UyghurWiki
UyghurWiki422 جىنايەتدۆلەتكە ئاسىيلىق قىلىش جىنايىتى

دۆلەتكە ئاسىيلىق قىلىش جىنايىتى

جىنايەت ۋە جازا بۇ - جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ چەت ئەل بىلەن قەستەن تىل بىرىكتۈرۈپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، زېمىن پۈتۈنلۈكى ۋە خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈش قىلمىشلىرىنى كۆرسىتىدۇ. 1. ئوبيېكتى - جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، زېمىن پۈتۈنلۈكى ۋە خەۋپسىزلىكى بولىدۇ. 2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە چەت ئەلدىكى ياكى چېگرا سىرتىدىكى ئاپپاراتلار، تەشكىلاتلار، شەخسلەر بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، زېمىن پۈتۈنلۈكى ۋە خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈش قىلمىشلىرىدا ئىپادىلىنىدۇ. 3. سۇبيېكتى - جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تەۋەلىكىدە بولغان كىشىلەر، يەنى جۇڭگو پۇقرالىرىدا بولىدۇ. 4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ. 102 - ماددا چەت ئەلى بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، جۇڭخۇ خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا، زېمىن پۈتۈنلۈكىگە ۋە خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزگەنلەرگە مۇددەتسىز قاماق جازاسى ياكى 10 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ. چېگرا سىرتىدىكى ئاپپاراتلار، تەشكىلاتلار ۋە شەخسلەر بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، ئالدىنقى تارماقتىكى جىنايەتنى ئۆتكۈزگەنلەرگە ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىمىلە بويىچە جازا بېرىلىدۇ. 113 - ماددا بۇ بابتا ئېيتىلغان دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈش جىنايەتلىرىدىن 103 - ماددىنىڭ 2 - تارمىقىدا، 105 -، 107 - ۋە 109 - ماددىلاردا كۆرسىتىلگەن جىنايەتلەرنى ئۆتكۈزگەنلەرنى ھېسابقا ئالمىغاندا، دۆلەتكە ۋە خەلققە يەتكۈزگەن خەۋپى پەۋقۇلئاددە ئېغىر، قىلمىشى پەۋقۇلئاددە قەبىھ بولغانلارغا ئۆلۈم جازاسى بېرىلسە بولىدۇ. مۇشۇ بابتا ئېيتىلغان جىنايەتلەرنى ئۆتكۈزگەنلەرگە مال - مۈلكىنى مۇسادىرە قىلىش جىنايىتى قوشۇمچە بېرىلسە بولىدۇ. 56 - ماددا دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزگەن جىنايەتلەر قوشۇمچە سىياسىي ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىنىدۇ؛ قەستەن قاتىللىق قىلىش، باسقۇنچىلىق قىلىش، ئوت قويۇش، پارتلىتىش، زەھەر سېلىش، بۇلاڭچىلىق قىلىشقا ئوخشاش قىلمىشلىرى بىلەن جەمئىيەت تەرەتىپىنى ئېغىر دەرىجىدە بۇزغان جىنايەتچىلەر قوشۇمچە سىياسىي ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىنسا بولىدۇ. سىياسىي ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىش جازاسىنى ئايرىم بېرىشتە، مۇشۇ قانۇننىڭ خاس پرىنسىپىدىكى بەلگىلىمىلەر ئاساس قىلىنىدۇ. 55 - ماددا سىياسىي ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىش مۇددىتى بىر يىلدىن يۇقىرى، بەش يىلدىن تۆۋەن بولىدۇ. مۇشۇ قانۇننىڭ 57 - ماددىسىدا بەلگىلەنگەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا. رېجىم جازاسى ھۆكۈم قىلىنىپ قوشۇمچە سىياسىي ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىنغانلارنىڭ سىياسىي ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىنىش مۇددىتى رېجىم مۇددىتى بىلەن ئوخشاش بولۇپ بىرلا ۋاقىتتا ئىجرا قىلىنىدۇ. 54 - ماددا سىياسىي ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىشتا تۆۋەندىكى ھوقۇقلاردىن مەھرۇم قىلىنىدۇ. (1) سايلاش ھوقۇقى ۋە سايلىنىش ھوقۇقى؛ (2) سۆز، مەتبۇئات، يىغىلىش ئۆتكۈزۈش، تەشكىلاتلارغا ئۇيۇشۇش، نامايىش قىلىش، كۈچ كۆرسىتىش ئەركىنلىكى ھوقۇقى؛ (3) دۆلەت ئورگانلىرىدا ۋەزىپە ئۆتەش ھوقۇقى؛ (4) دۆلەت ئورگانلىرى، كارخانىلىرى، كەسپىي ئورۇنلىرىدا ۋە خەلق تەشكىلاتلىرىدا رەھبەرلىك ۋەزىپىسى ئۆتەش ھوقۇقى. 