UyghurWiki
UyghurWiki422 جىنايەتمىللىي ئۆچمەنلىككە ۋە مىللىي كەمسىتىشكە قۇتراتقۇلۇق قىلىش جىنايىتى

مىللىي ئۆچمەنلىككە ۋە مىللىي كەمسىتىشكە قۇتراتقۇلۇق قىلىش جىنايىتى

جىنايەت ۋە جازا بۇ - مىللىي ئۆچمەنلىككە ۋە مىللىي كەمسىتىشكە قۇتراتقۇلۇق قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا ۋە ۋەتەننىڭ بىرلىكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش قىلمىشىنى كۆرسىتىدۇ. 1. ئوبيېكتى - مۇرەككەپ ئوبيېكتىپ بولىدۇ، يەنى ھەم مىللىي باراۋەرلىك ھوقۇقى، ھەم زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئاز سانلىق مىللەت پۇقرالىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى بولىدۇ. 2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە قىلمىش سادىر قىلغۇچى يېزىق، تىل ۋە باشقا ئۇسۇللار ئارقىلىق مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇتراتقۇلۇق قىلىپ، مىللىي كەمسىتىشنى تەشۋىق قىلىپ يامان ئاقىۋەتنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئېغىر قىلمىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ. 3. سۇبيېكتى - ئادەتتىكى سۇبيېكت بولىدۇ. 4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ. 249 - ماددا مىللىي ئۆچمەنلىككە ۋە مىللىي كەمسىتىشكە قۇتراتقۇلۇق قىلغانلاردىن قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى، رېجىم جازاسى ياكى سىياسىي ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى پەۋقۇلئاددە ئېغىر بولغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ <ئىنتېرنېت تورى بىخەتەرلىكىگە ئائىت قارارى> (2000 - يىل 12 - ئاينىڭ 28 - كۈنى) 2. دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىق ئۈچۈن تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلىپ جىنايەت سادىر قىلغانلار جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە جىنايى ئىشلار جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ: 3.ئىنتېرنېت تورىدىن پايدىلىنىپ مىللىي ئۆچمەنلىككە، مىللىي كەمسىتىشكە قۇتراتقۇلۇق قىلىپ مىللەتلەر ئىتتىپاقىلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلغانلار.
← بارلىق تېمىلار 422 جىنايەت
مىللىي ئۆچمەنلىككە ۋە مىللىي كەمسىتىشكە قۇتراتقۇلۇق قىلىش جىنايىتى | UyghurWiki | UyghurWiki