UyghurWiki
UyghurWiki422 جىنايەتجىنسىي كېسەللىكنى تارقىتىش جىنايىتى

جىنسىي كېسەللىكنى تارقىتىش جىنايىتى

جىنايەت ۋە جازا بۇ - ئۆزىنىڭ سىفلىس، سۆزنەك قاتارلىق ئېغىر جىنسىي كېسىلى بارلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ، ئىپپەت - نومۇسىنى ساتقان ۋە پاھىشىۋازلىق قىلغان قىلمىشنى كۆرسىتىدۇ. 1. ئوبيېكتى - مۇرەككەپ ئوبيېكت، يەنى دۆلىتىمىزنىڭ يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنى باشقۇرۇش تۈزۈمى، جەمئىيەت ئامانلىقىنى باشقۇرۇش تۈزۈمى ۋە پۇقرالارنىڭ جىسمانىي ساغلاملىق ھوقۇقى بولىدۇ. 2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە قىلمىش سادىر قىلغۇچى ئۆزىنىڭ سىفلىس، سۆزنەك قاتارلىق ئېغىر جىنسىي كېسىلى بارلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ ئىپپەت - نومۇسىنى ساتقان، پاھىشىۋازلىق قىلغان قىلمىشنى سادىر قىلغان بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ. 3. سۇبيېكتى - جىنايى جاۋابكارلىق يېشىغا تولغان، جىنايى جاۋابكارلىق ئىقتىدارىغا ئىگە بولغان سىفلىس، سۆزنەك قاتارلىق ئېغىر جىنسىي كېسەلگە گىرىپتار بولغۇچىلار بولىدۇ. جۇڭگو پۇقراسىمۇ، چەت ئەللىكمۇ بۇ جىنايەتنىڭ سۇبيېكتى بولالايدۇ. 4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ. 360 - ماددا ئۆزىنىڭ سىفلىس، سۆزنەك قاتارلىق ئېغىر جىنسىي كېسىلى بارلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ ئىپپەت - نومۇسىنى ساتقانلار ۋە پاھىشىۋازلىق قىلغانلارغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ياكى رېجىم جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ. ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ <>مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئىپپەت - نومۇسىنى سېتىش، پاھىشىۋازلىق قىلمىشلىرىنى قاتتىق مەنئى قىلىش توغرىسىدىكى قارارى< نى ئىجرا قىلىشقا ئائىت بىرقانچە مەسىلە ھەققىدىكى جاۋاب> (1992 - يىل 12 - ئاينىڭ 11 - كۈنى) 8. جىنسىي كېسەللىكلەرنى تارقىتىش جىنايىتى قانداق بېكىتىلىدۇ؟ <قارار> نىڭ 5 - ماددا 1 - تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسلانغاندا، جىنسىي كېسەللىكلەرنى تارقىتىش جىنايىتى دەپ، ئۆزىنىڭ سىفلىس، سۆزنەك قاتارلىق ئېغىر جىنسىي كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ، ئىپپەت - نومۇسىنى سېتىش، پاھىشىۋازلىق قىلمىشىدا بولۇشنى كۆرسىتىدۇ. (1) 16 ياشقا توشقان، جىنايى جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىش ئىقتىدارى بولغان ۋە سىفلىس، سۆزنەك قاتارلىق ئېغىر جىنسىي كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولغانلار بۇ جىنايەتنىڭ ئالاھىدە سۇبيېكتى ھېسابلىنىدۇ. جۇڭگو پۇقرالىرى ياكى چەت ئەللىكلەر ئوخشاشلا بۇخىل جىنايەتنىڭ سۇبيېكتى بولالايدۇ. (2) ئىپپەت - نومۇسىنى سېتىش، پاھىشىۋازلىق قىلمىشىنى سادىر قىلغان بولۇشى شەرت، ئەمەلىيەتتە باشقىلارغا جىنسىي كېسەللىكلەرنى يۇقتۇرۇش ئاقىۋىتى كېلىپ چىققان - چىقمىغانلىقى بۇخىل جىنايەتنىڭ شەكىللىنىىشگە تەسىر يەتكۈزمەيدۇ. قىلمىش سادىر قىلغۇچى باشقا ئۇسۇل (يەنى زىنا قىلىشىش قاتارلىق ئۇسۇللار) ئارقىلىق جىنسىي كېسىلىنى قارشى تەرەپكە يۇقتۇرۇپ قويغان بولسا، بۇخىل جىنايەت شەكىللەنمەيدۇ. (3) تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە <بىلىپ تۇرۇپ> سادىر قىلغان دەپ بېكىتىشكە بولىدۇ؛ ① دوختۇرخانىغا بېرىپ كۆرۈنگەندە، ئېغىر جىنسىي كېسەللىككە گىرىپتار بولغان دەپ دىئاگنور قويۇلغانلىقى دەلىل - ئىسپاتلار ئارقىلىق ئىسپاتلانغان بولسا؛ ② بىلىمى ۋە تەجرىبىسىگە ئاساسەن، ئۆزىنىڭ ئېغىر جىنسىي كېسەللىككە گىرىپتار بولغانلىقىنى بىلگەن بولسا؛ ③ باشقا ئۇسۇللار ئارقىلىق جاۋابكارنىڭ <بىلىپ تۇرۇپ> سادىر قىلغانلىقى ئىسپاتلانغان بولسا.
← بارلىق تېمىلار 422 جىنايەت