باشقىلارنى زورلاپ زەھەر چەكتۈرۈش جىنايىتى
جىنايەت ۋە جازا
بۇ - باشقىلارنى زورلاپ زەھەر چەكتۈرگەن، ئىستېمال قىلدۇرغان، ئوكۇل قىلىپ سالدۇرغان قىلمىشنى كۆرسىتىدۇ.
1. ئوبيېكتى - جەمئىيەتنى باشقۇرۇش تەرتىپى ۋە باشقىلارنىڭ جىسمانىي، روھىي ساغلاملىق ھوقۇقى بولىدۇ.
2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە باشقىلارنى زورلاپ زەھەر چەكتۈرگەن، ئوكۇل قىىپ سالدۇرغان قىلمىشنى سادىر قىلىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ.
3. سۇبيېكتى - ئادەتتىكى سۇبېيكت بولىدۇ.
4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ.
353 - ماددا باشقىلارنى قىزىقتۇرۇپ، كۈشكۈرتۈپ ۋە ئالداپ زەھەر چەكتۈرگەن، ئىستېمال قىلدۇرغان ۋە ئوكۇل قىلىپ سالدۇرغانلارغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ياكى رېجىم جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ، قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، يەتتە يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ.
باشقىلارنى زورلاپ زەھەر چەكتۈرگەن، ئىستېمال قىلدۇرغان ۋە ئوكۇل قىلىپ سالدۇرغانلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ.
قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قىزىقتۇرۇپ، كۈشكۈرتۈپ، ئالداپ ياكى زورلاپ زەھەر چەكتۈرگەن، ئىستېمال قىلدۇرغان ۋە ئوكۇل قىلىپ سالدۇرغانلارغا ئېغىر جازا بېرىلىدۇ.
356 - ماددا زەھەر ئەتكەسچىلىكى قىلىش، ئېلىپ - سېتىش، توشۇش، ياساش ۋە ئىلكىدە قانۇنسىز تۇتۇپ تۇرۇش جىنايىتى ئۆتكۈزۈپ جازا ھۆكۈم قىلىنغانلاردىن مۇشۇ پاراگرافتا بەلگىلەنگەن جىنايەتلەرنى يەنە ئۆتكۈزگەنلىرىگە ئېغىر جازا بېرىلىدۇ.
ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ <>مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ زەھەر چەكلەش توغرىسىدىكى قارارى< نى ئىجرا قىلىشتىكى بىرقانچە مەسىلە توغرىسىدىكى ئىزاھات> نى بېسىپ تارقاتقانلىق ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇشى
(1994 - يىل 12 - ئاينىڭ 20 - كۈنى)
س