UyghurWiki
UyghurWiki422 جىنايەتساختا ئېلان جىنايىتى

ساختا ئېلان جىنايىتى

جىنايەت ۋە جازا بۇ - ئېلان ئىگىلىرى، ئېلان تىجارەتچىلىرى ۋە ئېلان چىقارغۇچىلاردىن دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىلىرىگە خىلاپلىق قىلىپ، تاۋار ياكى مۇلازىمەت ھەققىدىكى ئېلانىدىن پايدىلىنىپ، ساختا تەشۋىقات ئېلىپ بارغان ئېغىر قىلمىشنى كۆرسىتىدۇ. 1. ئوبيېكتى - دۆلەتنىڭ ئېلان باشقۇرۇش تۈزۈمى ۋە ئىستېمالچىلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق - مەنپەئىتى بولىدۇ. 2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە قانۇن بەلگىلىمىلىرىگە خىلاپلىق قىلىپ، تاۋار ياكى مۇلازىمەت ھەققىدىكى ئېلاندىن پايدىلىنىپ، ساختا تەشۋىقات ئېلىپ بارغانلاردىن ئېغىر بولغان قىلمىشلارنى كۆرسىتىدۇ. 3. سۇبيېكتى - ئالاھىدە سوبيېكت، يەنى ئېلان ئىگىلىرى، ئېلان تىجارەتچىلىرى ۋە ئېلان چىقارغۇچىلار بولىدۇ. 4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىك بولغان بولىدۇ. 222 - ماددا دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىلىرىگە خىلاپلىق قىلىپ، تاۋار ياكى مۇلازىمەت ھەققىدە ئېلاندىن پايدىلىنىپ، ساختا تەشۋىقات ئېلىپ بارغان ئېلان ئىگىلىرى، ئېلان تىجارەتچىلىرى، ئېلان چىقارغۇچىلاردىن قىلمىشى ئېغىرلىرىغا ئىككى يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە ياكى ئايرىم جەرىمانە قويۇلىدۇ. 231 - ماددا ئورۇنلاردىن مۇشۇ پاراگرافتىكى 221 - ماددىدىن 231 - ماددىغىچە بولغان ماددىلاردا بەلگىلەنگەن جىنايەتلەرنى ئۆتكۈزگەنلىرىگە جەرىمانە قويۇلىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ بىۋاستە جاۋابكار مەسئۇل خادىمىغا ۋە باشقا بىۋاستە جاۋابكارلىرىغا مۇشۇ پاراگرافتىكى ماددىلاردىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ. ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىكىنىڭ ئىقتىسادىي جىنايەت دېلولىرىنى سۈرۈشتۈرۈش ئۆلچىمى ھەققىدىكى بەلگىلىمىسى (2001 - يىل 4 - ئاينىڭ 18 - كۈنى) دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىلىرىگە خىلاپلىق قىلىپ، تاۋار يكى مۇلازىمەت ھەققىدە ئېلاندىن پايدىلىنىپ، ساختا تەشۋىقات ئېلىپ بارغان ئېلان ئىگىلىرى، ئېلان تىجارەتچىلىرى، ئېلان چىقارغۇچىلاردىن تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىگە چېتىشلىق بولغانلىرى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ: 1) قانۇنسىز تاپاۋىتى 100 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق بولغانلار؛ 2) ئىستېمالچىلارنى 500 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق بىۋاستە ئىقتىسادىي زىيانغا ئۇچراتقانلار؛ 3) يۇقىرىقى سومما ئۆلچىمىگە يەتمىگەن بولسىمۇ، ئېلاندىن پايدىلىنىپ ساختا تەشۋىقات ئېلىپ بېرىپ، ئىككى قېتىمدىن ئارتۇق مەمۇرىي جازاغا ئۇچرىغان تۇرۇقلۇق، يەنە ئېلاندىن پايدىلىنىپ ساختا تەشۋىقات ئېلىپ بارغانلار؛ 4) كىشىلەرنىڭ زەخىملىنىشى، مېيىپ بولۇشى ياكى باشقا ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلار.
← بارلىق تېمىلار 422 جىنايەت