57 - ماددا ئۆلۈم جازاسى، مۇددەتسىز قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلىنغان جىنايەتچىلەر سىياسىي ھوقۇقىدىن ئۆمۈرۋايەت مەھرۇم قىلىنىدۇ. كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىنىدىغان ئۆلۈم جازاسى مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ئۆزگەرتىلسە ياكى مۇددەتسىز قاماق جازاسى مۇددەتلىك قاماق جازاسى ئۆزگەرتىلسە، قوشۇمچە سىياسىي ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىش مۇددىتى ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن قىلىپ ئۆزگەرتىلىدۇ. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى قانۇنى (1993 - يىلى 2 - ئاينىڭ 22 - كۈنى) 4 - ماددا ھەرقانداق تەشكىلات ۋە شەخس جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە زىيان يەتكۈزىدىغان ھەرىكەتلەرنى ئېلىپبارسا، جەزمەن قانۇنىي جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ. بۇ قانۇندا ئېيتىلغان دۆلەت خەپسىزلىكىگە زىيان يەتكۈزىدىغان ھەرىكەتلەر چېگرا سىرتىدىكى ئاپپاراتلار، تەشكىلاتلار، شەخسلەر ئېلىپ بارغان ياكى ئۇلارنىڭ كۆرسەتمىسى، ماددىي جەھەتتىن ياردەم بېرىشى بىلەن باشقىلار ئېلىپ بارغان چېگرا ئىچىكىدىكى تەشكىلاتلار ۋە شەخسلەر چېگرا سىرتىدىكى ئاپپاراتلار، تەشكىلاتلار، شەخسلەر بىلەن ئۆزئارا تىل بىرىكتۈرۈپ، ئېلىپ بارغان جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە زىيان يەتكۈزىدىغان تۆۋەندىكى ھەرىكەتلەرنى كۆرسىتىدۇ: (1) ھۆكۈمىتىمىزنى ئاغدۇرۇشقا، دۆلەتنى پارچىلاشقا، سوتسىيالىستىك تۈزۈمنى ئاغدۇرۇپ تاشلاشقا سۈيىقەست قىلىش؛ (2) جاسۇسلۇق تەشكىلاتىغا قاتنىشىش ياكى جاسۇسلۇق تەشكىلاتى ۋە ئۇنڭ گۇماشتىلىرىدىن ۋەزىپە قوبۇل قىلىش؛ (3) دۆلەتنىڭ مەخپىيىتىنى ئوغرىلاش، تىڭ تىڭلاش، سېتىۋېلىش، باشقىلارغا قانۇنسىز يەتكۈزۈپ بېرىش؛ (4) دۆلەت خادىملىرىنى ئاسىيلىق قىلىشقا قۇترىتىش، ئازدۇرۇش ۋە سېتىۋېلىش؛ (5) دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە زىيانلىق بولغان باشقا بۇزغۇنچىلىق ھەرىكەتلىرىنى ئېلىپ بېرىش. 23 - ماددا چېگرا سىرتىدىكى ئاپپاراتلار، تەشكىلاتلار، شەخسلەر ئېلىپ بارغان ياكى ئۇلارنىڭ كۆرسەتمىسى، ماددىي جەھەتتىن ياردەم بېرىشى بىلەن باشقىلار ئېلىپ بارغان ۋە ياكى چېگرا ئىچىدىكى تەشكىلاتلار، شەخسلەر چېگرا سىرتىدىكى ئاپپاراتلار، تەشكىلاتلار ۋە شەخسلەر بىلەن ئۆزئارا تىل بىرىكتۈرۈپ ئېلىپ بارغان جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان ھەرىكەتلەردىن جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرىنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ. 24 - ماددا جاسۇسلۇق جىنايىتى ئۆتكۈزۈپ ئۆزىنى مەلۇق قىلغان ياكى خىزمەت كۆرسىتىش ئىپادىسى بولغانلار يېنىك ۋە يېنىكلىتىپ بىر تەرەپ قىلىنسا ياكى جىنايى جازادىن كەچۈرۈم قىلىنسا بولىدۇ؛ خىزمەت كۆرسىتىش ئىپادىسى زور بولغانلار تەقدىرلىنىدۇ. 25 - ماددا چېگرا سىرتىدا تەھدىتكە ئۇچراش ياكى باشقىلارنىڭ ئازدۇرۇشى بىلەن دۈشمەن تەشكىلاتلىرىغا قاتنىشىپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللانغانلاردىن ئۆز ۋاقتىدا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ چەت ئەللەردە تۇرۇشلۇق ئاپپاراتلىرىغا ئەھۋالنى ئەينەن ئېيتقان ياكى ۋەتەنگە قايتقاندىن كېيىن، بىۋاستە ياكى ئۆزى تۇرۇشلۇق تەشكىل ئارقىلىق ئۆز ۋاقتىدا دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىغا ياكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىغا ئەھۋالنى ئەينەن مەلۇم قىلغانلار سۈرۈشتۈرۈلمەيدۇ. <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى قانۇنى> نى يولغا قويۇشنىڭ تەپسىلىي پرىنسىپى (1994 - يىلى 5 - ئاينىڭ 10 - كۈنى