UyghurWiki
UyghurWiki422 جىنايەتباشقىلارنى ئىپپەت - نومۇسىنى سېتىشقا مەجبۇرلاش جىنايىتى

باشقىلارنى ئىپپەت - نومۇسىنى سېتىشقا مەجبۇرلاش جىنايىتى

جىنايەت ۋە جازا بۇ - باشقىلارنىڭ ئىرادىسىگە خىلاپ ھالدا، زورلۇق قىلىش ۋە تەھدىت سېلىش قاتارلىق مەجبۇرلاش ۋاسىتىلىرىنى قوللىنىپ، باشقىلارنى ئىپپەت - نومۇسىنى سېتىشقا مەجبۇرلاش قىلمىشىنى كۆرسىتىدۇ. 1. ئوبېيكتى - باشقىلارنىڭ جىسمانىي ئەركىنلىك ھوقۇقى ۋە جىنسىي دەخلىسىزلىك ھوقۇقى بولىدۇ. 2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە قىلمىش سادىر قىلغۇچى باشقىلارنىڭ ئىرادىسىگە خىلاپ ھالدا باشقىلارنى ئىپپەت - نومۇسىنى سېتىشقا مەجبۇرلاش قىلمىشىنى سادىر قىلغان بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ. 3. سۇبيېكتى - ئادەتتىكى سۇبيېكت بولىدۇ. 4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ. 358 - ماددا باشقىلارنى ئىپپەت - نومۇسىنى سېتىشقا ئۇيۇشتۇرغان ياكى زورلىغانلارغا بەش يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى بولغانلارغا 10 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ ياكى مال - مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىدۇ؛ (1) باشقىلارنى ئىپپەت - نومۇسىنى سېتىشقا ئۇيۇشتۇرغانلاردىن قىلمىشى ئېغىر بولغانلار؛ (2) 14 ياشقا توشمىغان نارەسىدە قىزلارنى ئىپپەت - نومۇسىنى سېتىشقا مەجبۇرلىغانلار؛ (3) كۆپ كىشىنى ئىپپەت - نومۇسىنى سېتىشقا مەجبۇرلىغان ياكى باشقىلارنى ئىپپەت - نومۇسىنى سېتىشقا كۆپ قېتىم مەجبۇرلىغانلار؛ (4) باسقۇنچىلىق قىلغاندىن كېيىن، باشقىلارغا ئىپپەت - نومۇسىنى سېتىشقا مەجبۇرلىغانلار؛ (5) ئىپپەت - نومۇسىنى سېتىشقا زورلانغۇچىنىڭ ئېغىر زەخىملىنىشى، ئۆلۈشىنى ياكى باشقا ئېغىر ئاقىۋەتنى پەيدا قىلغانلار. ئالدىنقى تارماقتىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى بولغانلاردىن قىلمىشى پەۋقۇلئاددە ئېغىرلىرىغا مۇددەتسىز قاماق جازاسى ياكى ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە مال - مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىدۇ. باشقىلارنى ئىپپەت - نومۇسىنى سېتىشقا ئۇيۇشتۇرۇپ بەرگەنلەرگە بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا بەش يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ. 361 - ماددا مېھمانخانا، يېمەك - ئىچمەك مۇلازىمەت ئورنى، مەدەنىي كۆڭۈل ئېچىش ئورنى، ئاپتوموبىل كىراكەشلىك ئورنى قاتارلىق ئورۇنلاردىكى خادىملاردىن ئۆز ئورنىنىڭ شارائىتىدىن پايدىلىنىپ، باشقىلارنى ئىپپەت - نومۇسىنى سېتىشقا ئۇيۇشتۇرغان، زورلىغان، ئازدۇرغان، سولاپ بەرگەن ۋە تونۇشتۇرغانلىرىغا مۇشۇ قانۇننىڭ 358 -، 359 - ماددىلىرىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايەت بېكىتىپ جازا بېرىلىدۇ. ئالدىنقى تارماقتا كۆرسىتىلگەن ئورۇنلارنىڭ ئاساسىي مەسئۇللىرىدىن ئالدىنقى تارماقتىكى جىنايەتنى ئۆتكۈزگەنلىرىگە ئېغىر جازا بېرىلىدۇ. ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى <>مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئىپپەت - نومۇسىنى سېتىش، پاھىشىۋازلىق قىلمىشلىرىنى قاتتىق مەنئى قىلىش توغرىسىدىكى قارارى< نى ئىجرا قىلىشقا ئائىت بىرقانچە مەسىلە ھەققىدىكى جاۋاب> (1992 - يىل 12 - ئاينىڭ 11 - كۈنى) 4. <قارار> نىڭ 2 - ماددا (3) تارماقچىسىدىكى <باسقۇنچىلىق قىلغاندىن كېيىن، ئىپپەت - نومۇسىنى سېتىشقا مەجبۇرلىغانلار> دېگەن بەلگىلىمىنى قانداق چۈشىنىش كېرەك؟ <قارار> نىڭ 2 - ماددا (3) تارماقچىسىدا بەلگىلەنگەن <باسقۇنچىلىق قىلغاندىن كېيىن، ئىپپەت - نومۇسىنى سېتىشقا مەجبۇرلىغانلار> دەپ، باسقۇنچىلىق قىلمىشى بىلەن باشقىلارنى ئىپپەت - نومۇسىنى سېتىشقا مەجبۇرلاش قىلمىشى مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، باشقىلارنى ئىپپەت - نومۇسىنى سېتىشقا مەجبۇرلاشتەك قانۇندا بەلگىلەنگەن ئېغىر قىلمىشى بارلارنى كۆرسىتىدۇ. شۇڭا ئۇلارغا باشقىلارنى ئىپپەت - نومۇسىنى سېتىشقا مەجبۇرلاش جىنايىتلا بېكىتىلسە بولىدۇ. باسقۇنچىلىق قىلمىشى بىلەن باشقىلارنى ئىپپەت - نومۇسىنى سېتىشقا مەجبۇرلاش قىلمىشى مۇناسىۋەتلىك بولمىسا، ئايرىم - ئايرىم جىنايەت بېكىتىپ، بىرقانچە جىنايەتنى قوشۇپ جازالاش كېرەك. 5. قايسى قىلمىشلار باشقىلارنى ئىپپەت - نومۇسنى سېتىشقا تەشكىللەش جىنايىتى، باشقىلارنى ئىپپەت - نومۇسىنى سېتىشقا مەجبۇرلاش جىنايىتىدىكى <قىلمىشى پەۋقۇلئاددە ئېغىر> ھېسابلىنىدۇ؟ <قارار> نىڭ 1 - ماددا 1 - تارمىقىدا بەلگىلەنگەن <قىلمىشى پەۋقۇلئاددە ئېغىر بولۇش> دەپ، ئاساسلىقى باشقىلارنى ئىپپەت - نومۇسىنى سېتىشقا ئۇيۇشتۇرغان باش جىنايەتچىلەردىن قىلمىشى پەۋقۇلئاددە ئېغىر بولغانلار؛ باشقىلارنى ئىپپەت - نومۇسىنى سېتىشقا ئۇيۇشتۇرۇش ۋاسىتىسى پەۋقۇلئاددە قەبىھ بولغانلار؛ ئىپپەت - نومۇسىنى سېتىشقا ئۇيۇشتۇرۇلغۇچىلارنى پەۋقۇلئاددە ئېغىر ئاقىۋەتكە ئۇچراتقانلار؛ نۇرغۇن ئادەمنى نۇرغۇن قېتىم ئىپپەت - نومۇسىنى سېتىشقا ئۇيۇشتۇرغۇچىلاردىن ئىجتىمائىي خەۋپى ئىنتايىن زور بولغانلارنى كۆرسىتىدۇ. <قارار> نىڭ 2 - ماددا 1 - تارمىقىدا بەلگىلەنگەن باشقىلارنى ئىپپەت - نومۇسىنى سېتىشقا زورلاش جىنايىتىدىكى <قىلمىشى پەۋقۇلئاددە ئېغىر> بولۇش دەپ، <قارار> نىڭ 2 - ماددىسىدا كۆرسىتىلگەن تۆت خىل ئەھۋالدىكى پەۋقۇلئاددە ئېغىر قىلمىشنى كۆرسىتىدۇ. كونكرېت ئىجرا قىلىش جەريانىدا، دائىرىسىنى مۇشۇ تۆت خىل ئەھۋالدىن كېڭەيتىۋېتىشكە بولمايدۇ. 9. <قارار> دا كۆرسىتىلگەن <باشقىلار>، <كۆپ ئادەم>، <كۆپ قېتىم> دېگەنلەرنى قانداق چۈشىنىش كېرەك؟ (1) باشقىلارنى ئىپپەت - نومۇسىنى سېتىشقا ئۇيۇشتۇرغان، ئۇيۇشتۇرۇشقا ياردەملەشكەن، زورلىغان، ئازدۇرغان، سولاپ بەرگەن، تونۇشتۇرغان دېگەن سۆزدىكى <باشقىلار> دەپ ئاساسلىقى ئاياللارنى كۆرسىتىدۇ ۋە ئەرلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ (2) <قارار> ۋە مۇشۇ <جاۋاب> دىكى <كۆپ ئادەم>، <كۆپ قېتىم> دېگەن سۆزدىكى <كۆپ> <ئۈچ> تىن ئارتۇق ساننى كۆرسىتىدۇ (ئۈچنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ).
← بارلىق تېمىلار 422 جىنايەت
باشقىلارنى ئىپپەت - نومۇسىنى سېتىشقا مەجبۇرلاش جىنايىتى | UyghurWiki | UyghurWiki