ھايۋانات - ئۆسۈملۈكلەرنى كارانتىن قىلىشتا نەپسانىيەتچىلك قىلىش جىنايىتى
جىنايەت ۋە جازا
بۇ - ھايۋانات - ئۆسۈملۈكلەرنى كارانتىن قىلىش ئورگىنىنىڭ كارانتىن خادىملىرىدىن نەپسانىيەتچىلىك قىلىپ، كارانتىن نەتىجىسىنى ئويدۇرۇپ چىقىرىش قىلمىشىنى كۆرسىتىدۇ.
1. ئوبيېكتى - دۆلەتنىڭ چېگرادىن كىرگۈزۈلىدىغان - چىقىرىلىدىغان ھايۋانات - ئۆسۈملۈكلەرنى كارانتىن قىلىش تۈزۈمى بولىدۇ.
2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە نەپسانىيەتچىلىك قىلىپ كارانتىن نەتىجىسىنى ئويدۇرۇپ چىقىرىش قىلمىشى بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ.
3. سۇبيېكتى - ئالاھىدە سۇبېيكت، يەنى ھايۋانات - ئۆسۈملۈك كارانتىن ئورگانلىرىنىڭ خادىملىرى بولىدۇ.
4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە پەقەت قەستەنلىكتىنلا شەكىللىنىدۇ.
413 - ماددا، 1 - تارماق ھايۋانات - ئۆسۈملۈك كارانتىن ئورگىنىنىڭ خادىملىرىدىن نەپسانىيەتچىلىك قىلىپ كارانتىن نەتىجىسىنى ئويدۇرۇپ چىققانلىرىغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلىرىغا بەش يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.
ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ <خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى بىۋاسىتە قوبۇل قىلىپ دېلو ئېچىپ تەھقىقلەيدىغان دېلولارغا دېلو ئېچىش ئۆلچىمى> توغرىسىدىكى بەلگىلىمىسى (سىناق نۇسخىسى)
(1999 - يىل 9 - ئاينىڭ 16 - كۈنى)
تۆۋەندىكىدەك ئەھۋال كۆرۈلسە دېلو تۇرغۇزۇش كېرەك؛
دۆلەتنىڭ تەكشۈرۈش، كارانتىن قىلىش تارمىقى ۋە تەكشۈرۈش، كارانتىن قىلىش ئاپپاراتىدا ھايۋانات - ئۆسۈملۈك كارانتىن خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان خادىملاردىن ھايۋانات - ئۆسۈملۈك كارانتىن قىلىش جەريانىدا شەخسىي غەرەز، شەخسىي مەنپەئەتنى دەپ ئويدۇرۇپ چىقىرىش، ئۆزگەرتىش ۋاسىتىلىرىنى قوللىنىپ، كارانتىنغا دائىر ئىسپات، تامغا، بەلگە، پىچەت قاتارلىقلاردا يالغان ئىسپات بېرىش ياكى يالغان يەكۈن چىقىرىش، جۈملىدىن لاياقەتلىكنى لاياقەتسىز دەپ ياكى لاياقەتسىزنى لاياقەتلىك دەپ يەكۈن چىقىرىشقا ئوخشاش قىلمىشقا چېتىشلىق بولغانلىرىغا دېلو ئېچىش كېرەك.
ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ <خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى بىۋاسىتە قوبۇل قىلىپ تەھقىقلەيدىغان مەسئۇلىيەتسىزلىك، ھوقۇققا دەخلى - تەرۇز قىلىشقا دائىر چوڭ، پەۋقۇلئاددە چوڭ دېلولارنىڭ ئۆلچىمى> (سىناق نۇسخىسى)توغرىسىدىكى بەلگىلىمىسى
(2001 - يىل 7 - ئاينىڭ 20 - كۈنى)
1. چوڭ دېلو< تۇرغۇزۇشنىڭ ئۆلچىمى
(1) نەپسانىيەتچىلىك قىلىپ كارانتىن نەتىجىسىنى ئۈچ قېتىمدىن ئارتۇق ئويدۇرۇپ چىققان بولسا؛
(2) سالغان بىۋاسىتە ئىقتىسادىي زىيان 500 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق بولسا.
2. >پەۋقۇلئاددە چوڭ دېلو< تۇرغۇزۇشنىڭ ئۆلچىمى
(1) نەپسانىيەتچىلىك قىلىپ كارانتىن نەتىجىسىنى بەش قېتىمدىن ئارتۇق ئويدۇرۇپ چىققان بولسا؛
(2) سالغان بىۋاسىتە ئىقتىسادىي زىيان بىر مىليون يۈەندىن ئارتۇق بولسا.