سەۋەنلىك بىلەن پارتلىتىش جىنايىتى
جىنايەت ۋە جازا
بۇ - سەۋەنلىك بىلەن پارتلىتىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، جامائەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغان قىلمىشلارنى كۆرسىتىدۇ.
1. ئوبيېكتى - جامائەتنىڭ بىخەتەرلىكى (خاسلىققا ئىگە بولمىغان كۆپ ئادەملەرنىڭ جىسمانىي ۋە مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكى) بولىدۇ.
2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە قىلمىش سادىر قىلغۇچى سەۋەنلىك بىلەن پارتلىتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، جامائەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزگەن قىلمىشتا ئىپادىلىنىدۇ.
3. سۇبيېكتى - ئادەتتىكى سۇبيېكت بولىدۇ.
4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە سەۋەنلىكىتىن شەكىللىنىدۇ.
115 - ماددا 1 - تارماق ئوت قويۇش، يار قويۇۋېتىش، پارتلىتىش، شۇنىڭدەك زەھەرلىك، رادىئوئاكتىپلىق ماددىلار، يۇقۇملۇق كېسەل قوزغاتقۇچىغا ئوخشاش ماددىلارنى سېلىش ئۇسۇلى ياكى باشقا خەتەرلىك ئۇسۇللار بىلەن كىشىلەرنىڭ ئېغىر زەخىملىنىشىنى، ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلارغا ياكى جامائەت ۋە شەخسلەرنىڭ مال - مۈلكىنى زور زىيانغا ئۇچراتقانلارغا 10 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى، مۇددەتسىز قاماق جازاسى ياكى ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدۇ.
ئالدىنقى تارماقتىكى جىنايەتلەرنى سەۋەنلىك بىلەن ئۆتكۈزگەنلەرگە ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، يەتتە يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى يېنىكرەك بولغانلارغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ.