UyghurWiki›422 جىنايەت›خۇيداۋمېن تەشكىلاتى، بىدئەتچى دىنىي تەشكىلات ئۇيۇشتۇرۇپ ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ، خۇراپاتلىقتىن پايدىلىنىپ قانۇنلارنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش جىنايىتى
خۇيداۋمېن تەشكىلاتى، بىدئەتچى دىنىي تەشكىلات ئۇيۇشتۇرۇپ ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ، خۇراپاتلىقتىن پايدىلىنىپ قانۇنلارنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش جىنايىتى
جىنايەت ۋە جازا
بۇ - خۇيداۋمېن تەشكىلاتى ۋە بىدئەتچى دىنىي تەشكىلات - ئۇيۇشتۇرۇپ ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ ياكى خۇراپاتلىقتىن پايدىلىنىپ، دۆلەتنىڭ قانۇن ۋە مەمۇرىي نىزاملارنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش قىلمىشلىرىنى كۆرسىتىدۇ.
1. ئوبيېكتى - جەمئىيەتنى باشقۇرۇش تەرتىپى بولىدۇ.
2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە خۇيداۋمېن تەشكىلاتى، بىدئەتچى دىنىي تەشكىلات ئۇيۇشتۇرۇپ ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ، خۇراپاتلىقتىن پايدىلىنىپ، دۆلەتنىڭ قانۇن، مەمۇرىي قانۇن - نىزاملىرىنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا بۇزغۇنچىلىق قىلغان قىلمىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ.
3. سۇبيېكتى - ئادەتتىكى سۇبيېكت بولىدۇ.
4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ.
300 - ماددا خۇيداۋمېن تەشكىلاتى، بىدئەتچى دىنىي تەشكىلات ئۇيۇشتۇرۇپ ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ ياكى خۇراپاتلىقتىن پايدىلىنىپ، دۆلەتنىڭ قانۇن ۋە مەمۇرىي نىزاملىرىنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا بۇزغۇنچىلىق قىلغانلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، يەتتە يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى پەۋقۇلئاددە ئېغىر بولغانلارغا يەتتە يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.
خۇيداۋمېن تەشكىلاتى، بىدئەتچى دىنىي تەشكىلات ئۇيۇشتۇرۇپ ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ ياكى خۇراپاتلىقتىن پايدىلىنىپ، باشقىلارنى ئالداپ، ئادەمنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلارغا ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.
خۇيداۋمېن تەشكىلاتى ۋە بىدئەتچى دىنىي تەشكىلات ئۇيۇشتۇرۇپ ياكى خۇراپاتلىقتىن پايدىلىنىپ ئاياللارنىڭ ئىپپەت - نومۇسىغا تەگكەن، پۇل - مالنى ئالداپ ئېلىۋالغانلارغا مۇشۇ قانۇننىڭ 236 -، 266 - ماددىلىرىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايەت بېكىتىپ جازا بېرىلىدۇ.
(مەزكۇر جىنايەتكە ئالاقىدار ئەدلىيەلىك ئىزاھاتلارنى شىنجاڭ خەلق سەھىيە نەشرىياتى بىلەن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى بىرلىشىپ 2003 - يىل 1 - ئايدا نەشر قىلغان <ئىچكى خەۋپسىزلىك قوغداش ئورگانلىرى بېجىرىدىغان 27 خىل جىنايەت> دېگەن كىتابنىڭ 432 - بېتىدىن پايدىلىنىڭ)