چۆپقەتلىرىگە قانۇنغا خىلاپ ھالدا قەرز پۇل تارقىتىش جىنايىتى
جىنايەت ۋە جازا
بۇ - بانكا ياكى باشقا پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتى خادىملىرىدىن قانۇن ۋە مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، چۆپقەتلىرىگە ئىناۋەتلىك قەرز پۇل ياكى كېپىللىك قەرز پۇل تارقىتىپ بېرىش شەرتىنى باشقا قەرز ئالغۇچىلارغا ئوخشاش تۈردىكى قەرز پۇل بېرىش شەرتىدىن كەڭرەك قىلىپ بېرىپ، چوڭراق زىيان پەيدا قىلغان قىلمىشلارنى كۆرسىتىدۇ.
1. ئوبيېكتى - دۆلەتنىڭ ئامانەت - قەرز باشقۇرۇش تۈزۈمى بولىدۇ.
2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە قانۇن ۋە مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، چۆپقەتلىرىگە ئىناۋەتلىك قەرز پۇل ياكى كېپىللىك قەرز پۇل تارقىتىپ بېرىش شەرتىنى باشقا قەرز ئالغۇچىلارغا ئوخشاش تۈردىكى قەرز پۇل بېرىش شەرتىدىن كەڭرەك قىلىپ بېرىپ، تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلار: بىرىنچى، شەخسلەر قانۇنسىز ھالدا چۆپقەتلىرىگە قەرز پۇل تارقىتىپ، كەلتۈرۈپ چىقارغان بىۋاستە ئىقتىسادىي زىيىنى 100 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى بولغانلار؛ ئىككىنچى، ئورۇنلار قانۇنسىز ھالدا چۆپقەتلىرىگە قەرز پۇل تارقىتىپ، كەلتۈرگەن بىۋاستە ئىقتىسادىي زىيىنى 300 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى بولغانلار.
3. سوبيېكتى - ئالاھىدە سۇبيېكت، يەنى بانكا ياكى باشقا پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ خىزمەتچى خادىملىرى بولىدۇ، ئورۇنمۇ بۇ جىنايەتنىڭ سۇبيېكتى بولالايدۇ.
4. سۇبېيكتىپ جەھەتتە سەۋەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ.
186 - ماددا 1 - تارماق، 3 - تارماق بانكا ياكى باشقا پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتى خادىملىرىدىن قانۇن ۋە مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، چۆپقەتلىرىگە ئىناۋەتلىك قەرز پۇل ياكى كېپىللىك قەرز پۇل تارقىتىش شەرتىنى باشقا قەرز ئالغۇچىلارغا ئوخشاش تۈردىكى قەرز پۇل بېرىش شەرتىدىن كەڭرەك قىلىپ بېرىپ، چوڭراق زىيان پەيدا قىلغانلىرىغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ زور زىيان پەيدا قىلغانلىرىغا بەش يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 20 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 200 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.
ئورۇنلاردىن ئالدىنقى ئىككى تارماقتىكى جىنايەتنى ئۆتكۈزگەنلىرىگە جەرىمانە قويۇلىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ بىۋاستە جاۋابكار مەسئۇل خادىمىغا ۋە باشقا بىۋاستە جاۋابكارلىرىغا ئالدىنقى ئىككى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.
چۆپقەتلەرنىڭ دائىرىسى <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ سودا بانكىسى قانۇنى> ۋە ئالاقىدار پۇل مۇئامىلە نىزاملىرى بويىچە بېكىتىلىدۇ.
ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىكىنىڭ ئىقتىسادىي جىنايەت دېلولىرىنى سۈرۈشتۈرۈش ئۆلچىمى ھەققىدىكى بەلگىلىمىسى
(2001 - يىل 4 - ئاينىڭ 18 - كۈنى)
بانكا ياكى باشقا پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتى خادىملىرىدىن قانۇن ۋە مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، چۆپقەتلىرىگە ئىناۋەتلىك قەرز پۇل ياكى كېپىللىك قەرز پۇل تارقىتىش شەرتىنى باشقا قەرز پۇل ئالغۇچىلارغا ئوخشاش تۈردىكى قەرز پۇل بېرىش شەرتىدىن كەڭرەك قىلىپ بېرىپ، تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىگە چېتىشلىق بولغانلىرى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ؛
1) شەخسلەردىن چۆپقەتلىرىگە قانۇنغا خىلاپ ھالدا قەرز پۇل بېرىپ، 100 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق بىۋاستە ئىقتىسادىي زىيان كەلتۈرۈپ چىقارغانلار؛
2) ئورۇنلاردىن چۆپقەتلىرىگە قانۇنغا خىلاپ ھالدا قەرز پۇل بېرىپ، 300 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق بىۋاستە ئىقتىسادىي زىيان كەلتۈرۈپ چىقارغانلار.