ھەربىيلەرگە خاس بەلگىلەرنى قانۇنسىز ئىشلەش، ئېلىپ - سېتىش جىنايىتى
جىنايەت ۋە جازا
بۇ - قىسىملارنىڭ مۇناسىۋەتلىك باشقۇرغۇچى ئورگانلىرىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكۈزمەي، قوراللىق قىسىملارنىڭ فورمىسى، ماشىنا نومۇرى قاتارلىق خاس بەلگىلىرىنى قانۇنسىز ئىشلەپچىقارغان، ئېلىپ - ساتقانلاردىن قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىنى كۆرسىتىدۇ.
1. ئوبيېكتى - قوراللىق قىسىملارنىڭ نام - شۆھرىتى ۋە نورمال باشقۇرۇش پائالىيىتى بولىدۇ.
2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە قوراللىق قىسىملارنىڭ فورمىسى، ماشىنا نومۇرى قاتارلىق خاس بەلگىلىرىنى قانۇنسىز ئىشلەپچىقارغان، ئېلىپ - ساتقان ئېغىر قىلمىشنى سادىر قىلغان بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ.
3. سۇبيېكتى - ئادەتتىكى سۇبيېكت بولىدۇ (تەبىئىي ئادەم ۋە ئورۇنلار).
4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ.
375 - ماددا 2 - تارماق قوراللىق قىسىملارنىڭ فورمىسى، ماشىنا نومۇرى قاتارلىق خاس بەلگىلىرىنى قانۇنسىز ئىشلىگەن ۋە ئېلىپ - ساتقانلاردىن قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ياكى رېجىم جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە ياكى ئايرىم جەرىمانە قويۇلىدۇ.