تاشقى پېرېۋوتنى قاچۇرۇش جىنايىتى
جىنايەت ۋە جازا
بۇ - دۆلەت ئىگىلىكىدىكى شىركەتلەر، كارخانىلار ياكى باشقا دۆلەت ئورۇنلىرىنڭ بەلگىلىمىەە خىلاپلىق قىلىپ، ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن تاشقى پېرېۋوتنى چېگرا سىرتىغا ئامانەت قويغان ياكى چېگرا ئىچىدىكى تاشقى پېرېۋوتنى چېگرا سىرتىغا قانۇنسىز يۆتكىگەن ئېغىر قىلمىشنى كۆرسىتىدۇ.
1. ئوبيېكتى - دۆلەتنىڭ تاشقى پېرېۋوتنى باشقۇرۇش تۈزۈمى بولىدۇ.
2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن تاشقى پېرېۋوتنى چېگرا سىرتىدا ئامانەت قويغان ياكى چېگرا ئىچىدىكى تاشقى پېرېۋوتنى چېگرا سىرتىغا قانۇنسىز يۆتكىگەن قىلمىشى، ئېغىر قىلمىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ.
3. سۇبيېكتى - ئالاھىدە سۇبيېكت بولۇپ، شىركەت، كارخانا ۋە ئورۇنلار بولىدۇ.
4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ.
190 - ماددا دۆلەت ئىگىلىكىدىكى شىركەتلەر، كارخانىلار ياكى باشقا دۆلەت ئورۇنلىرىدىن دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن تاشقى پېرېۋوتنى چېگرا سىرتىغا ئامانەت قويۇپ ياكى چېگرا ئىچىدىكى تاشقى پېرېۋوتنى چېگرا سىرتىغا قانۇنسىز يۆتكەپ، قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىغا جەرىمانە قويۇلىدۇ ھەمدە بىۋاستە جاۋابكار مەسئۇل خادىمىغا ۋە باشقا بىۋاستە جاۋابكارلىرىغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ ھەمدە ئالداپ سېتىۋېلىنغان تاشقى پېرېۋوتنىڭ %5 تىن يۇقىرى، 30% تىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ، سوممىسى ناھايىتى كۆپ ياكى باشقا ئېغىر قىلمىشى بولغانلىرىغا بەش يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ ھەمدە ئالداپ سېتىۋېلىنغان تاشقى پېرېۋوتنىڭ %5 تىن يۇقىرى، %30 تىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ، سوممىسى پەۋقۇلئاددە كۆپ ياكى باشقا پەۋقۇلئاددە ئېغىر قىلمىشى بولغانلىرىغا 10 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلىدۇ ھەمدە ئالداپ سېتىۋېلىنغان تاشقى پېرېۋوتنىڭ 5% تىن يۇقىرى، 30% تىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.
ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىكىنىڭ ئىقتىسادىي جىنايەت دېلولىرىنى سۈرۈشتۈرۈش ئۆلچىمى ھەققىدىكى بەلگىلىمىسى
(2001 - يىل 4 - ئاينىڭ 18 - كۈنى)
شىركەت، كارخانا ياكى باشقا ئورۇنلاردىن دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئۆز بېشىمچلىق بىلەن تاشقى پېرېۋوتنى چېگرا سىرتىغا ئامانەت قويۇپ ياكى چېگرا ئىچىدىكى تاشقى پېرېۋوتنى چېگرا سىرتىغا قانۇنسىز يۆتكەپ، بىر قېتىملىق ھېسابات ياكى يىغىندى ھېسابات سوممىسى بەش مىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن ئارتۇق بولغانلىرى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.