UyghurWiki
UyghurWiki422 جىنايەتمەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش جىنايىتى

مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش جىنايىتى

جىنايەت ۋە جازا بۇ - ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلاردىن ئەمگەك باشقۇرۇش قانۇن - نىزامغا خىلاپلىق قىلىپ، ئىشچى - خىزمەتچىلەرنى جىسمانىي ئەركىنلىكىنى چەكلەش يولى بىلەن مەجبۇرىي ئەمگەككە سالغان ئېغىر قىلمىشنى كۆرسىتىدۇ. 1. ئوبېيكتى - پۇقرالارنىڭ جىسمانىي ئەركىنلىك ۋە ئەمگەك قىلىش ھوقۇقى ھەم دۆلەتنىڭ ئەمگەك باشقۇرۇش تۈزۈمى بولىدۇ. 2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار ئەمگەك باشقۇرۇش قانۇن - نىزاملىرىغا خىلاپلىق قىلىپ، ئىشچى - خىزمەتچىلەرنى جىسمانىي ئەركىنلىكىنى چەكلەش يولى بىلەن مەجبۇرىي ئەمگەككە سالغان ئېغىر قىلمىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ. 3. سۇبيېكتى - ئالاھىدە سۇبيېكت، يەنى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارنىڭ بىۋاستە مەسئۇل خادىمى ھەم ئورۇن بولىدۇ. 4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ. 244 - ماددا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلاردىن ئەمگەك باشقۇرۇش قانۇن - نىزامغا خىلاپلىق قىلىپ، ئىشچى - خىزمەتچىلەرنى جىسمانىي ئەركىنلىكنى چەكلەش يولى بىلەن مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش قىلمىشى ئېغىر بولغان بىۋاستە جاۋابكارلارغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە ياكى ئايرىم جەرىمانە قويۇلىدۇ. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەمگەك قانۇنى (1994 - يىل 7 - ئاينىڭ 5 - كۈنى) 96 - ماددا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلاردا تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى جاۋابكارلىقى بار كىشىلەرگە 15 كۈندىن تۆۋەن تۇتۇپ تۇرۇش، جەرىمانە قويۇش ياكى ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىدۇ، جىنايەت شەكىللەنگەن بولسا، جاۋابكارلىقى بار كىشىلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ: (1) ئەمگەكچىلەرنى زورلۇق بىلەن ئىشلىتىش، تەھدىت سېلىش ياكى جىسمانىي ئەركىنلىكىنى قانۇنسىز چەكلەش ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق زورلاپ ئىشلەتكەن بولسا؛ (2) ئەمگەكچىلەرنى ھاقارەتلىگەن، ئۇلارغا تەن جازاسى بەرگەن ۋە ئۇلارنى ئۇرغان، قانۇنسىز ئاختۇرغان ۋە قامىغان بولسا.
← بارلىق تېمىلار 422 جىنايەت
مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش جىنايىتى | UyghurWiki | UyghurWiki