تۆھمەت قىلىش جىنايىتى
جىنايەت ۋە جازا
بۇ - پاكىت ئويدۇرۇپ چىقىپ ھەمدە تارقىتىپ باشقىلارنىڭ ئىززەت - ھۆرمىتى، نام - ئابرويىنى بۇلغىغان، باشقىلارغا تۆھمەت قىلغان ئېغىر قىلمىشنى كۆرسىتىدۇ.
1. ئوبيېكتى - باشقىلارنىڭ كىشىلىك ئىززىتى ۋە نام - ئابرۇيى دەخلىسىزلىك ھوقۇقى بولىدۇ.
2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە قىلمىش سادىر قىلغۇچى پاكىت ئويدۇرۇپ چىقىپ ۋە ئوچۇق - ئاشكارا تارقىتىپ باشقىلارنىڭ ئىززەت - ھۆرمىتى، نام - ئابرۇيىنى چۈشۈرگەن ئېغىر قىلمىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ.
3. سۇبيېكتى - ئادەتتىكى سۇبيېكت بولىدۇ.
4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە بىۋاستە قەستەنلىكتىن بولغان، يەنى باشقىلارنىڭ ئىززەت - ھۆرمىتى ۋە نام - ئابرۇيىنى چۈشۈرۈشنى مەقسەت قىلغان بولىدۇ.
246 - ماددا زورلۇق ئىشلىتىش ئۇسۇلى ياكى باشقا ئۇسۇللار بىلەن باشقىلارنى ئوچۇقتىن - ئوچۇق ھاقارەتلىگەن ياكى پاكىت ئويدۇرۇپ باشقىلارغا تۆھمەت قىلغانلاردىن قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى، رېجىم جازاسى ياكى سىياسىي ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىش جازاسى بېرىلىدۇ.
ئالدىنقى تارماقتىكى جىنايەت ئۈستىدە دەۋا قىلىنغانلىرىلا سورىلىدۇ، لېكىن جەمئىيەت تەرتىپىگە ۋە دۆلەت مەنپەئىتىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزگەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.
98 - ماددا بۇ قانۇندا ئېيتىلغان دەۋا قىلىنغاندىلا سوراش زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى دەۋا قىلغاندىلا سوراشنى كۆرسىتىدۇ. زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى زورلۇق ۋە تەھدىتكە ئۇچراپ دەۋا قىلالمىغان بولسا، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ۋە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ يېقىن تۇغقانلىرى دەۋا قىلسىمۇ بولىدۇ.
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنى
38 - ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى پۇقرالىرىنىڭ كىشىلىك ئىززىتى دەخلىسىزدۇر. پۇقرالارغا ھەرقانداق يول بىلەن ھاقارەت كەلتۈرۈش، تۆھمەت قىلىش ۋە قارا چاپلاش، زىيانكەشلىك قىلىش مەنئى قىلىنىدۇ.
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مېيىپلارنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش قانۇنى
3 - ماددا مېيىپلار سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت، ئىجتىمائىي ۋە ئائىلە تۇرمۇشى قاتارلىق جەھەتلەردە باشقا پۇقرالار بىلەن باراۋەر ھوقۇققا ئىگە.
مېيىپلارنىڭ پۇقرالىق ھوقۇقى ۋە كىشىلىك ئىززەت - ئابرۇيى قانۇن تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ.
مېيىپلارنى كەمسىتىش، ھاقارەتلەش ۋە ئۇلارغا زىيانكەشلىك قىلىش مەنئى قىلىنىدۇ.
52 - ماددا مېيىپلارنىڭ مېيىپلىكىدىن پايدىلىنىپ، ئۇلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق - مەنپەئىتىگە ياكى باشقا قانۇنىي ھوقۇق - مەنپەئىتىگە چاڭ سېلىپ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسى بويىچە قاتتىق جازالىنىدۇ.
مېيىپلارنى زوراۋانلىق قىلىش ياكى باشقا شەكىل ئارقىلىق ئاشكارا ھاقارەتلەنگەنلەردىن قىلمىشى ئېغىر بولغانلار جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 140 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ؛ قىلمىشى يېنىكرەك بولغانلىرى ئامانلىق ساقلاش ئىشلىرى بويىچە باشقۇرۇش ۋە جازالاش نىزامىنىڭ 22 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جازالىنىدۇ.
