UyghurWiki
UyghurWiki422 جىنايەتمەڭگۈلۈك ئۆلچەش بەلگىلىرىنى بۇزۇۋېتىش جىنايىتى

مەڭگۈلۈك ئۆلچەش بەلگىلىرىنى بۇزۇۋېتىش جىنايىتى

جىنايەت ۋە جازا بۇ - پلانېتلارنى كۆزىتىش نۇقتىسى، تەكشىلىك نۇقتىسى، پولىگونومېتىرلىق يۆنىلىش نۇقتىسى قاتارلىق مەڭگۈلۈك ئۆلچەش بەلگىلىرىنى بۇزۇۋېتىش قىلمىشىنى كۆرسىتىدۇ. 1. ئوبيېكتى - دۆلەتنىڭ مەڭگۈلۈك ئۆلچەش بەلگىلىرىنى نورمال باشقۇرۇش پائالىيىتى بولىدۇ. 2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە قىلمىش سادىر قىلغۇچى مەڭگۈلۈك ئۆلچەش بەلگىلىرىنى بۇزۇۋېتىش قىلمىشىنى ئېلىپ بارغان بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ. 3. سۇبيېكتى - ئادەتتىكى سۇبيېكت بولىدۇ. 4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ. 323 - ماددا دۆلەت چېگراسىدىكى چېگرا تاختىسى، چېگرا قوزۇقى ياكى مەڭگۈلۈك ئۆلچەش بەلگىلىرىنى قەستەن بۇزۇۋەتكەنلەرگە ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ. جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىكىنىڭ دۆلەت چېگراسىنى باشقۇرۇشقا دەخلى يەتكۈزۈش جىنايىتى دېلوسى ئۈستىدە دېلو تۇرغۇزۇش ئۆلچىمى ۋە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش (2000 - يىل 3 - ئاينىڭ 31 - كۈنى) 1. دېلو تۇرغۇزۇش ئۆلچىمى 8) مەڭگۈلۈك ئۆلچەش بەلگىسىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش دېلوسى (1) ئوغرىلىۋېلىش، چوۋۇۋېتىش، بۇزۇۋېتىش، ئۆزگەرتىۋېتىش، يۆتكىۋېتىش، كۆمۈپ قويۇش قاتارلىق ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ مەڭگۈلۈك ئۆلچەش بەلگىسىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، ئۇلارنى ئەسلىدىكى رولىدىن مەھرۇم قىلغانلارنى دېلو تۇرغۇزۇپ تەھقىقلەش كېرەك. (2) ئۈچتىن ئارتۇق مەڭگۈلۈك ئۆلچەش بەلگىسىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش ياكى مەڭگۈلۈك ئۆلچەش بەلگىسىنى ئېغىر دەرىجىدە بۇزۇۋېتىش قاتارلىق ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلارغا زور دېلو قاتارىدا دېلو تۇرغۇزۇش كېرەك.
← بارلىق تېمىلار 422 جىنايەت
مەڭگۈلۈك ئۆلچەش بەلگىلىرىنى بۇزۇۋېتىش جىنايىتى | UyghurWiki | UyghurWiki