كرېدىت كارتوچكىسى ئالدامچىلىقى جىنايىتى
جىنايەت ۋە جازا
بۇ - كرېدىت كارتوچكىسىنى باشقۇرۇش قائىدە نىزاملىرىغا خىلاپلىق قىلىپ، ياسىۋالغان كرېدىت كارتوچكىسىنى ئىشلىتىش، بىكار قىلىنغان كرېدىت كارتوچكىسىنى ئىشلىتىش؛ باشقىلارنىڭ كرېدىت كارتوچكىسىنى ئۆزىنىڭ قىلىپ ئىشلىتىش، يامان غەرەزدە ئاشۇرۇپ چىقىم قىلىش قاتارلىق ئەھۋاللارنىڭ بىرىنى سادىر قىلىپ، كرېدىت كارتوچكىسى ئالدامچىلىقى قىلغان، سوممىسى كۆپرەك بولغان قىلمىشلارنى كۆرسىتىدۇ.
1. ئوبيېكتى - ئومۇمنىڭ، شەخسنىڭ مال - مۈلۈككە ئىگىدارچىلىق قىلىش ھوقۇقى ھەم دۆلەتنىڭ پۇل مۇئامىلە باشقۇرۇش تۈزۈمى بولىدۇ.
2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە كرېدىت كارتوچكىسىدىن پايدىلىنىپ ئالدامچىلىق پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بارغان قىلمىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ. كونكرېت شەكىللىرى مۇنداق بولىدۇ: بىرىنچى، ياسىۋالغان كرېدىت كارتوچكىسىنى ئىشلىتىش قىلمىشى، ئىككىنچى، بىكار قىلىنغان كرېدىت كارتوچكىسىنى ئىشلىتىش قىلمىشى، ئۈچىنچى، باشقىلارنىڭ كرېدىت كارتوچكىسىنى ئۆزىنىڭ قىلىپ ئىشلىتىۋېلىش قىلمىشى؛ تۆتىنچى، يامان غەرەزدە ئاشۇرۇپ چىقىم قىلىش قىلمىشى.
3. سۇبيېكتى - ئادەتتىكى سۇبيېكت بولىدۇ.
4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ.
196 - ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىنى سادىر قىلىپ كرېدىت كارتوچكىسى ئالدامچىلىقى قىلغانلاردىن، سوممىسى كۆپرەك بولغانلىرىغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 20 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 200 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ سوممىسى ناھايىتى كۆپ ياكى باشقا ئېغىر قىلمىشى بولغانلىرىغا بەش يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 500 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ سوممىسى پەۋقۇلئاددە كۆپ ياكى باشقا پەۋقۇلئاددە ئېغىر قىلمىشى بولغانلىرىغا 01 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 500 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ ياكى مال - مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىدۇ:
(1) ياسىۋالغان كرېدىت كارتوچكىسىنى ئىشلىتىش؛
(2) بىكار قىلىنغان كرېدىت كارتوچكىسىنى ئىشلىتىش؛
(3) باشقىلارنىڭ كرېدىت كارتوچكىسىنى ئۆزىنىڭ قىلىپ ئىشلىتىش؛
(4) يامان غەرەزدە ئاشۇرۇپ چىقىم قىلىش.
ئالدىنقى تارماقتا ئېيتىلغان يامان غەرەزدە ئاشۇرۇپ چىقىم قىلىش ياكى كارتوپكا ئىگىسىنىڭ قانۇنسىز ئىگىلىۋېلىش مەقسىتىدە بەلگىلەنگەن نورمىدىن ياكى بەلگىلەنگەن مۇددەتتىن ئاشۇرۇپ چىقىم قىلىش ھەمدە كارتوچكا تارقاتقان بانكا تاپشۇرۇشنى سۈيلىگەندىن كېيىنمۇ قايتۇرۇپ بەرمەسلىك قىلمىشىنى كۆرسىتىدۇ.
كرېدىت كارتوچكىسىنى ئوغرىلىغان ۋە ئىشلەتكەنلەرگە مۇشۇ قانۇننىڭ 264 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايەت بېكىتىپ جازا بېرىلىدۇ.
287 - ماددا كومپيۇتېردىن پايدىلىنىپ پۇل مۇئامىلە ئالدامچىلىقى، ھۆكۈمەت پۇلىنى ئوغرىلاش، خىيانەت قىلىش، ئىشلىتىۋېلىش، دۆلەتنىڭ مەخپىيىتىنى ئوغرىلاش جىنايىتى ياكى باشقا جىنايەتلەرنى ئۆتكۈزۈگەنلەرگە مۇشۇ قانۇندىكى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەر بويىچە جىنايەت بېكىتىپ جازا بېرىلىدۇ.
ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىكىنىڭ ئىقتسادىي جىنايەت دېلولىرىنى سۈرۈشتۈرۈش ئۆلچىمى ھەققىدىكى بەلگىلىمىسى
(2001 - يىل 4 - ئاينىڭ 18 - كۈنى)
كرېدىت كارتوچكىسى ئالدامچىلىقى قىلىپ، تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىگە چېتىشلىق بولسا سۈرۈشتۈرۈلىدۇ:
1) ياسىۋالغان ياكى بىكار قىلىنغان كرېدىت كارتوچكىسىنى ئىشلەتكەن ياكى باشقىلارنىڭ كرېدىت كارتوچكىسىنى ئۆزىنىڭ قىلىپ ئىشلەتكەن، ئالدامچىلىق قىلغان سوممىسى 5000 يۈەندىن ئارتۇق بولغان بولسا؛
2) يامان غەرەزدە ئاشۇرۇپ چىقىم قىلغان، سوممىسى 5000 يۈەندىن ئارتۇق بولغان بولسا.