UyghurWiki
UyghurWiki422 جىنايەتشىركەت، كارخانا، كەسپىي ئورۇن، خەلق تەشكىلاتلىرىنىڭ تامغىسىنى ياسىۋېلىش جىنايىتى

شىركەت، كارخانا، كەسپىي ئورۇن، خەلق تەشكىلاتلىرىنىڭ تامغىسىنى ياسىۋېلىش جىنايىتى

جىنايەت ۋە جازا بۇ - شىركەت، كارخانا، كەسپىي ئورۇن، تەشكىلاتلىرىنىڭ تامغىسىنى قەستەن ياساش قىلمىشىنى كۆرسىتىدۇ. 1. ئوبيېكتى - شىركەت، كارخانا، كەسپىي ئورۇن، خەلق تەشكىلاتلىرىنىڭ نورمال باشقۇرۇش تەرتىپى ۋە ئىناۋىتى بولىدۇ. 2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە قىلمىش سادىر قىلغۇچى شىركەت، كارخانا، كەسپىي ئورۇن، خەلق تەشكىلاتلىرىنىڭ تامغىسىنى ياسىۋالغان قىلمىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ. 3. سۇبيېكتى - ئادەتتىكى سۇبيېكت بولىدۇ. 4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ. 280 - ماددا 2 - تارماق شىركەت، كارخانا، كەسپىي ئورۇن، خەلق تەشكىلاتلىرىنىڭ تامغىسىنى ياسىۋالغانلارغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى، رېجىم جازاسى ياكى سىياسىي ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىش جازاسى بېرىلىدۇ. 338 -، 339 - بەتتىكى ئەدلىيىلىك ئىزاھاتتىن پايدىلىنىڭ.
← بارلىق تېمىلار 422 جىنايەت
شىركەت، كارخانا، كەسپىي ئورۇن، خەلق تەشكىلاتلىرىنىڭ تامغىسىنى ياسىۋېلىش جىنايىتى | UyghurWiki | UyghurWiki