UyghurWiki
UyghurWiki422 جىنايەتئۆچ ئېلىش زىيانكەشلىك قىلىش جىنايىتى

ئۆچ ئېلىش زىيانكەشلىك قىلىش جىنايىتى

جىنايەت ۋە جازا بۇ - دۆلەت ئورگانلىرىدىكى خادىملاردىن خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە - كەلمەس پايدىلىنىپ، ھۆكۈمەت نامىنى سېتىپ، شىكايەت قىلغۇچىلار، ئەرز قىلغۇچىلار، تەنقىد قىلغۇچىلار ۋە پاش قىلغۇچىلاردىن ئۆچ ئېلىپ زىيانكەشلىك قىلغان قىلمىشنى كۆرسىتىدۇ. 1. ئوبيېكتى - پۇقرالارنىڭ شىكايەت قىلىش، ئەرز قىلىش، تەنقىد - پىكىر بېرىش، پاش قىلىش ھوقۇقى ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ نورمال پائالىيىتى بولىدۇ. 2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە - كەلمەس پايدىلىنىپ، ھۆكۈمەت نامىنى سېتىپ، شىكايەت قىلغۇچىلار، ئەرز قىلغۇچىلار، تەنقىد قىلغۇچىلار ۋە پاش قىلغۇچىلاردىن ئۆچ ئېلىپ زىيانكەشلىك قىلغان قىلمىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ. 3. سۇبيېكتى - ئالاھىدە سۇبيېكت، يەنى دۆلەت ئورگانلىرىدىكى خىزمەتچى خادىملارلا بۇ جىنايەتنىڭ سۇبيېكتى بۇلالايدۇ. 4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە بىۋاستە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ. 254 - ماددا دۆلەت ئورگانلىرىدىكى خادىملاردىن خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە - كەلمەس پايدىلىنىپ، ھۆكۈمەت نامىنى سېتىپ، شىكايەت قىلغۇچىلار، ئەرز قىلغۇچىلار، تەنقىد قىلغۇچىلار ۋە پاش قىلغۇچىلاردىن ئۆچ ئېلىپ زىيانكەشلىك قىلغانلىرىغا ئىككى يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىغا ئىككى يىلدىن يۇقىرى، يەتتە يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ. ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ <خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى بىۋاستە قوبۇل قىلىپ دېلو ئېچىپ تەھقىلەيدىغان دېلولارغا دېلو ئېچىش ئۆلچىمى> توغرىسىدىكى بەلگىلىمىسى (سىناق نۇسخىسى) (1999 - يىل 9 - ئاينىڭ 16 - كۈنى) تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىگە چېتىشلىق بولسا دېلو ئېچىش كېرەك: 1) زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ جىسمانىي ھوقۇقى، دېموكراتىيە ھوقۇقى ۋە باشقا قانۇنلۇق ھوقۇقلىرىنى ئېغىر زىيانغا ئۇچراتقان بولسا؛ 2) باشقىلارنىڭ ئېلىشىپ قېلشى ياكى ئۆلۈۋېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولسا؛ 3) ۋاسىتىسى ۋەھشىي، ئاقىۋىتى ئېغىر بولسا. ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ <خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى بىۋاستەقوبۇل قىلىپ تەھقىلەيدىغان مەسئۇلىيەتسىزلىك، ھوقۇققا دەخلى - تەرۇز قىلىشقا دائىر چوڭ، پەۋقۇلئاددە چوڭ دېلولارنىڭ ئۆلچىمى> (سىناق نۇسخىسى) توغرىسىدىكى بەلگىلىمىسى (2001 - يىل 7 - ئاينىڭ 20 - كۈنى) 1. چوڭ دېلو (1) ئادەمنىڭ ئېلىشىپ قېلىشىغا سەۋەبچى بولسا؛ (2) ئادەمنىڭ باشقا قانۇنىي ھوقۇق - مەنپەئىتىنى زىيانغا ئۇچرىتىپ، ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغان بولسا. 2. پەۋقۇلئاددە چوڭ دېلو (1) ئادەمنىڭ ئۆلۈۋېلىشىغا سەۋەبچى بولسا؛ (2) ئاقىۋىتى پەۋقۇلئاددە ئېغىر، تەسىرى پەۋقۇلئاددە قەبىھ بولسا.
← بارلىق تېمىلار 422 جىنايەت