تۆۋەندە كۆرسىتىلگەن ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلگەنلەر ئۈستىدە پەۋقۇلئاددە زور دېلو قاتارىدا دېلو تۇرغۇزۇش كېرەك؛ ① بىر قېتىمدا 50 دىن ئارتۇق ئادەمنى دۆلەت چېگراسىدىن ئوغرىلىقچە ئۆتۈشكە ئۇيۇشتۇرغان بولسا؛ ② باشقىلارنى دۆلەت چېگراسىدىن بەش قېتىمدىن ئارتۇق ئۆتۈشكە ئۇيۇشتۇرغان بولسا؛ ③ ئۇيۇشتۇرۇلغۇچىلاردىن ئۈچتىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ئېغىر يارىلىنىشىنى ياكى بىردىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولسا؛ ④ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋەت 200 مىڭ يۈەندىن ئاشقان بولسا؛ ⑤ باشقا پەۋقۇلئاددە ئېغىر قىلمىش بولسا. ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ 2002 - يىل 2 - ئاينىڭ 6 - كۈنى يولغا قويغان باشقىلارنى دۆلەت چېگرىسىدىن ئوغۇرلۇقچە ئۆتۈشكە ئۇيۇشتۇرغان، توشۇغان قاتارلىق جىنايى ئىشلار دېلولىرىغا قارىتا قانۇننى تەدبىقلاشقا ئالاقىدار ئىزاھاتنىڭ 1 -، 2 - ماددىسىدىن پايدىلىنىڭ.
← بارلىق تېمىلار 422 جىنايەت