ماشىنا - پويىز بېلىتى، كېمە - پاراخوت بېلىتىنى ھايىنىغا سېتىش جىنايىتى
جىنايەت ۋە جازا
بۇ - ماشىنا - پويىز بېلىتى، كېمە - پاراخوت بېلىتىنى ھايىنىغا ساتقانلاردىن قىلمىشى ئېغىر بولغان قىلمىشلارنى كۆرسىتىدۇ.
1. ئوبيېكتى - دۆلەتنىڭ نورمال بىلەن باشقۇرۇش تەرتىپى بولىدۇ.
2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە قىلمىش سادىر قىلغۇچى ماشىان - پويىز بېلىتى، كېمە - پاراخوت بېلىتىنى ھايىنىغا ساتقان ئېغىر بولغان قىلمىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ.
3. سۇبيېكتى - ئادەتتىكى سۇبيېكت (ئورۇن ۋە تەبىئىي شەخسلەر) بولىدۇ.
4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ.
227 - ماددا 2 - تارماق ماشىنا - پويىز بېلىتى، كېمە - پاراخوت بېلىتىنى ھايىنىغا ساتقانلاردىن قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ياكى رېجىم جازاسى بېرىلىدۇ، ساتقان بېلەت باھاسىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن يۇقىرى، بەش ھەسسىسىدىن تۆۋەن قوشۇمچە ياكى ئايرىم جەرىمانە قويۇلىدۇ.
231 - ماددا ئورۇنلاردىن مۇشۇ پاراگرافتىكى 221 - ماددىدىن 230 - ماددىغىچە بولغان ماددىلاردا بەلگىلەنگەن جىنايەتلەرنى ئۆتكۈزگەنلىرىگە جەرىمانە قويۇلىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ بىۋاستە جاۋابكار مەسئۇل خادىمىغا ۋە باشقا بىۋاستە جاۋابكارلىرىغا مۇشۇ پاراگرافتىكى ماددىلاردىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.