UyghurWiki
UyghurWiki422 جىنايەتئېكسپورت باج قايتۇرمىسى، توغرىلاپ چىقىرىۋېتىلىدىغان باج پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋېلىشتا ئىشلەتكىلى بولىدىغان تالونلارنى قانۇنسىز ياساش، قانۇنسىز ياسالغانلىرىنى سېتىش جىنايىتى

ئېكسپورت باج قايتۇرمىسى، توغرىلاپ چىقىرىۋېتىلىدىغان باج پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋېلىشتا ئىشلەتكىلى بولىدىغان تالونلارنى قانۇنسىز ياساش، قانۇنسىز ياسالغانلىرىنى سېتىش جىنايىتى

جىنايەت ۋە جازا بۇ - قىلمىش سادىر قىلغۇچى ئېكسپورت باج قايتۇرمىسى، توغرىلاپ چىقىرىۋېتىلىدىغان باج پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋېلىشتا ئىشلەتكىلى بولىدىغان باشقا تالونلارنى ياسىغان، باسقان، ساتقان قىلمىشلارنى كۆرسىتىدۇ. 1. ئوبيېكتى - دۆلەتنىڭ باج باشقۇرۇش تۈزۈمى بولىدۇ. 2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە ئېكسپورت باج قايتۇرمىسى توغرىلاپ چىقىرىۋېتىلىدىغان باج پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋېلىشتا ئىشلەتكىلى بولىدىغان باشقا تالونلارنى ياسىغان، باشقان، ساتقان قىلمىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ. 3. سۇبيېكتى - ئادەتتىكى سۇبيېكت، ئورۇنلار ۋە تەبىئىي شەخس بولىدۇ. 4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ. 212 - ماددىنى مەزكۇر كىتابنىڭ 157 - بېتىدىن كۆرۈڭ. 209 - ماددا 1 - تارماق ئېكسپورت باج قايتۇرمىسى، توغرىلاپ چىقىرىۋېتىلىدىغان باج پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋېلىشتا ئىشلەتكىلى بولىدىغان باشقا تالونلارنى ياسىۋالغان، ئۆز بېشىمچلىق بىلەن باسقان ياكى ساتقانلارغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ياكى رېجىم جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 20 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 200 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ مىقدارى ناھايىتى كۆپ بولغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، يەتتە يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 500 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ مىقدارى پەۋقۇلئاددە كۆپ بولغانلىرىغا يەتتە يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 500 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ ياكى مال - مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىدۇ. 211 - ماددىنى مەزكۇر كىتابنىڭ 157 - بېتىدىن كۆرۈڭ. ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىكىنىڭ ئىقتىسادىي جىنايەت دېلولىرىنى سۈرۈشتۈرۈش ئۆلچىمى ھەققىدىكى بەلگىلىمىسى (2001 - يىل 4 - ئاينىڭ 18 - كۈنى) 50 پارچىدىن ئارتۇق ئېكسپورت باج قايتۇرمىسى، توغرىلاپ چىقىرىۋېتىلىدىغان باج پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋېلىشتا ئىشلەتكىلى بولىدىغان باشقا تالونلارنى ياسىغان، ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ساتقان ياكى ساتقانلار سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار 422 جىنايەت
ئېكسپورت باج قايتۇرمىسى، توغرىلاپ چىقىرىۋېتىلىدىغان باج پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋېلىشتا ئىشلەتكىلى بولىدىغان تالونلارنى قانۇنسىز ياساش، قانۇنسىز ياسالغانلىرىنى سېتىش جىنايىتى | UyghurWiki | UyghurWiki