UyghurWiki
UyghurWiki422 جىنايەتھۆكۈم - كېسىمنى ئىجرا قىلىشتا مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىش جىنايىتى

ھۆكۈم - كېسىمنى ئىجرا قىلىشتا مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىش جىنايىتى

جىنايەت ۋە جازا ئەدلىيە خادىملىرىدىن ھۆكۈم - كېسىملەرنى ئىجرا قىلىشتا، ئېغىر دەرىجىدە مەسئۇلىيەتكە خىلاپلىق قىلىپ قانۇن بويىچە داۋادا ئامان ساقلاش تەدبىرىنى قوللانماي، قانۇندا بەلگىلەنگەن ئىجرا مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلماي، دەۋالاشقۇچىلار ياكى باشقىلارنىڭ مەنپەئىتىنى زور زىيانغا ئۇچراتقان قىلمىشقا قارىتىلغان. 399 - ماددا ھۆكۈم - كېسىمنى ئىجرا قىلىشتا ئېغىر مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىپ ياكى ھوقۇقىدىن كەلسە - كەلمەس پايدىلىنىپ، قانۇن بويىچە دەۋادا ئامان ساقلاش تەدبىرىنى قوللانماي، قانۇندا بەلگىلەنگەن ئىجرا مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلماي ياكى قانۇنغا خىلاپ ھالدا دەۋادا ئامان ساقلاش، مەجبۇرىي ئىجرا قىلىش تەدبىرىنى قوللىنىپ دەۋالاشقۇچىلار ياكى باشقىلارنىڭ مەنپەئىتىنى زور زىيانغا ئۇچراتقانلارغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ دەۋالاشقۇچىلار ياكى باشقىلارنىڭ مەنپەئىتىنى پەۋقۇلئاددە زور زىيانغا ئۇچراتقانلارغا بەش يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ. ئەدلىيە خادىملىرىدىن پارىخورلۇق قىلىپ قانۇننى بۇزۇپ، ئالدىنقى ئۈچ تارماقتىكى قىلمىشلارنى سادىر قىلغان، شۇنىڭ بىلەن بىللە مۇشۇ قانۇننىڭ 385 - ماددىسىدا بەلگىلەنگەن جىنايەتنىمۇ شەكىللەندۈرگەنلەر ئېغىرراق جازا بېرىش توغرىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايەت بېكىتىپ جازا بېرىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار 422 جىنايەت
ھۆكۈم - كېسىمنى ئىجرا قىلىشتا مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىش جىنايىتى | UyghurWiki | UyghurWiki