UyghurWiki
UyghurWiki422 جىنايەتيەر ئېلىپ ئىشلىتىش، يەر ئىگىلەشنى قانۇنسىز تەستىقلاش جىنايىتى

يەر ئېلىپ ئىشلىتىش، يەر ئىگىلەشنى قانۇنسىز تەستىقلاش جىنايىتى

جىنايەت ۋە جازا بۇ - دۆلەت ئورگىنى خادىملىرىدىن نەپسانىيەتچىلىك قىلىپ، يەر باشقۇرۇش قانۇن - قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە - كەلمەس پايدىلىنىپ، يەر ئېلىپ ئىشلىتىش، ئىگىلەشنى قانۇنسىز تەستىقلىغان، قىلمىشى ئېغىر بولغان قىلمىشنى كۆرسىتىدۇ. 1. ئوبيېكتى - دۆلەتنىڭ يەر باشقۇرۇشتىن ئىبارەت نورمال پائالىيىتى بولىدۇ. 2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە نەپسانىيەتچىلىك قىلىپ، يەر باشقۇرۇش قانۇن - قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە - كەلمەس پايدىلىنىپ، يەر ئېلىپ ئىشلىتىش، ئىگىلەشنى قانۇنسىز تەستىقلىغان ئېغىر قىلمىشلارنى كۆرسىتىدۇ. 3. سۇبيېكتى - ئالاھىدە سۇبيېكت بولىدۇ، يەنى دۆلەت ئورگىنى خادىملىرى بولىدۇ. 4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ. 410 - ماددا نەپسانىيەتچىلىك قىلىپ يەر باشقۇرۇش قانۇن - نىزاملىرىغا خىلاپلىق قىلىپ، خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە - كەلمەس پايدىلىنىپ، يەر ئېلىپ ئىشلىتىش، يەر ئىگىلەشنى قانۇنسىز تەستىقلىغان ياكى دۆلەت ئىلكىدىكى يەرنى ئىشلىتىش ھوقۇقىنى تۆۋەن باھادا قانۇنسىز ئۆتۈنۈپ بەرگەن دۆلەت ئورگىنى خادىملىرىدىن قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ دۆلەتنىڭ ياكى كوللېكتىپنىڭ مەنپەئىتىنى پەۋقۇلئاددە زور زىيانغا ئۇچراتقانلىرىغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، يەتتە يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ. ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ <خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى بىۋاسىتە قوبۇل قىلىپ دېلو ئېچىپ تەھقىقلەيدىغان دېلولارغا دېلو ئېچىش ئۆلچىمى> توغرىسىدىكى بەلگىلىمىسى (سىناق نۇسخىسى) (1999 - يىل 9 - ئاينىڭ 16 - كۈنى) تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىگە چېتىشلىق بولسا دېلو ئېچىش كېرەك؛ 1) 67.0 گېكتار (10 مو) دىن ئارتۇق ئاساسلىق تېرىلغۇ يەر ياكى ئىككى گېكتار (30 مو) دىن ئارتۇق باشقا تېرىلغۇ يەر ۋە ياكى 33.3 گېكتار (50 مو) دىن ئارتۇق باشقا يەر ئېلىپ ئىشلىتىش ۋە ئىگىلەشنى بىر قېتىمدىلا قانۇنسىز تەستىقلىغان بولسا؛ 2) 12 ئاي ئىچىدە ئىشلىتىشكە، ئىگىلەشكە قانۇنسىز تەستىقلىغان، يەرنىڭ جەمئىي مو سانى يۇقىرىدىكى ئۆلچەمگە يەتكەن بولسا؛ 3) يەر ئېلىپ ئىشلىتىش، ئىگىلەشنى قانۇنسىز تەستىقلىغان يەرنىڭ مو سانى يۇقىرىدىكى