UyghurWiki
UyghurWiki422 جىنايەتدۆلەت ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇش جىنايىتى

دۆلەت ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇش جىنايىتى

جىنايەت ۋە جازا بۇ - دۆلەت ھاكىمىيىتى، سوتسىيالىستىك تۈزۈمنى ئاغدۇرۇشنى ئۇيۇشتۇرغان، پىلانلىغان، ئېلىپ بارغان قىلمىشلارنى كۆرسىتىدۇ. 1. ئوبيېكتى - خەلق دېموكراتىيىسى دىكتاتۇرلۇقىدىكى ھاكىمىيەت ۋە سوتسىيالىستىك تۈزۈم بولىدۇ. 2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە دۆلەت ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇش، سوتسىيالىستىك تۈزۈمنى ئاغدۇرۇشنى ئۇيۇشتۇرغان، پىلانلىغان، ئېلىپ بارغان قىلمىشلاردا ئىپادىلىنىدۇ. 3. سۇبيېكتى - ئادەتتىكى سۇبيېكتىپ بولىدۇ. 4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ. 105 - ماددا دۆلەت ھاكىمىيىتىنى ۋە سوتسىيالىستىك تۈزۈمنى ئاغدۇرۇش ھەرىكىتىنى ئۇيۇشتۇرغان، پىلانلىغان ۋە ئېلىپ بارغانلاردىن باش ئۇنسۇرلارغا ياكى جىنايىتى ئېغىرلىرىغا مۇددەتسىز قاماق جازاسى ياكى 10 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ؛ ئاكتىپ قاتناشقۇچىلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى، رېجىم جازاسى ياكى سىياسىي ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىش جازاسى بېرىلىدۇ. 106 - ماددا چېگرا سىرتىدىكى ئاپپاراتلار، تەشكىلاتلار ۋە شەخسلەر بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، مۇشۇ بابنىڭ 103 -، 104 -، 105 - ماددىلىرىدا بەلگىلەنگەن جىنايەتلەرنى ئۆتكۈزگەنلەرگە شۇ ماددىلاردىكى بەلگىلىمە بويىچە ئېغىر جازا بېرىلىدۇ. 113 - ماددا مۇشۇ بابتا ئېيتىلغان جىنايەتلەرنى ئۆتكۈزگەنلەرگە مال - مۈلكىنى مۇسادىرە قىلىش جازاسى قوشۇمچە بېرىلسە بولىدۇ. 56 - ماددا دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزگەن جىنايەتچىلەر قوشۇمچە سىياسىي ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىنىدۇ؛ قەستەن قاتىللىق قىلىش، باسقۇنچىلىق قىلىش، ئوت قويۇش، پارتلىتىش، زەھەر سېلىش، بۇلاڭچىلىق قىلىشقا ئوخشاش قىلمىشلىرى بىلەن جەمئىيەت تەرتىپىنى ئېغىر دەرىجىدە بۇزغان جىنايەتچىلەر قوشۇمچە سىياسىي ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىنسا بولىدۇ. سىياسىي ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىش جازاسىنى ئايرىم بېرىشتە، مۇشۇ قانۇننىڭ خاس پرىنسىپىدىكى بەلگىلىمىلەر ئاساس قىلىنىدۇ. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى قانۇنى (1993 - يىل 2 - ئاينىڭ 22 - كۈنى) 4 - ماددا ھەرقانداق تەشكىلات ۋە پۇقرا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە زىيان يەتكۈزىدىغان ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بارسا، جەزمەن قانۇنىي جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ. بۇ قانۇندا ئېيتىلغان دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە زىيان يەتكۈزىدىغان ھەرىكەتلەر چېگرا سىرتىدىك ئاپپاراتلار، تەشكىلاتلار، شەخسلەر ئېلىپ بارغان ياكى ئۇلارنىڭ كۆرسەتمىسى، ماددىي جەھەتتىن ياردەم بېرىشى بىلەن باشقىلار ئېلىپ بارغان ياكى چېگرا ئىچىدىكى تەشكىلاتلار ۋە شەخسلەر چېگرا سىرتىدىكى ئاپپاراتلار، تەشكىلاتلار ۋە شەخسلەر بىلەن ئۆزئارا تىل بىرىكتۈرۈپ ئېلىپ بارغان جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە زىيان يەتكۈزىدىغان تۆۋەندىكى ھەرىكەتلەرنى كۆرسىتىدۇ: (1) ھۆكۈمىتىمىزنى ئاغدۇرۇشقا، دۆلەتنى پارچىلاشقا، سوتسىيالىستىك تۈزۈمنى ئاغدۇرۇپ تاشلاشقا سۇيىقەست قىلىش؛ 23 - ماددا چېگرا سىرتىدىكى ئاپپاراتلار، تەشكىلاتلار، شەخسلەر ئېلىپ بارغان ياكى ئۇلارنىڭ كۆرسەتمىسى، ماددىي جەھەتتىن ياردەم بېرىشى بىلەن باشقىلار ئېلىپ بارغان ياكى چېگرا ئىچىدىكى تەشكىلاتلار، شەخسلەر چېگرا سىرتىدىكى ئاپپاراتلار، تەشكىلاتلار ۋە شەخسلەر بىلەن ئۆزئارا تىل بىرىكتۈرۈپ ئېلىپ بارغان جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان ھەرىكەتلەردىن جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرىنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ. 