گوۋۇيۈەن) 3 - ماددا <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى قانۇنى> دا ئېيتىلغان <چېگرا سىرتىدىكى ئاپپاراتلار، تەشكىلاتلار> چېگرا سىرتىدىكى ئاپپاراتلار ۋە تەشكىلاتلارنىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ۋە ۋاكالەت تەۋەسىدە تەسىس قىلغان شۆبە - تارماق ئاپپاراتلىرى ۋە شۆبە - تارماق تەشكىلاتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. <چېگرا سىرتىدىكى شەخسلەر> جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تەۋەسىدە ئولتۇراقلاشقان بولسىمۇ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پۇقراسى بولمىغان كىشىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 4 - ماددا <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى دۆلەت خەۋپسىزلىكى قانۇنى> دا ئېيتىلغان <جاسۇسۇلۇق تەشكىلاتىنىڭ ۋاكالەتچىلىرى> جاسۇسلۇق تەشكىلاتىنىڭ ياكى ئۇنىڭ ئەزالىرىنىڭ كۈشكۈرتىشى، ھاۋالە قىلىشى، ماددىي ياردەم بېرىشى ئارقىلىق، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە زىيان يەتكۈزىدىغان ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بارغان ياكى باشقىلارنى شۇنداق قىلىشقا يول كۆرسەتكەن ۋە كۈشكۈرتكەن ئادەملەرنى كۆرسىتىدۇ. جاسۇسلۇق تەشكىلاتى ۋە جاسۇسلۇق تەشكىلاتىنىڭ ۋاكالەتچىلىرى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ دۆلەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى دەپ ئاتىلىدۇ) تەرىپىدىن ئېنىقلىنىدۇ. 5 - ماددا <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى قانۇنى> دا ئېيتىلغان <دۈشمەن تەشكىلاتلار> جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ خەلق دېموكراتىيىسى دىكتاتۇرىلىقىدىكى ھاكىمىيىتىگە ۋە سوتسىيالىستىك تۈزۈمگە دۈشمەنلىك قىلىپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە زىيان يەتكۈزىدىغان تەشكىلاتلارنى كۆرسىتىدۇ. دۈشمەن تەشكىلاتلار ۋە دۆلەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى ياكى جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېنىقلىنىدۇ. 6 - ماددا <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى قانۇنى> نىڭ 4 - ماددىسىدا ئېيتىلغان <ماددىي ياردەم> بېرىش ئارقىلىق دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە زىيان يەتكۈزىدىغان ھەرىكەتلەر چېگرا سىرتىدىكى، ئاپپاراتلار، تەشكىلاتلار ۋە شەخسلەرنىڭ تۆۋەندىكى ھەرىكەتلىرىنى كۆرسىتىدۇ: (1) دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە زىيان يەتكۈزىدىغان ھەرىكەتتە بولۇۋاتقان چېگرا ئىچىدىكى تەشكىلاتلار، شەخسلەرگە خىراجەت، سورۇن ۋە ماددىي نەرسىلەرنى ھازىرلاپ بەرگەنلەر؛ (2) چېگرا ئىچىدىكى تەشكىلاتلار، شەخسلەرگە دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە زىيان يەتكۈزىدىغان ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بېرىشتا ئىشلىتىدىغان خىراجەت، سورۇن ۋە ماددىي نەرسىلەرنى ھازىرلاپ بەرگەنلەر. 7 - ماددا <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى قانۇنى> نىڭ 4 - ماددىسىدا ئېيتىلغان <تىل بىرىكتۈرۈپ> دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە زىيان يەتكۈزىدىغان ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بېرىش چېگرا ئىچىدىكى تەشكىلاتلار، شەخسلەرنىڭ تۆۋەندىكى ھەرىكەتلىرىنى كۆرسىتىدۇ: (1) دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە زىيان يەتكۈزىدىغان ھەرىكەتلەرن چېگرا سىرتىدىكى ئاپپاراتلار، تەشكىلاتلار، شەخسلەر بىلەن بىرلىكتە ئېلىپ بارغانلار؛ (2) چېگرا سىرتىدىكى ئاپپاراتلار، تەشكىلاتلار، شەخسلەرنىڭ ماددىي ياردىمى ياكى كۆرسەتمىسىنى قوبۇل قىلىپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە زىيان يەتكۈزىدىغان ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بارغانلار؛ (3) چېگرا سىرتىدىكى ئاپپاراتلار، تەشكىلاتلار، شەخسلەر بىلەن ئالاقە باغلاپ، ئۇلاردىن مەدەت ياردەم ئېلىپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە زىيان يەتكۈزىدىغان ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بارغانلار. 