UyghurWiki
UyghurWiki422 جىنايەتساختا، ناچار مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش جىنايىتى

ساختا، ناچار مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش جىنايىتى

جىنايەت ۋە جازا بۇ - ئىشلەپچىقارغۇچىلار، ساتقۇچىلاردىن مەھسۇلاتقا باشقا نەرسىلەرنى، ساختا نەرسىلەرنى ئارىلاشتۇرۇپ، يالغاننى راست، ناچارنى ياخشى قىلىپ كۆرسىتىپ ياكى ئۆلچەمگە توشمايدىغان مەھسۇلاتنى ئۆلچەملىك مەھسۇلات قىلىپ كۆرسىتىپ ساتقان قىلمىشنى كۆرسىتىدۇ. 1. ئوبيېكتى - مەھسۇلاتلارنڭ سۈپىتىنى باشقۇرۇشقا ئائىت تۈزۈم ۋە ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتى بولىدۇ. 2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە مەھسۇلاتلارنىڭ سۈپەت باشقۇرۇش توغرىسىدىكى قانۇن - نىزاملارغا ۋە سودا - سانائەتنى مەمۇرىي باشقۇرۇشقا ئائىت قانۇن - قائىدىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، ساختا، ناچار مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقارغان، ساتقان قىلمىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ. 3. سۇبيېكتى - ئادەتتىكى سۇبيېكت (شەخسلەر ۋە ئورۇنلار) بولىدۇ. 4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ. 140 - ماددا ئىشلەپچىقارغۇچىلار ۋە ساتقۇچىلاردىن مەھسۇلاتقا باشقا نەرسىلەرنى، ساختا نەرسىلەرنى ئارىلاشتۇرۇپ، يالغاننى راست، ناچارنى ياخشى قىلىپ كۆرسىتىپ ياكى ئۆلچەمگە لايىق كەلمەيدىغان مەھسۇلاتنى ئۆلچەمگە لايىق مەھسۇلات قىلىپ كۆرسىتىپ، سېتىش سوممىسى 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 200 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن بولغانلىرىغا ئىككى يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە ياكى ئايرىم سېتىش سوممىسىنىڭ 50 پىرسەنتىدىن يۇقىرى، ئىككى ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ سېتىش سوممىسى 200 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 500 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن بولغانلىرىغا ئىككى يىلدىن يۇقىرى، يەتتە يىلدىن تۆۋەن دەرىجىلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە سېتىش سوممىسىنىڭ 50 پىرسەنتىدىن يۇقىرى، ئىككى ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ سېتىش سوممىسى 500 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 2 مىليون يۈەندىن تۆۋەن بولغانلارغا يەتتە يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە سېتىش سوممىسىنىڭ 50 پىرسەنتىدىن يۇقىرى، ئىككى ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ سېتىش سوممىسى 2 مىليون يۈەندىن ئېشىپ كەتكەنلەرگە 15 يىللىق قاماق جازاسى ياكى مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە سېتىش سوممىسىنىڭ 50 پىرسەنتىدىن يۇقىرى، ئىككى ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ ياكى ئۇلارنىڭ مال - مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىدۇ. 150 - ماددا ئورۇنلاردىن مۇشۇ پاراگرافتىكى 140 - ماددىدىن 148 - ماددىغىچە بولغان ماددىلاردا بەلگىلەنگەن جىنايەتلەرنى ئۆتكۈزگەنلەرگە جەرىمانە قويۇلىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ بىۋاستە جاۋابكار مەسئۇل خادىمىغا ۋە باشقا بىۋاستە جاۋابكارلىرىغا شۇ ماددىلاردىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ. 149 - ماددا مۇشۇ پاراگرافتىكى 141 - ماددىدىن 148 - ماددىغىچە بولغان ماددىلاردا كۆرسىتىلگەن مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقارغان ۋە ساتقانلاردىن قىلمىشى شۇ ماددىلاردا بەلگىلەنگەن جىنايەتكە توشمىسىمۇ، سېتىش سوممىسى 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى بولغانلىرىغا مۇشۇ پاراگرافنىڭ 140 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايەت بېكىتىپ جازا بېرىلىدۇ. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەھسۇلات سۈپىتى قانۇنى (2000 - يىل 7 - ئاينىڭ 8 - كۈنى) 26 - ماددا ئىشلەپچىقارغۇچىلار ئۆزى ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتنىڭ سۈپىتىگە جاۋابكار بولۇشى لازىم. مەھسۇلات سۈپىتى تۆۋەندىكى تەلەپلەرگە ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك: (1) كىشىلەرنىڭ جىسمانىي، مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان نامۇۋاپىق خەۋپ بولماسلىق، كىشىلەرنىڭ سالامەتلىكىنى ۋە جىسمانىي، مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرىدىغان دۆلەت ئۆلچىمى، ساھە ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن بولۇش؛ (2) مەھسۇلاتتا بولۇشقا تېگىشلىك ئىستېمال ئىقتىدارى بولغان بولۇش، لېكىن ئىستېمال ئىقتىدارىدا يېتەرسىزلىك بارلىقى چۈشەندۈرۈلگەن مەھسۇلاتلار بۇنىڭ سىرتىدا؛ (3) مەھسۇلاتقا ياكى ئۇنىڭ قېپىغا يېزىلغان مەھسۇلات ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن بولۇش، مەھسۇلات چۈشەندۈرمىسى، ئەۋرىشكىسى قاتارلىق شەكىللەر بىلەن ئىپادىلەنگەن سۈپەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن بولۇش.
← بارلىق تېمىلار 422 جىنايەت