UyghurWiki
UyghurWiki422 جىنايەتقورال - ياراغ، ئوق - دورىلارنى قانۇنسىز ئىلكىدە تۇتۇش ۋە يوشۇرۇن ساقلاش جىنايىتى

قورال - ياراغ، ئوق - دورىلارنى قانۇنسىز ئىلكىدە تۇتۇش ۋە يوشۇرۇن ساقلاش جىنايىتى

جىنايەت ۋە جازا بۇ - قورال - ياراغ باشقۇرۇشقا ئائىت بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، قورال - ياراغ، ئوق - دورىلارنى قانۇنسىز ھالدا ئىلكىدە تۇتۇش، يوشۇرۇن ساقلاش قىلمىشىنى كۆرسىتىدۇ. 1. ئوبيېكتى - جامائەت ئامانلىقى ۋە دۆلەتنىڭ قورال - ياراغ، ئوق - دورىلارنى باشقۇرۇش تۈزۈمى بولىدۇ. 2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە قىلمىش سادىر قىلغۇچى قورال - ياراغ، ئوق - دورا باشقۇرۇشقا ئائىت بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، قورال - ياراغ، ئوق - دورىلارنى قانۇنسىز ھالدا ئېلىكىدە تۇتقان، يوشۇرۇن ساقلىغان قىلمىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ. 3. سۇبيېكتى - ئادەتتىكى سۇبيېكت بولىدۇ. 4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكىتىن شەكىللىنىدۇ. 128 - ماددا قورال - ياراغ باشقۇرۇشقا ئائىت بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، قورال - ياراغ، ئوق - دورىلارنى قانۇنسىز ھالدا ئىلكىدە تۇتقان ۋە يوشۇرۇن ساقلىغانلارغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ياكى رېجىم جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، يەتتە يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قورال - ياراغ باشقۇرۇش قانۇنى 3 -، 32 -، 44 -، 45 -، 46 - ماددىلار مەزكۇر كىتابنىڭ 50 - بېتىدىن .پايدىلىنىڭ.
← بارلىق تېمىلار 422 جىنايەت
قورال - ياراغ، ئوق - دورىلارنى قانۇنسىز ئىلكىدە تۇتۇش ۋە يوشۇرۇن ساقلاش جىنايىتى | UyghurWiki | UyghurWiki