UyghurWiki
UyghurWiki422 جىنايەتئەسىرلەرنى ئاستىرتىن قويۇپ بېرىش جىنايىتى

ئەسىرلەرنى ئاستىرتىن قويۇپ بېرىش جىنايىتى

جىنايەت ۋە جازا بۇ - ھەربىيلەرنىڭ تەستىقلاشتىن ئۆتكۈزمەي تۇرۇپ ئەسىرلەرنى ئاستىرتىن قويۇپ بېرىش قىلمىشىنى كۆرسىتىدۇ. 1. ئوبيېكتى - ھەربىي قىسىمنىڭ ئەسىرلەرنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تۈزۈمى بولىدۇ. 2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە قىلمىش سادىر قىلغۇچى ئەسىرلەرنى قانۇنسىز ھالدا ئاستىرتىن قويۇپ بەرگەن قىلمىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ. 3. سۇبيېكتى - ھەربىيلەر بولىدۇ. 4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ. 447 - ماددا ئەسىرلەرنى ئاستىرتىن قويۇپ بەرگەنلەرگە بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ؛ مۇھىم ئەسىرلەرنى ئاستىرتىن قويۇپ بەرگەنلەرگە ياكى باشقا قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا بەش يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار 422 جىنايەت
ئەسىرلەرنى ئاستىرتىن قويۇپ بېرىش جىنايىتى | UyghurWiki | UyghurWiki