UyghurWiki
UyghurWiki422 جىنايەتبوغالتىرلىق دوكۇمېنتى، بوغالتىرلىق ھېسابات دەپتىرى، مالىيە بوغالتىرلىق دوكلاتىنى يوشۇرۇش، قەستەن يوقىتىۋېتىش جىنايىتى

بوغالتىرلىق دوكۇمېنتى، بوغالتىرلىق ھېسابات دەپتىرى، مالىيە بوغالتىرلىق دوكلاتىنى يوشۇرۇش، قەستەن يوقىتىۋېتىش جىنايىتى

جىنايەت ۋە جازا بۇ - قانۇنغا ئاساسەن ساقلاشقا تېگىشلىك بولغان بوغالتىرلىق دوكۇمېنتى، بوغالتىرلىق ھېسابات دەپتىرى، مالىيە بوغالتىرلىق دوكلاتى قاتارلىق بوغالتىرلىق ماتېرىياللىرىنى يوشۇرۇش، قەستەن يوقىتىۋېتىش قىلمىشىنى كۆرسىتىدۇ. 1. ئوبيېكتى - دۆلەتنىڭ مالىيە بوغالتىرلىقىنى باشقۇرۇش تۈزۈمى بولىدۇ. 2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە قانۇنغا ئاساسەن ساقلىنىشقا تېگىشلىك بولغان بوغالتىرلىق دوكۇمېنتى، بوغالتىرلىق ھېسابات دەپتىرى، مالىيە بوغالتىرلىق دوكلاتىنى يوشۇرغان، قەستەن يوقىتىۋەتكەن، قىلمىشى ئېغىر بولغان قىلمىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ. 3. سۇبيېكتى - ئادەتتىكى سۇبيېكت (تەبىئىي شەخس ۋە ئورۇنلار) بولىدۇ. 4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ. 162 - ماددا مۈلۈكنى ئېنىقلاش ۋاقتىدا، مۈلۈكنى يوشۇرۇپ، ئاكتىپ - پاسسىپ جەدۋىلى ياكى مۈلۈك تىزىملىكىنى تەييارلاشتا ساختىلىق قىلىپ ياكى قەرزىنى ئۈزمەي تۇرۇپ شىركەت ۋە كارخانىنىڭ مال - مۈلكىنى تەقسىم قىلىپ، ھەقدارلارنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ مەنپەئىتىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزگەن شىركەت ۋە كارخانىلارنىڭ بىۋاستە جاۋابكار مەسئۇل خادىمىغا ۋە باشقا بىۋاستە جاۋابكارلىرىغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، 02 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 200 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن قوشۇمچە ياكى ئايرىم جەرىمانە قويۇلىدۇ. قانۇن بويىچە ساقلىنىدىغان بوغالتىرلىق دوكۇمېنتى، بوغالتىرلىق ھېسابات دەپتىرى، مالىيە بوغالتىرلىق دوكلاتىنى يوشۇرغان ياكى قەستەن يوقىتىۋەتكەنلەردىن قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە ياكى ئايرىم 20 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 200 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ. ئورۇنلاردىن ئالدىنقى تارماقتىكى جىنايەتنى ئۆتكۈزگەنلەرگە جەرىمانە قويۇلىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ بىۋاستە جاۋابكار مەسئۇل خادىمىغا ۋە باشقا بىۋاستە جاۋابكارلىرىغا ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ. ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىكىنىڭ ئىقتىسادىي جىنايەت دېلولىرىنى سۈرۈشتۈرۈش ئۆلچىمى ھەققىدىكى بەلگىلىمىسى (2001 - يىل 4 - ئاينىڭ 18 - كۈنى) قانۇن بويىچە ساقلاشقا تېگىشلىك بولغان بوغالتىرلىق دوكۇمېنتىنى، بوغالتىرلىق ھېساباتى، مالىيە - بوغالتىرلىق دوكلاتىنى تىقىپ قويۇپ ياكى قەستەن كۆيدۈرۋەتكەنلەردىن تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىگە چېتىشلق بولغانلىرى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ: 1) چېتىشلىق سوممىسى 500 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق بوغالتىرلىق ماتېرىيالىنى تىقىپ قويغان ياكى كۆيدۈرۋەتكەنلەر؛ 2) قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇش ئۈچۈن، بوغالتىرلىق ماتېرىياللىرىنى تىقىپ قويغان، كۆيدۈرۋەتكەن ياكى تاپشۇرۇشنى رەت قىلغانلار.
← بارلىق تېمىلار 422 جىنايەت
بوغالتىرلىق دوكۇمېنتى، بوغالتىرلىق ھېسابات دەپتىرى، مالىيە بوغالتىرلىق دوكلاتىنى يوشۇرۇش، قەستەن يوقىتىۋېتىش جىنايىتى | UyghurWiki | UyghurWiki