8 - ماددا تۆۋەندىكى ھەرىكەتلەر <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى قانۇنى> نىڭ 4 - ماددىسىدا ئېيتىلغان <دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە زىيانلىق بولغان باشقا بۇزغۇنچىلىق ھەرىكەتلىرى> گە كىرىدۇ: (1) دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە زىيانلىق بولغان ۋەھىمىلىك ھەرىكەتلەرنى ئۇيۇشتۇرغان، پىلانلىغان ياكى ئېلىپ بارغانلار؛ (2) پاكىت ئويدۇرۇپ چىقىش، پاكىتنى بۇرمىلاش، يازما نەرسە ئېلان قىلىش ياكى گەپ - سۆز تارقىتىش ياكى ئۈن - سىن بۇيۇملىرىنى ئىشلەش، تارقىتىش ئارقىلىق دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە زىيان يەتكۈزگەنلەر؛ (3) ئىجتىمائىي تەشكىلات ياكى كارخانا، كەسپىي ئورۇنلارنى تەسىس قىلىشتىن پايدىلىنىپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە زىيان يەتكۈزىدىغان ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بارغانلار؛ (4) دىندىن پايدىلىنىپ دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە زىيان يەتكۈزىدىغان ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بارغانلار؛ (5) مىللىي ماجىرا تۇغدۇرۇپ، مىللىي بۆلۈنۈشكە قۇتراتقۇلۇق قىلىپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە زىيان يەتكۈزگەنلەر؛ (6) چېگرا سىرتىدىكى شەخسلەردىن مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، نەسىھەتنى ئاڭلىماي، ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن چېگرا ئىچىدىكى دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە زىيان يەتكۈزۈش ھەرىكىتىدە بولۇۋاتقان ياكى دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە زىيان يەتكۈزۈش ھەرىكىتى بار دەپ قاتتىق گۇمان قىلىنىۋاتقان خادىملارنى قوبۇل قىلغانلار. 21 - ماددا دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە زىيان يەتكۈزىدىغان ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بېرىشتا ئىشلىتىلىدىغان قورال - ياراغ ۋە باشقا مال - مۈلۈك ياكى مەزكۇر پرىنسىپنىڭ 6 - ماددىسىدا ئېيتىلغان خىراجەت، سورۇن ۋە ماددىي نەرسىلەرنى دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى تەكشۈرۈپ پېچەتلىسە، ئېلىپ قالسا، توڭلاتسا بولىدۇ؛ پېچەتلەنگەن، ئېلىپ قېلىنغان، توڭلىتىغان مۈلۈكنى دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى ئوخشاش بولمىغان ئەھۋال بويىچە مۇسادىرە قىلىدۇ ياكى بۇ مۈلۈك ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشىغا سۇنۇلىدۇ. دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى مۇسادىرە قىلغان مال - مۈلۈك پۈتۈنلەي دۆلەت خەزىنىسىگە تاپشۇرۇلىدۇ. دۆلەت مەخپىيىتىنى سېتىپ قولغا كەلتۈرۈلگەن مال - مۈلۈك <>جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ساقلاش قانۇنى< نى يولغا قويۇش چارىسى> نىڭ 34 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ. 22 - ماددا دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە زىيان يەتكۈزىدىغان ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بېرىپ، جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرمىگەنلىرى ئۆزى تۇرۇشلۇق ئورۇن ياكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئاساسلىق باشقۇرغۇچى تارماقلار تەرىپىدىن مەمۇرىي جەھەتتىن بىر تەرەپ قىلىنىدۇ؛ دۆلەت خەۋپسىزلىك ئورگىنى ئاگاھلاندۇرۇش بەرسىمۇ، ئىجتىمائىي تەنبىھ بەرسىمۇ ياكى بۇيرۇق چۈشۈرۈپ تۆۋە قىلىش تىل خېتى ئالسىمۇ بولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار 422 جىنايەت