نازەرەت قىلىپ باشقۇرۇلغۇچىلارنى خورلاش جىنايىتى
جىنايەت ۋە جازا
بۇ - نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى ئورگانلارنىڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى خادىملىرىدىن نازارەت قىلىپ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇلغۇچىلارنى ئۇرغان ياكى تەن جازاسى بېرىپ خورلىغان ئېغىر قىلمىشنى كۆرسىتىدۇ.
1. ئوبيېكتى - پۇقرالارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى ۋە نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى ئورگانلارنىڭ نورمال پائالىيىتى بولىدۇ.
2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى ئورگانلارنىڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى خادىملىرى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇلغۇچىلارنى ئورغان، تەن جازاسى بېرىپ خورلىغان ياكى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇلغۇچىلارنى كۈشكۈرتۈپ باشقا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇلغۇچىلارنى ئۇرغۇزغان ياكى تەن جازاسى بېرىپ خورلاتقان قىلمىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ.
3. سۇبيېكتى - ئالاھىدە سۇبيېكت بولىدۇ، يەنى تۈرمە، تۇتۇپ تۇرۇش ئورنى، قاماقخانا قاتارلىق نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى ئورگانلارنىڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى خادىملىرىلا بۇ جىنايەتنىڭ سۇبيېكتى بولالايدۇ.
4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ.
248 - ماددا تۈرمە، توختىتىپ قويۇش ئورنى ۋە قاماقخانا قاتارلىق نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى ئورگانلارنىڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى خادىملىرىدىن نازارەت قىلىپ باشقۇرۇلغۇچىلارنى ئۇرغان ياكى تەن جازاسى بېرىپ خورلىغانلاردىن قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى پەۋقۇلئاددە ئېغىر بولغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، ئادەمنىڭ زەخىملىنىشى، مېيىپ بولۇشى ۋە ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىرىغا مۇشۇ قانۇننىڭ 223 -، 234 - ماددىلىرىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايەت بېكىتىپ ئېغىر جازا بېرىلىدۇ.
نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى خادىملاردىن نازارەت قىلىپ باشقۇرۇلغۇچىلارنى باشقا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇلغۇچىلارنى ئورۇپ ياكى تەن جازاسى بېرىپ خورلاشقا كۈشكۈرتكەنلىرىەە ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.
234 - ماددا باشقىلارنىڭ تېنىنى قەستەن زەخىملەندۈرگەنلەرگە ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ياكى رېجىم جازاسى بېرىلىدۇ.
ئالدىنقى تارماقتىكى جىنايەتنى ئۆتكۈزۈپ باشقىلارنى ئېغىر زەخىملەندۈرگەنلەرگە ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ؛ باشقىلارنىڭ ئۆلۈشىنى پەيدا قىلغانلارغا ياكى پەۋقۇلئاددە ۋەھشىي ۋاسىتىلەر بىلەن باشقىلارنى ئېغىر زەخىملەندۈرۈپ ئېغىر مېيىپ قىلىۋەتكەنلەرگە 10 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى، مۇددەتسىز قاماق جازاسى ياكى ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدۇ. مۇشۇ قانۇندا ئايرىم بەلگىلەنگەنلىرى شۇ بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.
232 - ماددا قەستەن قاتىللىق قىلغانلارغا ئۆلۈم جازاسى، مۇددەتسىز قاماق جازاسى ياكى 10 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى يېنىكرەك بولغانلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.
ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ <خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى بىۋاستە قوبۇل قىلىپ دېلو ئېچىپ تەھقىقلەيدىغان دېلولارغا دېلو ئېچىش ئۆلچىمى> توغرىسىدىكى بەلگىلىمىسى (سىناق نۇسخىسى)
(1999 - يىل 9 - ئاينىڭ 16 - كۈنى)
تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىگە چېتىشلىق بولسا دېلو ئېچىش كېرەك:
1) نازارەت ئاستىدا باشقۇرۇلۇۋاتقانلارنىڭ يېنىك زەخىملىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولسا؛
2) نازارەت ئاستىدا باشقۇرۇلۇۋاتقانلارنىڭ ئۆلۈۋېلىش، ئېلىشىپ قېلىشى ياكى باشقا ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولسا؛
3) نازارەت ئاستىدا باشقۇرۇلۇۋاتقانلاردىن ئۈچتىن ئارتۇقىنى ئۇرغان، تەن جازاسى بىلەن خورلىغان ياكى بىر ئادەمنى ئۈچ قېتىمدىن ئارتۇق ئۇرغان، تەن جازاسى بىلەن خورلىغان بولسا؛
4) ۋاسىتىسى ۋەھشىي، تەسىرى يامان بولسا؛
5) نازارەت ئاستىدا باشقۇرۇلۇۋاتقانلارنى نازارەت ئاستىدا باشقۇرۇلۇۋاتقان باشقا كىشىلەرنى ئۇرۇش، تەن جازاسى بىلەن خورلاشقا كۈشكۈرتۈپ، يۇقىرىقى ئەھۋاللارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغان بولسا.
ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ <خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى بىۋاستە قوبۇل قىلىپ تەھقىقلەيدىغان مەسئۇلىيەتسىزلىك، ھوقۇققا دەخلى - تەرۇز قىلىشقا دائىر چوڭ، پەۋقۇلئاددە چوڭ دېلولارنىڭ ئۆلچىمى> (سىناق نۇسخىسى) توغرىسىدىكى بەلگىلىمىسى
(2001 - يىل 7 - ئاينىڭ 20 - كۈنى)
1. چوڭ دېلو
(1)نازارەت ئاستىدا باشقۇرۇلۇۋاتقانلارنىڭ ئېغىر زەخمىلىنىشىنى ياكى ئېلىشىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولسا؛
(2)بەشتىن ئارتۇق نازارەت ئاستىدا باشقۇرۇلۇۋاتقانلارنى خورلىغان ياكى بەش قېتىمدىن ئارتۇق خورلىغان بولسا؛
2. پەۋقۇلئاددە چوڭ دېلو
(1) نازارەت ئاستىدا باشقۇرۇلۋاتقانلارنىڭ ئۆلۈشىگە سەۋەبچى بولسا؛
(2) يەتتىدىن ئارتۇق نازارەت ئاستىدا باشقۇرۇلۇۋاتقانلارنى خورلىغان ياكى يەتتە قېتىمدىن ئارتۇق خورلىغان بولسا.