UyghurWiki
UyghurWiki422 جىنايەتدۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىسى، گۇۋاھنامىسى ۋە تامغىسىنى ئوغرىلاش، تارتىۋېلىش، يوق قىلىۋېتىش جىنايىتى

دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىسى، گۇۋاھنامىسى ۋە تامغىسىنى ئوغرىلاش، تارتىۋېلىش، يوق قىلىۋېتىش جىنايىتى

جىنايەت ۋە جازا بۇ - دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىسى، گۇۋاھنامىسى ۋە تامغىسىنى ئوغرىلاش، تارتىۋېلىش ۋە يوق قىلىۋېتىش قىلمىشىغا قارىتىلغان. 1. ئوبيېكتى - دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ نورمال باشقۇرۇش پائالىيىتى ۋە ئىناۋىتى بولىدۇ. 2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە قىلمىش سادىر قىلغۇچى دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىسى، گۇۋاھنامىسى ۋە تامغىسىنى ئوغرىلىغان، تارتىلۋالغان ياكى يوق قىلىۋەتكەن قىلمىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ. 3. سۇبيېكتى - ئادەتتىكى سۇبيېكت بولىدۇ. 4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ. 280 - ماددا 1 - تارماق دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىسى، گۇۋاھنامىسى ۋە تامغىسىنى ياسىۋالغانلار، ئۆزگەرتىۋالغانلار، ئېلىپ - ساتقانلارغا ياكى ئوغرىلىغانلار، تارتىۋالغانلار، يوق قىلىۋەتكەنلەرگە ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى، رېجىم جازاسى ياكى سىياسىي ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ. مۇناسىۋەتلىك قانۇن ۋە ئەدلىيىلىك ئىزاھاتلارنى مەزكۇر كىتابنىڭ 337 - بېتىدىكى: <دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىسى، گۇۋاھنامىسى ۋە تامغىسىنى ياسىۋېلىش، ئۆزگەرتىۋېلىش، ئېلىپ سېتىش جىنايىتى> دىن پايدىلىنىڭ.
← بارلىق تېمىلار 422 جىنايەت
دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىسى، گۇۋاھنامىسى ۋە تامغىسىنى ئوغرىلاش، تارتىۋېلىش، يوق قىلىۋېتىش جىنايىتى | UyghurWiki | UyghurWiki