UyghurWiki
UyghurWiki422 جىنايەتناركوز دورىلىرى ۋە روھىي كېسەل دورىلىرىنى قانۇنسىز بېرىش جىنايىتى

ناركوز دورىلىرى ۋە روھىي كېسەل دورىلىرىنى قانۇنسىز بېرىش جىنايىتى

جىنايەت ۋە جازا بۇ - دۆلەت تىزگىنلەيدىغان ناركوز دورىلىرى ۋە روھىي كېسەل دورىلىرىنى قانۇن بويىچە ئىشلەپچىقىرىدىغان، توشۇيدىغان، باشقۇرىدىغان ۋە ئىشلىتىدىغان ئورۇن ۋە خادىملاردىن دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، زھەر چەككۈچى، ئىستېمال قىلغۇچى ۋە ئوكۇل قىلىپ سالغۇچىلارغا دۆلەت تىزگىنلەشنى بەلگىلىگەن ئادەمنى خۇمار قىلالايدىغان ناركوز دورىلىرى ۋە روھىي كېسەل دورىلىرىنى بەرگەن قىلمىشلارنى كۆرسىتىدۇ. 1. ئوبيېكتى - دۆلەتنىڭ ناركوز دورىلىرى ۋە روھىي كېسەل دورىلىرىنى باشقۇرۇش تۈزۈمى بولىدۇ. 2. ئوبېيكتىپ جەھەتتە دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، زەھەر چەككۈچى، ئىستېمال قىلغۇچى ۋە ئوكۇل قىلىپ سالغۇچىلارغا دۆلەت تىزگىنلەشنى بەلگىلىگەن ئادەمنى خۇمار قىلالايدىغان ناركوز دورىلىرى ۋە روھىي كېسەل دورىلىرى بىلەن تەمىنلىگەن قىلمىشنى سادىر قىلغان بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ. 3. سۇبيېكتى - ئالاھىدە سۇبيېكت، يەنى دۆلەت تىزگىنلەشنى بەلگىلىگەن ناركوز دورىلىرى ۋە روھىي كېسەل دورىلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش، توشۇش، باشقۇرۇش، ئىشلىتىش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئورۇن ۋە خادىملار بولىدۇ. 4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ. 355 - ماددا دۆلەت تىزگىنلەيدىغان ناركوز دورىلىرى ۋە روھىي كېسەل دورىلىرىنى قانۇن بويىچە ئىشلەپچىقىرىدىغان، توشۇيدىغان، باشقۇرىدىغان ۋە ئىشلىتىدىغان خادىملاردىن دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، زەھەر چەككۈچى، ئىستېمال قىلغۇچى ۋە ئوكۇل قىلىپ سالغۇچىلارغا دۆلەت تىزگىنلەشنى بەلگىلىگەن، ئادەمنى خۇمار قىلالايدىغان ناركوز دورىلىرى ۋە روھىي كېسەل دورىلىرىنى بەرگەنلىرىگە ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، يەتتە يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ. زەھەر ئەتكەسچىلىكى قىلغان، ساتىدىغان جىنايەتچىلەرگە ياكى زەھەر چەككۈچى، ئىستېمال قىلغۇچى، ئوكۇل قىلىپ سالغۇچىلارغا دۆلەت تىزگىنلەشنى بەلگىلىگەن، كىشىلەرنى خۇمار قىلالايدىغان ناركوز دورىلىرىنى ۋە روھىي كېسەل دورىلىرىنى پايدا تېپىش مەقسىتىدە بەرگەنلەرگە مۇشۇ قانۇننىڭ 347 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايەت بېكىتىپ جازا بېرىلىدۇ. ئورۇنلاردىن ئالدىنقى تارماقتىكى جىنايەتنى ئۆتكۈزگەنلىرىگە جەرىمانە قويۇلىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمىغا ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ. 356 - ماددا زەھەر ئەتكەسچىلىكى قىلىش، ئېلىپ - سېتىش، توشۇش، ياساش ۋە ئىلكىدە قانۇنسىز تۇتۇپ تۇرۇش جىنايىتى ئۆتكۈزۈپ جازا ھۆكۈم قىلىنغانلاردىن مۇشۇ پاراگرافتا بەلگىلەنگەن جىنايەتلەرنى يەنە ئۆتكۈزگەنلىرىگە ئېغىر جازا بېرىلىدۇ. ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ <>مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ زەھەر چەكلەش توغرىسىدىكى قارارى< نى ئىجرا قىلىشتىكى بىرقانچە مەسىلە توغرىسىدىكى ئىزاھات> نى بېسىپ تارقاتقانلىق ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇشى (1994 - يىل 12 - ئاينىڭ 30 - كۈنى) س
← بارلىق تېمىلار 422 جىنايەت
ناركوز دورىلىرى ۋە روھىي كېسەل دورىلىرىنى قانۇنسىز بېرىش جىنايىتى | UyghurWiki | UyghurWiki