UyghurWiki›422 جىنايەت›ئەتىۋارلىق، ئاز ئۇچرايدىغان ئۆسۈملۈك ۋە ئۇنىڭدىن ئىشلەنگەن بۇيۇملار ئەتكەسچىلىكى جىنايىتى
ئەتىۋارلىق، ئاز ئۇچرايدىغان ئۆسۈملۈك ۋە ئۇنىڭدىن ئىشلەنگەن بۇيۇملار ئەتكەسچىلىكى جىنايىتى
جىنايەت ۋە جازا
بۇ - تاموژنىغا ئائىت قانۇن - نىزاملارغا خىلاپلىق قىلىپ، ئۆزىنى تاموژنىنىڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشىدىن قاچۇرۇپ، توشۇش، ئېلىپ يۈرۈ، پوچتىدىن ئەۋەتىش ئارقىلىق ئەتىۋارلىق، ئاز ئۇچرايدىغان ئۆسۈملۈك ۋە ئۇنىڭدىن ئىشلەنگەن بۇيۇملارنى چېگرادىن ئەكىرگەن، ئېلىپ چىققان قىلمىشلارنى كۆرسىتىدۇ.
1. ئوبيېكتى - دۆلەتنىڭ ئەتىۋارلىق، ئاز ئۇچرايدىغان ئۆسۈملۈك، ئەتىۋارلىق، ئاز ئۇچرايدىغان ئۆسۈملۈكتىن ئىشلەنگەن بۇيۇملارنى ئىمپورت - ئېكسپورت قىلىشنى مەنئىي قىلىشقا ئائىت باشقۇرۇش تۈزۈمى بولىدۇ.
2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە تاموژنىغا ئائىت قانۇن - نىزاملارغا خىلاپلىق قىلىپ، تاموژنىنىڭ ئۆزىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشىدىن قاچۇرۇپ، توشۇش، ئېلىپ يۈرۈش، پوچتىدىن ئەۋەتىش ئارقىلىق ئەتىۋارلىق، ئاز ئۇچرايدىغان ئۆسۈملۈك ۋە ئۇنىڭدىن ئىشلەنگەن بۇيۇملارنى چېگرادىن ئېلىپ كىرگەن، ئېلىپ چىققان قىلمىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ.
3. سۇبيېكتى - ئادەتتىكى سۇبيېكت (تەبىئىي شەخس ۋە ئورۇنلار) بولىدۇ.
4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ.
151 - ماددا قورال - ياراغ، ئوق - دورا، يادرو ماتېرىيالى ياكى يالغان پۇل ئەتكەسچىلىكى قىلغانلارغا يەتتە يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ ياكى ئۇلارنىڭ مال - مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىدۇ؛ قىلمىشى يېنىكرەك بولغانلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، يەتتە يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ.
دۆلەت ئېكسپورت قىلىشنى مەنئىي قىلغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى، ئالتۇن، كۈمۈش ۋە باشقا قىممەتلىك مېتال ياكى دۆلەت ئىمپورت - ئېكسپورت قىلىشنى مەنئىي قىلغان ئەتىۋارلىق ھايۋان ۋە ئۇنىڭدىن ئىشلەنگەن بۇيۇم ئەتكەسچىلىكى قىلغانلارغا بەش يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قىلمىشى يېنىكرەك بولغانلارغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ.
دۆلەت ئىمپورت - ئېكسپورت قىلىشنى مەنئىي قىلغان ئەتىۋارلىق، ئاز ئۇچرايدىغان ئۆسۈملۈك ۋە ئۇنىڭدىن ئىشلەنگەن بۇيۇم ئەتكەسچىلىكى قىلغانلارغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە ياكى ئايرىم جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قىلمىش ئېغىر بولغانلارغا بەش يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ.
ئورۇنلاردىن مۇشۇ ماددىدا بەلگىلەنگەن جىنايەتنى ئۆتكۈزگەنلەرگە جەرىمانە قويۇلىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ بىۋاستە جاۋابكار مەسئۇل خادىمىغا ۋە باشقا بىۋاستە جاۋابكارلىرىغا مۇشۇ ماددىنىڭ تارماقلىرىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.
155 - ماددا، 156 - ماددا ۋە 157 - ماددا 2 - تارماقتىكى مەزمونلارنى مەزكۇر كىتابنىڭ 78 - بېتىدىن پايدىلىندىڭ.