ساختا تېررورلۇق ئۇچۇرلىرىنى توقۇش، قەستەن تارقىتىش جىنايىتى
جىنايەت ۋە جازا
بۇ - پارتلىتىش تەھدىتى، بىئو خىمىيىلىك تەھدىت، رادىئوئاكتىپلىق تەھدىت قاتارلىق تېررورلۇق ئۇچۇرلىرىنى توقۇپ ياكى توقۇپ چىقىرىلغان تېررورلۇق ئۇچۇرلىرى ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ قەستەن تارقىتىپ، جەمئىيەت تەرتىپىنى ئېغىر قالايمىقانلاشتۇرغان قىلمىشنى كۆرسىتىدۇ.
1. ئوبيېكتى - جەمئىيەت تەرتىپى بولىدۇ.
2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە قىلمىش سادىر قىلغۇچى پارتلىتىش تەھدىتى، بىئوخىمىيىلىك تەھدىت، رادىئوئاكتىپلىق تەھدىت قاتارلىق ساختا تېررورلۇق ئۇچۇرلىرىنى توقۇپ چىقىپ ياكى توقۇپ چىقىرىلغان تېررورلۇق ئۇچۇرلىرى ئىكەنلىكىنى ئېنىق بىلىپ تۇرۇپ، ئۇنى قەستەن تارقىتىپ، جەمئىيەت تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرغان قىلمىشنى سادىر قىلغان بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ.
3. سۇبيېكتى - ئادەتتىكى سۇبيېكت بولىدۇ.
4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ.
291 - ماددا يالغان پارتلاتقۇچ، زەھەرلىك، رادىئوئاكتىپلىق ماددىلار، يۇقۇملۇق كېسەل قوزغاتقۇچىغا ئوخشاش ماددىلارنى سالغان ياكى پارتلاتقۇچ ئارقىلىق تەھدىت سېلىش، بىئوخىمىيىلىك، رادىئوئاكتىپلىق ماددىلار بىلەن تەھدىت سېلىشقا ئوخشاش تېررورلۇق ئۇچۇرلىرىنى توقۇپ چىققان ياكى توقۇپ چىقىلغان تېررورلۇق ئۇچۇرى ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ، قەستەن تارقاتقانلاردىن جەمئىيەت تەرتىپىنى ئېغىر قالايمىقانلاشتۇرغانلىرىغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ياكى رېجىم جازاسى بېرىلىدۇ؛ ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلارغا بەش يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.