UyghurWiki
UyghurWiki422 جىنايەتقانۇنغا خىلاپ كېلىدىغان چەك - ھۆججەتنىڭ چىقىمىنى ئېتىراپ قىلىش، ئۇنىڭغا پۇل چىقىم قىلىش، كېپىللىك قىلىش جىنايىتى

قانۇنغا خىلاپ كېلىدىغان چەك - ھۆججەتنىڭ چىقىمىنى ئېتىراپ قىلىش، ئۇنىڭغا پۇل چىقىم قىلىش، كېپىللىك قىلىش جىنايىتى

جىنايەت ۋە جازا بۇ - بانكا ياكى باشقا پۇل مۇئامىلە ئاپپارتى خادىملىرىدىن چەك - ھۆججەت كەسپىدە چەك - ھۆججەت قانۇنىدىكى بەلگىلىمىلىگە خىلاپ كېلىدىغان چەك - ھۆججەتنىڭ چىقىمىنى ئېتىرپا قىلىپ، ئۇنىڭغا پۇل چىقىم قىلىپ ياكى كېپىللىك قىلىپ، زور زىيان پەيدا قىلغان قىلمىشلارنى كۆرسىتىدۇ. 1. ئوبيېكتى - چەك - ھۆججەت باشقۇرۇش تۈزۈمى ۋە چەك - ھۆججەت ئىگىدارلىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق مەنپەئىتى ۋە مال - مۈلۈك ھوقۇقى بولىدۇ. 2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە قىلمىش سادىر قىلغۇچى چەك - ھۆججەت قانۇنىدىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپ كېلىدىغان چەك - ھۆججەتنىڭ چىقىمىنى ئېتىراپ قىلىپ، ئۇنىڭغا پۇل چىقىم قىلىپ ياكى كېپىللىك قىلىپ سادىر قىلغان قىلمىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ. 3. سۇبيېكتى - ئالاھىدە سۇبېيكت، يەنى چوقۇم بانكا ياكى باشقا پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى ھەم خىزمەتچى خادىملىرى بولىدۇ. 4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە سەۋەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ. 189 - ماددا بانكا ياكى باشقا پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتى خادىملىرىدىن چەك - ھۆججەت كەسپىدە چەك - ھۆججەت قانۇنىدىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپ كېلىدىغان چەك - ھۆججەتنىڭ چىقىمىنى ئېتىراپ قىلىپ، ئۇنىڭغا پۇل چىقىم قىلىپ ياكى كېپىللىك قىلىپ زور زىيان پەيدا قىلغانلىرىغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ پەۋقۇلئاددە زور زىيان پەيدا قىلغانلىرىغا بەش يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ. ئورۇنلاردىن ئالدىنقى تارماقتىكى جىنايەتنى ئۆتكۈزگەنلىرىگە جەرىمانە قويۇلىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ بىۋاستە جاۋابكار مەسئۇل خادىمىغا ۋە باشقا بىۋاستە جاۋابكارلىرىغا ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ. ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىكىنىڭ ئىقتىسادىي جىنايەت دېلولىرىنى سۈرۈشتۈرۈش ئۆلچىمى ھەققىدىكى بەلگىلىمىسى (2001 - يىلى 4 - ئاينىڭ 18 - كۈنى) بانكا ياكى باشقا پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتى خادىملىرىدىن چەك - ھۆججەت كەسپىدە چەك - ھۆججەت قانۇنىدىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپ كېلىدىغان چەك - ھۆججەتنىڭ چىقىمىنى ئېتىراپ قىلىپ، ئۇنىڭغا پۇل چىقىم قىلىپ ياكى كېپىللىك قىلىپ، تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىگە چېتىشلىق بولغانلىرى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ: 1) شەخسلەردىن چەك - ھۆججەت قانۇنىدىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپ كېلىدىغان چەك - ھۆججەتنىڭ چىقىمىنى ئېتىراپ قىلىپ، ئۇنىڭغا پۇل چىقىم قىلىپ ياكى كېپىللىك قىلىپ، 500 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق بىۋاستە ئىقتىسادىي زىيان كەلتۈرۈپ چىقارغانلار؛ 2) ئورۇنلاردىن چەك - ھۆججەت قانۇنىدىكى بەلگىلمىلەرگە خىلاپ كېلىدىغان چەك - ھۆججەتنىڭ چىقىمىنى ئېتىراپ قىلىپ، ئۇنىڭغا پۇل چىقىم قىلىپ ياكى كېپىللىك قىلىپ، بىر مىليون يۈەندىن ئارتۇق بىۋاستە ئىقتىسادىي زىيان كەلتۈرۈپ چىقارغانلار.
← بارلىق تېمىلار 422 جىنايەت