قوشۇلما قىممەت بېجى تالونىنى قانۇنسىز سېتىش جىنايىتى
جىنايەت ۋە جازا
بۇ - دۆلەتنىڭ تالون باشقۇرۇشقا ئائىت - نىزاملىرىغا خىلاپلىق قىلىپ، باجنى ئاساسلىق باشقۇرغۇچى ئورگاننىڭ تەستىقىدىن ئۆتكۈزۈمەي تۇرۇپ قوشۇلما قىممەت بېجى تالونىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ساتقان قىلمىشلارنى كۆرسىتىدۇ.
1. ئوبيېكتى - دۆلەتنىڭ قوشۇلما قىممەت بېجى تالونىنى باشقۇرۇش تۈزۈمى بولىدۇ.
2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، ئۆزىنىڭ تۇتۇپ تۇرغان قوشۇلما قىممەت باج تالونىنى باشقا شەخسلەرگە ياكى ئورۇنلارغا ساتقان قىلمىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ.
3. سۇبيېكتى - ئادەتتىكى سۇبيېكت (تەبىئىي شەخس ۋە ئورۇنلار) بولىدۇ.
4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ.
207 - ماددا قوشۇلما قىممەت بېجى تالونىنى قانۇنسىز ساتقانلارغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ياكى رېجىم جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 20 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 200 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ مىقدارى كۆپرەك بولغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 500 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ مىقدارى ناھايىتى كۆپ بولغانلىرىغا 10 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 500 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ ياكى مال - مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىدۇ.
211 - ماددىنى مەزكۇر كىتابنىڭ 157 - بېتىدىن كۆرۈڭ.
ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىكىنىڭ ئىقتىسادىي جىنايەت دېلولىرىنى سۈرۈشتۈرۈش ئۆلچىمى ھەققىدىكى بەلگىلىمىسى
(2001 - يىل 4 - ئاينىڭ 18 - كۈنى)
25 پارچىدىن ئارتۇق قوشۇلما قىممەت بېجى تالونىنى قانۇنسىز ساتقانلار ياكى قانۇنسىز ساتقان يىغىندى سوممىسى 100 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق بولغانلار سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.