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئوقۇتقۇچىلار قانۇنى
(1993 - يىل 1 - ئاينىڭ 31 - كۈنى)
35 - ماددا ئوقۇتقۇچىلارنى ھاقارەتلىگەن، ئۇرغانلرغا ئوخشاش بولمىغان ئەھۋال پەرقلەندۈرۈلۈپ مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ ياكى مەمۇرىي جازا بېرىلىدۇ؛ زىيان سالغانلار زىياننى تۆلەپ بېرىشكە بۇيرۇلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولۇپ، جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.
37 - ماددا ئوقۇتقۇچىلاردا تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، ئۇلار تۇرۇشلۇق مەكتەپلەر، باشقا مائارىپ ئاپپاراتلىرى ياكى مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى مەمۇرىي چارە كۆرىدۇ ياكى ئۇلارنى تەكلىپ قىلىشنى بىكار قىلىدۇ:
(1) مائارىپ، ئوقۇتۇش ۋەزىپىسىنى قەستەن ئورۇندىماي، مائارىپ، ئوقۇتۇش خىزمىتىگە زىيان يەتكۈزگەنلەر؛
(2) ئوقۇغۇچىلارغا تەن جازاسى بېرىپ، تەربىيە بەرسىمۇ تۈزەتمىگەنلەر؛
(3) ئەخلاق - پەزىلىتى ناچار بولۇپ، ئوقۇغۇچىلارنى ھاقارەتلىگەن، يامان تەسىر پەيدا قىلغانلار.
ئوقۇتقۇچىلاردا يۇقىرىقىدىكى 2 -، 3 - تارماقتا كۆرسىتىلگەن قىلمىشلارنىڭ بىرى كۆرۈلۈپ، ئەھۋالى ئېغىر بولۇپ، جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.
مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ <ئىنتېرنېت تورى بىخەتەرلىكىگە ئائىت قارارى>
(2000 - يىل 12 - ئاينىڭ 28 - كۈنى)
4. شەخسىي، قانۇنىي ئىگە ۋە باشقا تەشكىلنىڭ جىسمانىي، مال - مۈلۈك قاتارلىق قانۇنلۇق ھوقۇقلىرى قوغدىلىدۇ. تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلىپ، جىنايەت سادىر قىلغانلار جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە جىنايى ئىشلار جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ:
1) ئىنتېرنېت تورىدىن پايدىلىنىپ باشقىلارغا ھاقارەت كەلتۈرگەن ياكى پاكىتنى ئاستىن - ئۈستىن قىلىپ باشقىلارغا تۆھمەت قىلغانلار؛
6) ئىنتېرنېت تورى ئارقىلىق باشقىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇقلىرىغا دەخلى - تەرۇز قىلىپ، ھەق تەلەپ ئىشلىرى ھوقۇقىغا دەخلى - تەرۇز قىلغانلار قانۇن بويىچە ھەق - تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ياشانغانلارنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش قانۇنى
(1996 - يىل 8 - ئاينىڭ 29 - كۈنى)
46 - ماددا ياشانغانلارغا زورلۇق ئىشلەتكەن ياكى باشقا ئۇسۇللار بىلەن ئاشكارا ھاقارەت قىلغان، پاكىت ئويدۇرۇپ تۆھمەت چاپلىغان ياكى ياشانغانلارنى خورلىغانلاردىن قىلمىشى يېنىكرەكلىرىگە ئامانلىق ساقلاش ئىشلىرى بويىچە باشقۇرۇش ۋە جازالاش نىزامىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە جازا بېرىلىدۇ، جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرىنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.
ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ قانۇنسىز نەشر بۇيۇمى جىنايى ئىشلار دېلولىرىنى سوت قىلىشتا قانۇننى كونكرېت تەتبىقلاشتىكى بەزى مەسىلىلەر توغرىسىدىكى ئىزاھاتى
(1998 - يىل 12 - ئاينىڭ 17 - كۈنى)
6 - ماددا نەشر بۇيۇمىدا باشقىلارنى ئوچۇقتىن - ئوچۇق ھاقارەتلىگەن ياكى پاكىت ئويدۇرۇپ، باشقىلارغا تۆھمەت قىلغانلاردىن قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 246 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە بىنائەن، ھاقارەتلەش جىنايىتى ياكى تۆھمەت قىلىش جىنايىتى بويىچە جىنايەت بېكىتىپ جازا بېرىلىدۇ.