رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىۋېلىش جىنايىتى
جىنايەت ۋە جازا
بۇ - قىلمىش سادىر قىلغۇچى رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى ئىگىدارىنىڭ رۇخسىتىنى ئالماي تۇرۇپ، بىر تۈردىكى تاۋارغا رويخەتكە ئېلىنغان ماركا بىلەن ئوخشاش ماركىنى ئىشلەتكەن ئېغىر قىلمىشنى كۆرسىتىدۇ.
1. ئوبيېكتى - دۆلەتنىڭ تاۋار ماركىسىنى باشقۇرۇش تۈزۈمى ۋە باشقىلارنىڭ رويخەتكە ئالدۇرغان تاۋار ماركىسىنى مەخسۇس ئىشلىتىش ھوقۇقى بولىدۇ.
2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە تاۋار ماركىسىنى باشقۇرۇش قانۇن بەلگىلىمىلىرىگە خىلاپلىق قىلىپ، باشقىلارنىڭ رويخەتكە ئالدۇرغان تاۋار ماركىسىنى ئىشلەتكەن قىلمىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ.
3. سۇبيېكتى - ئادەتتىكى سۇبيېكت (ئورۇنلار ۋە تەبىئىي شەخسلەر) بولىدۇ.
4. سۇبېيكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ.
213 - ماددا رۇيخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسى ئىگىدارىنىڭ رۇخسىتىنى ئالماي تۇرۇپ، بىر تۈردىكى تاۋارغا رۇيخەتكە ئېلىنغان ماركا بىلەن ئوخشاش ماركىنى ئىشلەتكەنلەردىن قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە ياكى ئايرىم جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قىلمىشى پەۋقۇلئاددە ئېغىر بولغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، يەتتە يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ.
220 - ماددا ئورۇنلاردىن مۇشۇ پاراگرافتىكى 213 - ماددىدىن 219 - ماددىغىچە بولغان ماددىلاردا بەلگىلەنگەن جىنايەتلەرنى ئۆتكۈزگەنلىرىگە جەرىمانە قويۇلىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ بىۋاستە جاۋابكار مەسئۇل خادىمىغا ۋە باشقا بىۋاستە جاۋابكارلىرىغا مۇشۇ پاراگرافتىكى ماددىلاردىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.
ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىكىنىڭ ئىقتىسادىي جىنايەت دېلولىرىنى سۈرۈشتۈرۈش ئۆلچىمى ھەققىدىكى بەلگىلىمىسى
(2001 - يىل 4 - ئاينىڭ 18 - كۈنى)
رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسى ئىگىدارىنىڭ روخسىتىنى ئالماي تۇرۇپ، بىر تۈردىكى تاۋارغا رويخەتكە ئېلىنغان ماركا بىلەن ئوخشاش ماركىنى ئىشلىتىپ، تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىگە چېتىشلىق بولغان بولسا سۈرۈشتۈرۈلىدۇ:
1) باشقىلارنىڭ رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى شەخسىي ئىشلىتىپ، قانۇنسىز تىجارەت قىلغان سوممىسى 100 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق بولغان بولسا؛
2) باشقىلارنىڭ رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى ئورۇن ئىشلىتىپ، قانۇنسىز تىجارەت قىلغان سوممىسى 500 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق بولغان بولسا؛
3) باشقىلارنىڭ داڭلىق تاۋار ماركىسىنى ياكى ئادەم ئىستېمال قىلىدىغان دورىلارنىڭ ماركىسىنى ئىشلىتىۋالغان بولسا؛
4) يۇقىرىقى سومما ئۆلچىمىگە يەتمىگەن بولسىمۇ، باشقىلارنىڭ رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىۋېلىپ ئىككى قېتىمدىن ئارتۇق مەمۇرىي جازاغا ئۇچرىغان تۇرۇقلۇق يەنە باشقىلارنىڭ رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىۋالغان بولسا؛
5) يامان تەسىر پەيدا قىلغان بولسا.