تاشلاندۇق نەرسە ئەتكەسچىلىكى جىنايىتى
جىنايەت ۋە جازا
بۇ - تاموژنىنىڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشىدىن قاچۇرۇپ، چېگرا سىرتىدىكى قاتتىق تاشلاندۇق، سۇيۇق تاشلاندۇق ۋە گاز تاشلاندۇقلارنى چېگرا ئىچىگە توشۇپ كىرىش قىلمىشىغا قارىتىلغان.
1. ئوبيېكتى - دۆلەتنىڭ تاشقى سودىنى باشقۇرۇش تۈزۈمى بولىدۇ.
2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، تاموژنىنىڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشىدىن قاچۇرۇپ، چېگرا سىرتىدىكى قاتتىق تاشلاندۇق، سۇيۇق تاشلاندۇق ۋە گاز تاشلاندۇقلىرىنى چېگرا ئىچىگە توشۇپ ئېلىپ كىرگەن قىلمىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ.
3. سۇبيېكتى - ئادەتتىكى سۇبيېكت (تەبىئىي ئادەم ۋە ئورۇنلار) بولىدۇ.
4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ.
جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 152 - ماددىسىغا بىر تارماق قوشۇلۇپ 2 - تارماق قىلىندى: <تاموژنىنىڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشىدىن قاچۇرۇپ، چېگرا سىرتىدىكى قاتتىق تاشلاندۇق، سۇيۇق تاشلاندۇق ۋە گاز تاشلاندۇقلارنى چېگرا ئىچىگە توشۇپ كىرگەنلەردىن قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە ياكى ئايرىم جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قىلمىشى پەۋقۇلئاددە ئېغىر بولغانلىرىغا بەش يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ.>
ئەسلىدىكى 2 - تارماق 3 - تارماق قىلىنىپ، مۇنداق تۈزىتىلىدى: <ئورۇنلاردىن ئالدىنقى ئىككى تارماقتىكى جىنايەتنى ئۆتكۈزگەنلەرگە جەرىمانە قويۇلىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ بىۋاستە جاۋابكار مەسئۇل خادىمىغا ۋە باشقا بىۋاستە جاۋابكارلىرىغا ئالدىنقى ئىككى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.>
339 - ماددا خام ئەشيادىن پايدىلىنىش نامىدا، خام ئەشيا قىلىپ ئىشلەتكىلى بولمايدىغادن قاتتىق تاشلاندۇق، سۇيۇق تاشلاندۇق ۋە گاز تاشلاندۇقلارنى ئىمپورت قىلغانلارغا مۇشۇ قانۇننىڭ 152 - ماددىسىنىڭ 2 -، 3 - تارمىقىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايەت بېكىتىپ جازا بېرىلىدۇ.
153 - ماددا، 151 - ماددا 4 - تارماق، 156 - ماددا ۋە 157 - ماددىلاردىن پايدىلىنىڭ.