شىركەت، كارخانا خادىملىرىنىڭ پارا ئېلىش جىنايىتى
جىنايەت ۋە جازا
بۇ - شىركەت ۋە كارخانا خادىملىردىن ۋەزىپىسىدىكى قۇلايلىقتىن پايدىلىنپ باشقىلاردىن پۇل - مال تەلەپ قىلىپ ياكى باشقىلارنىڭ پۇل - مېلىنى قانۇنسىز ئېلىپ، باشقىلارغا مەنپەئەت يەتكۈزگەن، باشقىلاردىن قانۇنسىز ئالغان پۇل - مېلىنىڭ مىقدارى كۆپرەك بولغان قىلمىشلارنى كۆرسىتىدۇ.
1. ئوبيېكتى - شىركەت، كارخانىلارنىڭ نورمال پائالىيىتى، شۇنداقلا كارخانا، شىركەتلەرنىڭ نورمال ئىجتىمائىي ئىقتىسادىي تەرتىپى بولىدۇ.
2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە ۋەزىپىسىدىكى قۇلايلىقتىن پايدىلىنىپ باشقىلاردىن پۇل - مال تەلەپ قىلىپ ياكى باشقىلارنىڭ پۇل - مېلىنى قانۇنسىز ئېلىپ، باشقىلارغا مەنپەئەت يەتكۈزگەن قىلمىشتا ئىپادىلىنىدۇ.
3. سۇبيېكتى - شىركەت، كارخانىلارنىڭ خىزمەتچى خادىملىرى بولىدۇ.
4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە پەقەت قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ.
163 - ماددا ۋەزىپىسىدىكى قۇلايلىقتىن پايدىلىنىپ، باشقىلاردىن پۇل - مال تەلەپ قىلىپ ياكى باشقىلارنىڭ پۇل - مېلىنى قانۇنسىز ئېلىپ، باشقىلارغا مەنپەئەت يەتكۈزگەن شىركەت ۋە كارخانا خادىملىرىدىن مىقدارى كۆپرەك بولغانلىرىغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ مىقدارى ناھايىتى كۆپ بولغانلىرىغا بەش يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە مال - مۈلكى مۇسادىرە قىلىنسا بولىدۇ.
ئىقتىسادىي مۇئامىلىدە دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىلىرىگە خىلاپلىق قىلىپ، تۈرلۈك نامدىكى ئۈستەك، رەسمىيەت ھەققى ئېلىپ ئۆزىنىڭ قىلىۋالغان شىركەت ۋە كارخانا خادىملىرىغا ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.
دۆلەت شىركەتلىرى ۋە كارخانىلىرىدا ھۆكۈمەت ئىشى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان خادىملاردىن ۋە دۆلەت شىركەتلىرى، دۆلەت كارخانىلىرى، دۆلەت شىركەتلىرى ئىلكىدە بولمىغان شىركەت ۋە كارخانىلارغا ھۆكۈمەت خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىشقا ئەۋەتكەن خادىملاردىن ئالدىنقى ئىككى تارماقتىكى قىلمىشلارنى سادىر قىلغانلىرىغا مۇشۇ قانۇننىڭ 385 -، 386 - ماددىلىرىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايەت بېكىتىپ جازا بېرىلىدۇ.
184 - ماددا بانكا ياكى باشقا پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتى خادىملىرىدىن پۇل مۇئامىلە كەسپىي پائالىيەتلىرىدە باشقىلاردىن پۇل - مال تەلەپ قىلىپ ياكى پۇل - مالنى قانۇنسىز ئېلىپ، باشقىلارغا مەنپەئەت يەتكۈزگەنلىرىگە ياكى دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ تۈرلۈك نامدىكى ئۈستەك، رەسمىيەت ھەققى ئېلىپ، ئۇنى ئۆزىنىڭ قىلىۋالغانلىرىغا مۇشۇ قانۇننىڭ 163 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايەت بېكىتىپ جازا بېرىلىدۇ.
ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىكىنىڭ ئىقتىسادىي جىنايەت دېلولىرىنى سۈرۈشتۈرۈش ئۆلچىمى ھەققىدىكى بەلگىلىمىسى
(2001 - يىل 4 - ئاينىڭ 18 - كۈنى)
شىركەت، كارخانا خادىملىرىنىڭ ۋەزىپىسىدىكى قۇلايلىقتىن پايدىلىنىپ، باشقىلاردىن پۇل - مال تەلەپ قىلىپ ياكى باشقىلارنىڭ پۇل - مېلىنى قانۇنسىز ئېلىپ، باشقىلارغا مەنپەئەت يەتكۈزگەن ياكى ئىقتىسادىي مۇئامىلىدە، دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىلىرىگە خىلاپلىق قىلىپ، تۈرلۈك نامدىكى ئۈستەك، رەسمىيەت ھەققى ئېلىپ، ئۆزىنىڭ قىلىۋالغان سوممىسى 5000 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق بولغانلار سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.