25 - ماددا چېگرا سىرتىدا تەھدىتكە ئۇچراش ياكى باشقىلارنىڭ ئازدۇرۇشى بىلەن دۈشمەن تەشكىلاتلىرىغا قاتنىشىپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللانغانلاردىن، ئۆز ۋاقتىدا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ چەت ئەللەردە ئاپپاراتلىرىغا ئەھۋالنى ئەينەن ئېيتقان ياكى ۋەتەنگە قايتقاندىن كېيىن بىۋاستە ياكى ئۆزى تۇرۇشلۇق تەشكىل ئارقىلىق ئۆز ۋاقتىدا دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىغا ياكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىغا ئەھۋالنى ئەينەن مەلۇم قىلغانلار سۈرۈشتۈرۈلمەيدۇ. ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنڭ بىدئەتچىلەر تەشكىلاتىنى تەشكىللەپ ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ سادىر قىلغان جىنايەت دېلولىرىنى بىر تەرەپ قىلغاندا قانۇنلارنى كونكرېت تەتبىقلاشقا دائىر بىر قانچە مەسىلە توغرىسىدىكى ئىزاھاتى (1999 - يىل 10 - ئاينىڭ 20 - كۈنى) 1 - ماددا جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 300 - ماددىسىدىكى <بىدئەتچى تەشكىلات> دېگەندە، دىن، يەل گۇمپىسى ياكى باشقا ناملار بىلەن قۇرۇلغان كاتتىۋېشى سىرلىقلاشتۇرۇلغان، خۇراپى سەپسەتىلەرنى ئويدۇرۇپ چىقىرىش، تارقىتىشتەك ۋاسىتىلەر بىلەن باشقىلارنى ئازدۇرۇپ، ئالداپ، ئەزا تەرەققىي قىلدۇرۇپ ۋە ئۇلارنى تىزگىنلەپ جەمئىيەتكە زىيان يەتكۈزگەن قانۇنسىز تەشكىلات كۆزدە تۇتۇلىدۇ. 7 - ماددا بىدئەتچىلەر تەشكىلاتىنى تەشكىللەپ ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ، دۆلەتنى پارچىلاش، دۆلەتنىڭ بىرلىكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش ياكى دۆلەت ھاكىمىيىتىنى ۋە سوتسىيالىستىك تۈزۈمنى ئاغدۇرۇش ھەرىكىتىنى ئۇيۇشتۇرغان، پىلانلىغان، ئېلىپ بارغان ۋە قۇتراتقانلارغا ئايرىم - ئايرىم ھالدا جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 103 -، 105 -، 113 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە جىنايەت بېكىتىپ جازا بېرىلىدۇ. 8 - ماددا بىدئەتچىلەر تەشكىلاتى ۋە بىدئەتچىلەر تەشكىلاتىنى تەشكىللەپ ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ دۆلەت قانۇنىنىڭ بىر تۇتاش يولغا قويۇلۇشىغا بۇزغۇنچىلىق قىلغان جىنايەتچىلەرنىڭ ھەرخىل ۋاسىتىلەر ئارقىلىق قانۇنسىز ئىگە بولغان پۇل - مېلىنى، جىنايەت ئۆتكۈزۈشكە ئىشلەتكەن قورال، تەشۋىقات بۇيۇمى قاتارلىقلارنى قانۇن بويىچە تاپشۇرتقۇزۇش، مۇسادىرە قىلىش كېرەك. 9 - ماددا بىدئەتچىلەر تەشكىلاتىنى تەشكىللەپ ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ، جىنايى ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بېرىشنى تەشكىللىگەن، پىلانلىغان، قوماندانلىق قىلغانلار ۋە قايتا - قايتا تەربىيە قىلسىمۇ ئۆزگەرمەي ئاكتىپ قاتناشقۇچىلارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى جىنايى ئىشلار قانۇنى ۋە مۇشۇ ئىزاھاتتىكى بەلگىلىمە بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ. ئۆزىنى مەلۇم قىلغان، خىزمەت كۆرسەتكەنلەر قانۇن بويىچە يېنىك، يېنىكلىتىپ جازالىنىدۇ ياكى جىنايى جازادىن كەچۈرۈم قىلىنىدۇ. بىدئەتچىلەر تەشكىلاتىغا قايمۇقتۇرۇلۇپ، مەجبۇرىي قاتناشقۇچىلار ھەمدە بىدئەتچىلەر تەشكىلاتىدىن قايتىپ چىققان ۋە ئۇنىڭغا قايتا قاتناشمىغانلارنى جىنايەت ئۆتكۈزدى دەپ بىر تەرەپ قىلىشقا بولمايدۇ. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ <ئىنتېرنېت تورى بىخەتەرلىكىگە ئائىت قارار> ى (2000 - يىل 12 - ئاينىڭ 28 - كۈنى) 2. دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىق ئۈچۈن، تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلىپ جىنايەت سادىر قىلغانلار جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرى بويىچە جىنايى ئىشلار جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ؛ 1( ئىنتېرنېت تورىدىن پايدىلىنىپ، پىتنە - ئىغۋا، تۆھمەت ياكى زىيانلىق ئۇچۇرلارنى تارقىتىپ، دۆلەت ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇشكا، سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى ئاغدۇرۇشقا قۇتراتقان ياكى دۆلەتنى پارچىلاش، دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى بۇزۇشقا قۇتراتقانلار؛
← بارلىق تېمىلار 422 جىنايەت