ئېكسپورت باج قايتۇرمىسى دوكۇمېنتلىرىنى قانۇنغا خىلاپ ھالدا بېرىش جىنايىتى
جىنايەت ۋە جازا
بۇ - باج ئورگانلىرىدىن باشقا دۆلەت ئورگىنى خادىملىرىدىن دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئېكسپورت قىلىنىدىغان مالنى تاموژنىغا مەلۇم قىلىش تالونى، ئېكسپورتتىن قىلىنغان تاشقى پېرېۋوت كىرىمىنى تەكشۈرۈپ ھېساباتتىن كۆتۈرۈۋېتىش تالونى قاتارلىق ئېكسپورت باج قايتۇرمىسى دوكۇمېنتلىرىنى بېرىش خىزمىتى جەريانىدا نەپسانىيەتچىلىك قىلىپ، دۆلەت مەنپەئىتىنى زور زىيانغا ئۇچرىتىش قىلمىشىنى كۆرسىتىدۇ.
1. ئوبيېكتى - دۆلەتنىڭ دۆلەت ئورگىنى خادىملىرىنىڭ جامائەت ئىشلىرى پائالىيىتىنى باشقۇرۇش تۈزۈمى بولىدۇ.
2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە دۆلەت بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئېكسپورت قىلىنغان مالنى تاموژنىغا مەلۇم قىلىش تالونى، ئېكسپورتتىن قىلىنغان تاشقى پېرېۋوت كىرىمىنى ھېساباتتىن كۆتۈرۈۋېتىش قاتارلىق ئېكسپورت باج قايتۇرمىسى دوكۇمېنتلىرىنى بېرىش خىزمىتىدە نەپسانىيەتچىلىك قىلىپ، دۆلەت مەنپەئىتىنى زور زىيانغا ئۇچرىتىش قىلمىشى بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ.
3. سۇبيېكتى - ئالاھىدە سۇبيېكت، يەنى باق ئورگىنى خادىملىرىدىن باشقا دۆلەت ئورگىنى خادىملىرى بولىدۇ.
4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ.
405 - ماددا باج ئورگىنى خادىملىرىدىن قانۇن ۋە مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تالون تارقىتىش، سېتىش، باج پۇلىنى توغرىلاپ چىقىرىۋېتىش ۋە ئېكسپورت باج قايتۇرمىسى بېرىش خىزمىتىدە نەپسانىيەتچىلىك قىلىپ، دۆلەت مەنپەئىتىنى زور زىيانغا ئۇچراتقانلىرىغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ دۆلەت مەنپەئىتىنى پەۋقۇلئاددە زور زىيانغا ئۇچراتقانلىرىغا بەش يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.
باشقا دۆلەت ئورگىنى خادىملىرىدىن دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئېكسپورت قىلىنىدىغان مالنى تاموژنىغا مەلۇم قىلىش تالونى، ئېكسپورتتىن قىلىنغان تاشقى پېرېۋوت كىرىمىنى تەكشۈرۈپ ھېساباتتىن كۆتۈرۈۋېتىش تالونى قاتارلىق ئېكسپورت باج قايتۇرمىسى دوكۇمېنتلىرىنى بېرىش خىزمىتى جەريانىدا نەپسانىيەتچىلىك قىلىپ، دۆلەت مەنپەئىتىنى زور زىيانغا ئۇچراتقانلىرىغا ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.
ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ <خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى بىۋاسىتە قوبۇل قىلىپ دېلو ئېچىپ تەھقىقلەيدىغان دېلولارغا دېلو ئېچىش ئۆلچىمى> توغرىسىدىكى بەلگىلىمىسى (سىناق نۇسخىسى)
(1999 - يىل 9 - ئاينىڭ 16 - كۈنى)
تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىگە چېتىشلىق بولسا دېلو ئېچىش كېرەك؛
1( يۈز - خاتىر قىلىپ ۋە شەخسىي مەنپەئىتىنى كۆزلەپ دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، ماتېرىيال توقۇپ چىقىپ ئەھۋالنى يوشۇرۇپ، ساختىپەزلىك قىلىپ، ئەمەلىيەتتە يوق ئېكسپورت مېلىنى تاموژنىغا مەلۇم قىلىش تالونى، ئېكسپورتتىن قىلىنغان تاشقى پېرېۋوت كىرىمىنى تەكشۈرۈپ ھېساباتتىن كۆتۈرۈۋېتىش تالونى قاتالىق ئېكسپورت باج قايتۇرمىسى دوكۇمېنتلىرىنى بېرىپ، دۆلەتنىڭ باج كىرىمىنى 100 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق زىيانغا ئۇچراتقان بولسا؛
2) نەپسانىيەتچىلىك قىلىپ زىيانغا ئۇچراتقان دۆلەتنىڭ باج كىرىمى 100 مىڭ يۈەنگە يەتمىسىمۇ، پارا تەلەپ قىلىش، ئېلىش ياكى باشقا قەبىھ قىلمىشى بولسا.
ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ <خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى بىۋاسىتە قوبۇل قىلىپ تەھقىقلەيدىغان مەسئۇلىيەتسىزلىك، ھوقۇققا دەخلى - تەرۇز قىلىشقا دائىر چوڭ، پەۋقۇلئاددە چوڭ دېلولارنىڭ ئۆلچىمى> (سىناق نۇسخىسى) توغرىسىدىكى بەلگىلىمىسى
(2001 - يىل 7 - ئاينىڭ 20 - كۈنى)
1. <چوڭ دېلو> تورغۇزۇشنىڭ ئۆلچىمى
دۆلەتنىڭ باج كىرىمىگە سالغان زىيىنى يىغىپ ھېسابلىغاندا 300 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق بولسا.
2. <پەۋقۇلئاددە چوڭ دېلو> تۇرغۇزۇشنىڭ ئۆلچىمى
دۆلەتنىڭ باج كىرىمىگە سالغان زىيىنى يىغىپ ھېسابلىغاندا 500 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق بولسا.