ئۆلچەمگە يەتمىگەن بولسىمۇ، شۇ ئۆلچەمگە يېقىنلاشقان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئېلىپ ئىشلىتىش، ئىگىلەش قانۇنسىز تەستىقلانغان يەر ياكى يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشىغا سەۋەبچى بولغان ۋە ياكى ئالاقىدار ئورۇن، شەخسلەرنى 200 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق بىۋاستە ئىقتىسادىي زىيانغا ئۇچراتقان بولسا؛ 4) يەر ئېلىپ ئىشلىتىش، يەر ئىگىلەشنى قانۇنسىز تەستىقلاپ، ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىغا تەسىر يەتكۈزۈپ، ماجىرا تۇغدۇرۇپ يامان تەسىر ياكى باشقا ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغان بولسا. ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى بىۋاسىتە قوبۇل قىلىپ تەھقىلەيدىغان مەسئۇلىيەتسىزلىك، ھوقۇققا دەخلى - تەرۇز قىلىشقا دائىر چوڭ، پەۋقۇلئاددە چوڭ دېلولارنىڭ ئۆلچىمى< (سىناق نۇسخىسى) توغرىسىدىكى بەلگىلىمىسى (2001 - يىل 7 - ئاينىڭ 20 - كۈنى) 1. >چوڭ دېلو< تۇرغۇزۇشنىڭ ئۆلچىمى (1) 20 مودىن ئارتۇق ئاساسلىق تېرىلغۇ يەرنى ئېلىپ ئىشلىتىش، ئىگىلەشنى قانۇنسىز تەستىقلىغان بولسا؛ (2) 60 مودىن ئارتۇق باشقا تېرىلغۇ يەرنى ئېلىپ ئىشلىتىش، ئىگىلەشنى قانۇنسىز تەستىقلىغان بولسا؛ (3) 100 مودىن ئارتۇق باشقا يەرنى ئېلىپ ئىشلىتىش، ئىگىلەشنى قانۇنسىز تەستىقلىغان بولسا؛ (4) يەر ئېلىپ ئىشلىتىش، ئىگىلەشنى قانۇنسىز تەستىقلاپ، بەش مودىن ئارتۇق ئاساسلىق تېرىلغۇ يەر، 10 مودىن ئارتۇق باشقا تېرىلغۇ يەرنىڭ ئېغىر دەرىجىدە نابۇت بولۇشىغا سەۋەبچى بولسا؛ (5) يەر ئېلىپ ئىشلىتىش، ئىگىلەشنى قانۇنسىز تەستىقلاپ، سالغان بىۋاسىتە ئىقتىسادىي زىيان 500 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق بولسا. 2. >پەۋقۇلئاددە چوڭ دېلو< تۇرغۇزۇشنىڭ ئۆلچىمى (1) 30 مودىن ئارتۇق ئاساسلىق تېرىلغۇ يەرنى ئېلىپ ئىشلىتىش، ئىگىلەشنى قانۇنسىز تەستىقلىغان بولسا؛ (2) 90 مودىن ئارتۇق باشقا تېرىلغۇ يەرنى ئېلىپ ئىشلىتىش، ئىگىلەشنى قانۇنسىز تەستىقلىغان بولسا؛ (3) 150 مودىن ئارتۇق باشقا يەرنى ئېلىپ ئىشلىتىش، ئىگىلەشنى قانۇنسىز تەستىقلىغان بولسا؛ (4) يەر ئېلىپ ئىشلىتىش، ئىگىلەشنى قانۇنسىز تەستىقلاپ، 10 مودىن ئارتۇق ئاساسلىق تېرىلغۇ يەر، 20 مودىن ئارتۇق باشقا تېرىلغۇ يەرنىڭ ئېغىر دەرىجىدە نابۇت بولۇشىغا سەۋەبچى بولسا؛ (5) يەر ئېلىپ ئىشلىتىش، ئىگىلەشنى قانۇنسىز تەستىقلاپ، سالغان بىۋاسىتە ئىقتىسادىي زىيان بىر مىليون يۈەندىن ئارتۇق بولسا
← بارلىق تېمىلار 422 جىنايەت
يەر ئېلىپ ئىشلىتىش، يەر ئىگىلەشنى قانۇنسىز تەستىقلاش جىنايىتى | UyghurWiki | UyghurWiki