قەدىمكى مەدەنىيەت ئىزلىرى، قەدىمكى قەبرىلەرنى ئوغرىلىقچە قېزىش جىنايىتى
جىنايەت ۋە جازا
بۇ - تارىخىي، بەدىئىي ۋە ئىلمىي قىممەتكە ئىگە قەدىمكى مەدەنىيەت ئىزلىرى، قەدىمكى قەبرىلەرنى ئوغرىلىقچە قازغان قىلمىشنى كۆرسىتىدۇ.
1. ئوبيېكتى - دۆلەتنىڭ قەدىمكى مەدەنىيەت ئىزلىرى، قەدىمكى قەبرىلەرنى باشقۇرۇش تۈزۈمى ۋە دۆلەتنىڭ قەدىمكى مەدەنىيەت ئىزلىرى، قەدىمكى قەبرىلەرگە ئىگىدارلىق ھوقۇقى بولىدۇ.
2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە قەدىمكى مەدەنىيەت ئىزلىرى، قەدەىمكى قەبرىلەرنى ئوغرىلىقچە قازغان قىلمىشنى سادىر قىلغان بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ.
3. سۇبيېكتى - ئادەتتىكى سۇبيېكت بولىدۇ.
4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ.
328 - ماددا تارىخىي، بەدىئىي ۋە ئىلمىي قىممەتكە ئىگە قەدىمكى مەدەنىيەت ئىزلىرى، قەدىمكى قەبرىلەرنى ئوغرىلىقچە قازغانلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قىلمىشى يېنىكرەك بولغانلارغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ياكى رېجىم جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارغا 10 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى، مۇددەتسىز قاماق جازاسى ياكى ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ ياكى مال - مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىدۇ؛
(1) مەملىكەت بويىچە نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىق ئورنى ۋە ئۆلكە دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىق ئورنى قىلىپ بېكىتىلگەن ئورۇنلاردىكى قەدىمكى مەدەنىيەت ئىزلىرى، قەدىمكى قەبرىلەرنى ئوغرىلىقچە قازغانلار؛
(2) قەدىمكى مەدەنىيەت ئىزلىرى، قەدىمكى قەبرىلەرنى ئوغرىلىقچە قېزىش گۇرۇھىدىكى باش ئۇنسۇرلار؛
(3) قەدىمكى مەدەنىيەت ئىزلىرى، قەدىمكى قەبرىلەرنى كۆپ قېتىم ئوغرىلىقچە قازغانلار؛
(4) قەدىمكى مەدەنىيەت ئىزلىرى، قەدىمكى قەبرىلەرنى كۆپ قېتىم قازغان ھەمدە مەدەنىيەت يادىكارلىقلرىنى ئوغرىلىغانلار ياكى قىممەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ئېغىر دەرىجىدە بوزغانلار.
قەدىمكى ئىنسانلارنىڭ ۋە قەدىمكى ئومۇرتقىلىق ھايۋانلارنىڭ تاش قاتمىلىرىدىن دۆلەت قوغداۋاتقان ۋە ئىلمىي قىممەتكە ئىگە بولغانلىرىنى ئوغرىلىقچە قازغانلارغا ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.