باھالىق بېلەتلەرنى ياساش، شۇنداق يالغان بېلەتلەرنى ھايىنىغا سېتىش جىنايىتى
جىنايەت ۋە جازا
بۇ - ماشىنا - پويىز بېلىتى، كېمە - پاراخوت بېلىتى، پوچتا ماركىسى ياكى باشقا باھالىق بېلەتلەرنى ياسىۋالغان ياكى شۇنداق يالغنا بېلەتلەرنى ھايىنىغا ساتقان سوممىسى كۆپرەك بولغان قىلمىشلارنى كۆرسىتىدۇ.
1. ئوبيېكتى - دۆلەتنىڭ نورمال ئىقتىسادىي تەرتىپى، دۆلەتنىڭ قىممەتكە ئىگە بېلەتلەرنى باشقۇرۇش پائالىيىتى بولىدۇ.
2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە ماشىنا - پويىز بېلىتى، كېمە - پاراخوت بېلىتى، پوچتا ماركىسى ياكى باشقا باھالىق بېلەتلەرنى ياسىۋالغان ياكى شۇنداق يالغان بېلەتلەرنى ھايىنىغا ساتقانلاردىن سوممىسى كۆپرەك بولغان قىلمىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ.
3. سۇبيېكتى - ئادەتتىكى سۇبيېكت (تەبىئىي شەخس ۋە ئورۇنلار) بولىدۇ.
4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ.
227 - ماددا 1 - تارماق ماشىنا - پويىز بېلىتى، كېمە - پاراخوت بېلىتى، پوچتا ماركىسى ياكى باشقا باھالىق بېلەتلەرنى ياسىۋالغان ياكى شۇنداق يالغان بېلەتلەرنى ھايىنىغا ساتقانلاردىن سوممىسى كۆپرەك بولغانلىرىغا ئىككى يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ياكى رېجىم جازاسى بېرىلىدۇ، بېلەت باھاسىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن يۇقىرى، بەش ھەسسىسىدىن تۆۋەن قوشۇمچە ياكى ئايرىم جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ سوممىسى ناھايىتى كۆپ بولغانلىرىغا ئىككى يىلدىن يۇقىرى، يەتتە يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، بېلەت باھاسىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن يۇقىرى، بەش ھەسسىسىدىن تۆۋەن قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ.
231 - ماددا ئورۇنلاردىن مۇشۇ پاراگرافتىكى 221 - ماددىدىن 230 - ماددىغىچە بولغان ماددىلاردا بەلگىلەنگەن جىنايەتلەرنى ئۆتكۈزگەنلىرىگە جەرىمانە قويۇلىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ بىۋاستە جاۋابكار مەسئۇل خادىمىغا ۋە باشقا بىۋاستە جاۋابكارلىرىغا مۇشۇ پاراگرافتىكى ماددىلاردىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.